HBO دا ئالقىشلانغان تېلىۋېزىيە تىياتىرى ‹ھوقوق ئويۇنى› نىڭ 8–بۆلۈمى يەنى ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە بىر يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ،يېقىندا ئەنگىلىيە خان جەمەتى پوچتىخانىسى ‹ھوقوق ئويۇنى › خاتىرە پوچتا ماركىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە 1–ئاينىڭ 23–كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.
ئىگەللىنىشىچە، مەزكۇر پوچتا ماركىسى 15 خىلدىن تەركىپ تاپقان بىر يۈرۈشلۈك بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 10 نەچچە پېرسوناژ ئاساس تېما قىلىنغان يەنى بۇنىڭ ئىچىدە سىنوۋ، ئەجدىھا ئانا، كىچىك ئالۋاستى، جام، سېرسى، ئەيلىيا، ساشا، نېد، ئوۋلىننا قاتارلىقلار بار.
پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تېلىۋېزىيە تىياتىرى ‹ھوقۇق ئويۇنى› گەرچە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرى بولسىمۇ، تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەقىقىي ‹ئەنگىلىيەنىڭ مەھسۇلاتى› ھېسابلىنىدۇ. فىلىمدىكى باش رولچىلارنىڭ ھەممىسى ئەنگىلىيەلىك ئىكەنلىكىدىن سىرت، كۆپ قىسىم سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىمۇ شىمالىي ئېرلاندىيەدە ئىشلەنگەن.
«mtime تورى»