• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھەممىڭلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا بىرتالاي قىزىقارلىق ھېكايە ئاڭلاپ باققان

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:24 08-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئادەتتە 4S دۇكىنىغا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىستېمالچى راستتىنلا ئاپتوموبىلنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنى ھەرقانداق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئوبدان بىلىدۇ. ئىستېمالچىلارغا ئوخشاشلا ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارمۇ ئادەتتىكى ئادەملەر بولغاچقا، بارلىق ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلنى مۇتلەق چۈشىنىشى ناتايىن. لېكىن ئىستېمالچىلارغا ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار ئىنتايىن تالانتلىقتەك، ئاپتوموبىلنى يىتىۋېتىدىغاندەك بىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ بەلكىم مۇشۇ كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. لېكىن مەن ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارنى كەسپىي ئاپتوموبىل مەسلىھەتچىسى دېگەندىن، كەسپىي سېتىش خادىمى دېگەنگە بەكرەك ئىشىنىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىزچىل ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەر بۇ گېپىمگە رەددىيە بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئاپتوموبىلنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدۇ.

    نەق گەپكە كېلەيلى. ئۇلار قانداق «جۆيلۈيدۇ»؟

    ئادەتتە ئاپتوموبىل سېتىش جەريانىدا ئىستېمالچىلار ئۇقۇم ئالماشتۇرىۋېتىش «ھادىسىسى»گە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: سىز ئىككى ئاپتوموبىلنى تاللاپ بولالماي كاللىڭىز قېتىپ كەتتى. ساتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى ئىككىلىنىشنى ھەرخىل سوئاللارنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرىۋالىمىزدە سىزنىڭ بۇرنىڭىزغا چۈلۈك ئۆتكۈزىمىز.

    ئەپەندىم، بىزنىڭ بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4882 مىللىمېتىر، لېكىن سىز دېگەن ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ بولسا 4799 مىللىمېتىر. كەڭلىكى بولسا 1928 مىللىمېتىر، لېكىن ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ 1926 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى گەرچە بىزنىڭكىدىن 30 مىللىمېتىر ئېگىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېگەن ئاپتوموبىلنىڭ يۈك تاق جاھازىسىنى قوشقاندىكى ئېگىزلىكى. ئۇنى ئېلىۋەتسە بىزنىڭكىدىنمۇ پاكار بولمامدۇ؟

    يېشىم: ئۆتۈنەي، ئاشۇ نەچچە مىللىمېتىر ئېگىزلىك، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ئۈچۈن بىر ئىككى ئاي ئىككىلىنىدىغان ئىستېمالچىلار يوق ئەمەس جۇمۇ. مۇنداق چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغانمۇ؟، ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىدە نۇرغۇن ئويۇنلار مەۋجۇت. زور كۆپچىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ كەڭلىكىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان كەڭلىككە ئاپتوموبىلنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكى قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بەلكىم بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكى چوڭ بولۇش سەۋەبلىك نەچچە مىللىمېتىر كەڭرەك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئولتۇرۇش بوشلۇقىنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا مېنىڭ تەۋسىيەم شۇكى، ئاپتوموبىلغا ئۆزىڭىز چىقىپ ئولتۇرۇپ بېقىپ، سىناپ بېقىپ يەكۈن چىقىرىڭ. نوقۇل سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقارغان يەكۈنىڭىز ئاساسەن خاتادۇر.

    ئاندىن يۇقىرىقى سۈرەتتە كۆرگەن ئاپتوموبىلدىكى پولنىڭ ئېگىزلىكى. زور كۆپچىلىك ئىستېمالچىلار بۇخىل كۆپۈپ چىقىپ قالغان پوللارنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. ئەلۋەتتە مەنمۇ ياقتۇرمايمەن. لېكىن مۇشۇنداق پول ئېگىز چىقىپ قالغان ئاپتوموبىل بىلەن پول تۆۋەن چىققان ئاپتوموبىلدا ئىككىلەنگەن ۋاقتىڭىزدا، بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى بار.

    -ئەپەندىم، سىز دېگەن شالىۋۇ دېگەن ماشىنىنىڭ پولنىڭ ئېگىزلىكى 32 مىللىمېىتر چىقىدۇ. ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ئادەم ئۈچۈن بۇ بىر ئىنتايىن ئازابلىق تۇيغۇ. بولۇپمۇ ئۇزۇن يولغا ماڭغاندا. لېكىن بىزنىڭ ناتاسان ماركىلىق ماشىنىنىڭ پولنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 2.8 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇن يولغا ماڭغاندا پۇتقا تاقاشمايدۇ. سىز ئەقىللىق ئادەم. بىر ئاڭلاپلا قايسىسىنىڭ ئېگىز ياكى تۆۋەنلىگىنى بىلىپ بولدىڭىز، دەپ ئويلايمەن.

    بولدى ما گەپنىڭ تېگىگە يەتكەن ئوقۇرمەنلەر ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن. ھەي بۇنىڭ بىرى 32 مىللىمېتىر، بىرى 28 مىللىمېتىر. پەقەت شۇ مىللىمېتىرنى سانتىمېتىرغا ئالماشتۇرىۋەتكەنلا يېرى بار. ئەلۋەتتە 2.8 سانتىمېتىر 28 مىللىمېتىردىن تۇنجى ئاڭلاشقا ئىنتايىن ئاز ئاڭلىنىدۇ. ئەمما يىغىپ كەلسىڭىز بۇ تۆت مىللىمېتىر ئارىلىق كەينىدە ئولتۇرغان كىشىنىڭ بەدەن قىياپىتىنى تولۇق ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك ئەمەسقۇ؟ لېكىن نۇرغۇن ئوقۇرمەن ھە... دەپ قايتىدىن ئىككىلىنىدۇ ۋە ئاپتوموبىل تاللاشتا ئىرادىسى تەۋرەپ قالىدۇ.

    بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر مىسال، ئاپتوموبىللارنىڭ يەر يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان ئېگىزلىكىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: بىر ئاپتوموبىلنىڭ يەر يۈزىدىن بولغان ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىكى 21 سانتىمېتىر دەيلى. ئىككىنچى بىرسىنىڭ بولسا 19 سانتىمېتىر. ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى ئاپتوموبىلنى سېتىۋاتقان ساتقۇچى ئەقىللىكرەك ئىنسان بولسا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ 21 سانتىمېتىر، بىزنىڭ 19 سانتىمېتىر دېمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ 21 سانتىمېتىر، بىزنىڭ 190 مىللىمېتىر دەيدۇ. گەپ ئارىلىقىدا گەرچە 19 سانتىمېتىر 21 سانتىمېتىردىن كىچىك بولسىمۇ، سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا كەينىدىكى سانتىمېتىر ياكى مىللىمېتىر كىرمەستىن، پۈتۈنلەي 21 بىلەن 190 نى سېلىشتۇرىسىز. چۈشەندۈرۈپ سېتىشنىڭ ئەڭ قالتىس يېرى دەل مۇشۇ يەردە ئەمەسمۇ.

    بۇ مىسالنى ئالغىنىمدىن كېيىن كۆپچىلىك نېمە ئۈچۈن بارلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئۇزۇنلۇقىنى 4.8 مېتىر، كەڭلىكىنى 1.9 مېتىر دەپ ئالماي، 4800 مىللىمېتىر ۋە 1900 مىللىمېتىر دەپ ئالىدىغىنىنى چۈشەنگەن بولسا ھاردۇقۇم چىقىدۇ.

    قىزىۋاتىدۇ ھە بالىلار؟ ئەمىسە يەنە داۋاملاشتۇرايلى.

    -ئەپەندىم، سىز دېگەن ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىنىڭ قەلىيى 2 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا. بىزنىڭ بولسا 2.3 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا. سىز بۇ ئاران 0.3 مىللىمېتىر قېلىن ئىكەنغۇ دەپ سەل قارىماڭ. ئاپتوموبىل قاتتىق سوقۇلغاندا بۇ 0.3 مىللىمېتىر قېلىنلىق بەلكىم جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئارتۇق خەجلىگەن نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىڭىزغا جېنىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالسىڭىز ئەرزىيدىغاندۇ؟ سىز ئەقىللىق ئادەم. قانداق تاللاشنى بىلىسىز.

    مانا! مەن بۇنى تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاپتوموبىل سېتىش تەجرىبىسى دەپ يەكۈنلەيمەن. بۇ بىر قانچە ئېغىز گەپ بىلەنلا دىيارىمىزدا داڭلىق «توك توك»چىلار بارلىققا كەلدى. چۈنكى بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېتىش خادىملىرى ئىشىكىنى چېكىپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز دەپ توك–توك ئىككىنى ئۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بارلىق ئاپتوموبىل چۈشىنىدىغان ھەم چۈشەنمەيدىغان ئىستېمالچىلار بۇ ئېقىمغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتى. قارىماققا خېلى بىلىملىك كىشىلەرمۇ 4S دۇكانلىرىغا بېرىپ دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل چۈشىنىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشىكلىرىنى چېكىپ قويىدۇ ھەم دوستلىرىغا بۇ بىخەتەركەن، بۇ بىخەتەر ئەمەسكەن دېگەن «تېخنىكىلىق» باھالاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

    قارىماققا ئىنتايىن كەسپىي كۆرۈنگەن بۇخىل ئەھۋال ئاپتوموبىل چۈشىنىدىغانلارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈلكىلىك ھەم ھاماقەتلىك ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. مەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى چېكىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك يەكۈنىنىڭ قانداق كېلىپ چىققىنىنى مۇنداق ئانالىز قىلدىم. ئادەتتە نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ئېلىپ ساتقۇچىلار ئاپتوموبىللارنىڭ قايتا سىرلانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئىشىكلىرىنى ياكى باشقا قەلەيلىرىنى چېكىپ باقىدۇ. ئەگەر زاماسكا قانچە قېلىن بولسا بۇ چوقۇم نەچچە رەت سىرلانغان بولۇشى مۇمكىن. قايتقان ئاۋازمۇ شۇنچە توم ھەم قاتتىق چىقىدۇ. بۇخىل ئاۋاز كىشىگە بىرخىل قاۋۇل ھەم كۈچلۈكتەك ئاڭلانغان بولغاچقا، بارا–بارا تەرەققىي قىلىپ يېڭى ئاپتوموبىللارنى سېتىشتىكى ۋاسىتە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ھەرقانداق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىنى چەككەندىكى ئاۋازىنى شۇنچە توم ھەم قاتتىق قىلغىلى بولامدۇ؟

    ئەلۋەتتە بولىدۇ. يۇقىرىقى سۈرەتتىكىسى ئاۋاز ئايرىش قەغىزى. بۇخىل قەغەزنى چاپلاش ئارقىلىق سىرتتىن كىرگەن شاۋقۇننى ئاز–تولا تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئاپتوموبىلغا پۈتۈنلەي ئاۋاز ئايرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلغان بولسا نەرىدىكى قەلىيىنى چەكسىڭىز، مۇشۇ قەغەزنى چاپلىغانلا يەر بولسا شۇنداق توم ھەم قاتتىق چىقىدۇ. دېمەك مۇشۇنى ئاڭلاپلا بىر ئاپتوموبىلنى شۇنچە بىخەتەر دەمدۇق؟

    ياق ياق ياق. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى قاپ قەلىيىنىڭ ھېچقانداق بىخەتەرلىك بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇ بىر زىننەت بۇيۇمى خالاس. ئاپتوموبىلنىڭ قىياپىتىنى ھەرخىل ۋە چىرايلىق كۆرسىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. لېكىن بۇنى زورلاپ قېلىن بولسا بىخەتەر دەپ تۇرىۋالسىڭىز مەيلى ئىختىيارىڭىز. ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارمۇ دەل مۇشۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ «توك توك»چىغا ئايلىنىپ چىقىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ خالاس.

    ئاددىي مىسال ئېلىپ بېرەي. يۇقىرىقى سۈرەتتىكى بىنانىڭ تاشقى قىياپىتى ئاساسەن ئەينەك بىلەن قورشالغان. ئەگەر بىنانىڭ بارلىق ئەينەكلىرىنى ئېلىۋەتسەك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشەمدۇ؟ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتسە بىنانى خەتەرلىك، ئۆرۈلۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان دەمدۇق؟ ئاپتوموبىلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا خالاس.

    شۇنداق قىلىپ مەلۇم ئىستېمالچى مەلۇم ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ 4S دۇكىنىغا كىرىپ مەلۇم ئاپتوموبىلنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى سىيلاپ بېقىپ، موتور قاپقىقىنى ئاچتى. ئاندىن سىلىق سىپايىلىك بىلەن ئاپتوموبىل ساتقۇچىغا قاراپ:

    -قارا ئۇكام، مەن كۆرگەن شالىۋۇ دېگەن ماشىنىنىڭ ماتور قاپقىقى پەيزە ئېچىلىدىكەن. تىرىگۈچىسى سۇيۇق بېسىملىق ئىكەن. سىلەرنىڭ بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يوق ئىكەن. نېمانداق قولايسىز؟

    -ئاكا، سىز بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز. مۇشۇ ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ دىققەت قىلىپسىز. (بىر تالاي قۇرۇق گەپ بىلەن بۇ ئاكاشنى ئۆزىگە قارىتىۋالغاندىن كېيىن)، شۇنداق، بىزنىڭكى بۇ ماتور قاپقىقىنى قول بىلەن ئاچىمىز. لېكىن سىز ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ، بۇ ماتور قاپقىقىنى ئاپتوموبىلنى ئاسرىغاندا ياكى ئەينەك سۈيى قاچىلىغاندىلا ئاچىسىز. شۇڭا بۇنى مۇشۇنداق ئاددىي لايىھەلىگەن. بۇنىڭ پۇلىنى تېجەش ئارقىلىق باشقا سەپلىمىلەرنى كۆپرەك چىقارسا، سىلەرگە ئوخشاش ئىستېمالچىلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەمدۇ؟ ئەكسىچە، سىز دېگەن ئۇ ماشىنىنىڭ ماتور قاپقىقىنىڭ ئۇنداق لايىھەلىنىشىدىكى سەۋەب ماتورىدىن دائىم كاشىلا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئېچىپ يېپىشقا قولايلىقتەك قىلسىمۇ، شۇ دائىم ئېچىپ ياپىدىغان بولغاچقا شۇنداق قىلمىسا ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە قارىتالمايدۇ- دە؟ بىزنىڭ بۇ ماركىدىكى ماشىنىنىڭ يولدا قالغىنىنى كۆرۈپ باققانمىتىڭىز؟ ئەكسىچە ئۇ ماشىنىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مەن تېخى ئەتىگەن ساي يولىدا بىرنى، گۇاڭخۇي كۆۋرۈكى ئۈستىدە بىرنى كۆردۈم. ئاغزىنى يوغان ئېچىپ توختىتىپ قويۇپتۇ.

    ئاھ... ئەڭ ئەقىللىق سېتىش خادىمىلا ھېكايە توقۇيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز دائىم ئۇنداق بۇزۇلۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنى ئۇچرىتىپ تۇرمايسىز. پەقەت گېپى ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلىسىز خالاس.

    پەيزى بوۋاتىدۇ ھە؟ يەنە بىرنى مىسالغا كەلتۈرەي.

    ھېلىقى بىر يىلى مەلۇم ئاپتوموبىل ماركىسى ئاپتوموبىل ئىشىكىگە بىر توپ كىشىلەر چىقىۋېلىپ تاراق تۇرۇق مىدىرىتىپ بولۇپ، قاراڭلار! بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىمۇ مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە چىڭ ھەم پۇختا. مۇشۇنچىۋالا ئادەمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن قايسى بىر ماركا مۇشۇ ئىشنى قىلالىدى؟

    ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقات ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن باشقا ئاپتوموبىل ماركىلىرى قىلالمامدۇ؟ قىلالايدۇ! قىلماسلىقىدا ئىككى سەۋەب بار. بىرى بولسا كاللىسىغا مۇشۇنداق تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى كەلمىدى. يەنە بىرسى بولسا پەقەت ئەھمىيىتى يوق دەپ ئويلىدى.

    لېكىن قايسى بىر ئىستېمالچى ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشىكىگە يامىشىپ چىقىپ ئۆمۈچۈك پالۋان ياكى ئۇچار ئادەمنى دوراپ ئوينايدۇ؟ قاراشقا بۇنداق قىلغاندا ئاپتوموبىل ئىشىكى ئىنتايىن پۇختىدەك قىلسىمۇ، كۆپچىلىك دىققەت قىلمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئاپتوموبىل ئىشىكىدە تۇرۇپ سەكرىگەن ۋاقتىمىزدا بۇ كۈچ ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ۋە سىلكىنىشنى تۆۋەنلەتكۈچ تەرىپىدىن ئاساسەن يوق قىلىنىۋېتىدۇ. قېنى قايسى ئاپتوموبىل ساتقۇچى ئاپتوموبىل چاقىنى ۋە سىلكىنىشنى تۆۋەنلەتكۈچنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ مۇشۇ سىناقنى قىلالايدۇ؟ بۇمۇ ئۇقۇم ئالماشتۇرىۋېتىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

    مەلۇم بىر ھەرىكەتچانراق، ئەمما سەل ئەرزان ئاپتوموبىل سېتىلىدىغان ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىغا كىرىپ قالدىڭىز. بىر ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ سىناپ باقاي دېگەن بولسىڭىز، ئاپتوموبىل ساتقۇچى سىزگە تۆۋەندىكىدەك ئاچقۇچنى قولىڭىزغا تۇتقۇزدى.

    سىز چوقۇم بۇ زاپاس ئاچقۇچىما دەپ سورايسىز. بۇنىڭ جاۋابى بولسا: ئەپەندىم، سىز بىلمەيدىكەنسىز. بۇ بىزنىڭ فارارىدىن ئۆگەنگەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمىز. ھەقىقىي سپورت ئاپتوموبىلىنىڭ قېنى بار ئاپتوموبىللارلا مۇشۇنداق ئاچقۇچنى ئىشلىتىدۇ. مۇشۇنداق ئاچقۇچتا ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىلا ھەقىقىي سپورت ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. قېنى سىناپ بېقىڭە!

    بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بەكلا كۆپ. ئەگەر سىزنىڭ ھېكايە ئاڭلىغىڭىز كېلىپ قالسا، ئىچىڭىز پۇشۇپ قالسا 4S دۇكىنىغا بېرىپ ئاپتوموبىللاردىن مەسلىھەت ئېلىپ كەلسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ. خېلى ئۆزگىچە ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىسىز.

    يۇقىرىقىلىرى سىز دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش داۋامىدىكى ئۆزگىچە قالتىس ھېكايىلەر بولۇپ، بۇلارنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىشتىن مەقسەت، بەزى ئۇششاق، مۇھىم ئەمەس ھالقىلار ئۈچۈن ئانچە ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىپ كەتمەڭ، بەزى ھالقىلار ئۇنچە مۇھىم ئەمەس دېمەكچى. بۇ يەردە ئاپتوموبىل ساتقۇچىلارنى مازاق قىلىش ۋەياكى چۈشۈرۈشتەك مەقسەت يوق. ئەگەر سىز ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان ئاپتوموبىل ساتقۇچىغا ئۇچرىسىڭىز سىزنىڭ تەلىيىڭىز، بەلكىم ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. مۇھىمى سىزگە نەپ تەگسۇن دېمەكچى. كېيىن ئاپتوموبىل تاللىغاندا بىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك ھالقىلار ھەققىدىمۇ توختىلىمەن.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى