• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «ھوقۇق ئويۇنى » نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمى 2019-يىلى قويۇلىدىكەن

    مەنبە : news.mtime.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:45 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    HBO نىڭ مۇقىملاشتۇرىشىچە، تېلىۋېزىيە تىياتىرى«ھوقۇق ئويۇنى» نىڭ 8–بۆلۈمى يەنى ئەڭ ئاخىرقى بۆلىمى 2019–يىلى قويۇلىدىكەن، لېكىن قويۇلىدىغان كونكىرت ۋاقىت تېخى ئاشكارىلانمىغان؛ بۇ بۆلۈم پەقەت 9 قىسىملا بولۇپ ، داۋىد.بىنىئوف ۋە D·B·ۋېس تىن ئىبارەت ئىككى باش ئىجادكار فىلىمنىڭ رېژىسسور ۋە سىنارىيەلەشتۈگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،«ھوقۇق ئويۇنى » نىڭ 8–بۆلۈمىنى سۈرەتكە ئېلىش بۇلتۇر 10–ئايدا باشلانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل يازدا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بۆلۈم پەقەت 9 قىسىملا بولۇپ قىسىم سانى ئەڭ ئاز بولغان، ئەمما مۇستەقىل ھېكايىلەرنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن ھەم تولۇق بولغان بىر بۆلۈم ئىكەن. 7–بۆلۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى 80 مىنۇت بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ھېسابلىنىدىكەن، 8–بۆلۈمدە ھەممە قىسمىنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ 80 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدىكەن. 8–بۆلۈمدىكى ھەربىر قىسىمنىڭ تەننەرخى 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىدىكەن.

    7–بۆلۈم قويۇلۇش جەريانىدا فىلىم تەپسىلاتى ئاشكارلىنىپ كىتىشتەك ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارغا يولۇققان بولۇپ، بۇ قېتىم شۇنىڭدەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن HBO نىڭ پىروگىرامما مەسئۇلى Casey Bloys ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمدە سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ھەرخىل يەكۈنلەرنى ئوتتۇرغا قويغان، ھەتتا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرمۇ زادى قايسىسىنىڭ ھەقىقىي يەكۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.

    «mtime تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى