• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بەدىنى ئاجىز ئەرلەرنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۇسۇلى

    مەنبە : uyghur.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:14 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەرلەر جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئېرى، بالىلارنىڭ ئاتىسى، خوجايىنلارنىڭ ياخشى خىزمەتچىسى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بېسىمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى تال زەئىپلىشىش، كېچىلەپ ئىشلەش، ساختا سېمىزلىك، جىگەر ياخشى بولماسلىق، بۆرەك زەئىپلىشىشكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. جۇڭگو تېبابىتى مۇشۇ بەش خىل ئەھۋالغا ئاساسەن بەدىنى ئاجىزلاشقان ئەرلەرنىڭ تۆت خىل قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

    بۆرەك زەئىپلىشىشىنىڭ ئالامىتى: كېچىدە كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، بەل تېلىپ، پۇتتا ماغدۇر قالماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، دېمى سىقىلىش، قۇلاق غوڭۇلداش ـ ياخشى ئاڭلىيالماسلىق، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش، ئاسان زۇكام بولۇش، قول-پۇت سوۋۇپ، سوغۇقتىن قورقۇش.

    بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئەرلەرنىڭ قىشتا قۇۋۋەت تولۇقلاشتىكى ‹‹بىرىنچى ئىشى››. بۆرىكى زەئىپلەشكەن ئەرلەردە كۆپىنچە بېلى تېلىش، قول-پۇتى سوۋۇش، پۇتىدا ماغدۇر قالماسلىق، جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، قۇلىقى غوڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قىش پەسلىدە ئوزۇقلۇق ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاشتا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ مۇسپىيلىكنى تۇراقلاشتۇرۇش، قاننى قۇۋۋەتلەپ، زېھنىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

    قۇۋۋەتلەش پىرىنسىپى: بۆرىكى زەئىپلەشكەن ئەرلەر قىش پەسلىدە بەدىنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بېلىق، راك، كۈدە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، تائۇرېن، ئارگىنىن ۋە سىنىكلەر مول. ھايۋانلارنىڭ قامچىسىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشتىكى ئېسىل تاللاش ھېسابلىنىدۇ. قىش پەسلىدە ئىسسققا مايىل، بولۇپمۇ بۆرەكنىڭ مۇسپىيلىكىنى ئىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول، بۆرەكنى ئىللىتىپ، مەنىينى كۆپەيتىدىغان، يۇقىرى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: قوي گۆشى بەدەننىڭ زەئىپلىكىنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ئىممونىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇنداقلا مۆتىدىل مېۋىلەرنىمۇ يەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: چوڭ چىلان، ھالۋا بېدىت قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا قان ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ مەنىينى كۆپەيتىدۇ، بەدەننىڭ سۇغۇقتىن زەئىپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى: كىرەش-زەنجىۋىل-قوي گۆشى شورپىسى. 20 گىرام كىرەش، 30 گىرام زەنجىۋىل (ھۆل)، 500 گىرام قوي گۆشى، سېرىق ھاراق، خۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش كېرەك. قوي گۆشىنى پاكىز يۇيۇپ، پارچە-پارچە توغراپ، كىرەش، زەنجىۋىل، سېرىق ھاراق ۋە خۇرۇچلارنى قوشۇپ، بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە دۈملەپ پىشۇرۇپ، گۆشىنى يەپ شورپىسىنى ئىچىش كېرەك.

    ساختا سېمىز ئەرلەر قانداق قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك؟ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شۇنى كۆرسەتتىكى، دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش نىسبىتى 22.8 پىرسەنت، سەمىرىپ كەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى 7.1 پىرسەنتكە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر مۇنچىلىرى ساختا سېمىزلەرگە كىرىدىكەن. سېمىزلىك بولسا، كۆپلىگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك غەيرىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

    بەدەننى قۇۋۋەتلەش پىرىنسىپى: ساختا سېمىز ئەرلەر ماي ۋە ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونتىرول قىلىشى، مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، تۇز ۋە تېتىتقۇ قاتارلىق خۇرۇچلارنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. قورۇما قورىغاندا، ماينى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن: سۇدا پىشۇرۇش، مايسىز دۈملەپ پىشۇرۇش، خام سەي قىلىش قاتارلىقلار.

    ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش لايىھەسى: بېلىق، راك ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ بەدەننى قۇۋۋەتلىگەندە ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ، كىچىك قىزىلپۇرچاق شورپىسى، كۆك كاۋا شورپىسى قاتارلىق مايسىز سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قوي گۆشىنىڭ تەركىبىدە لىۋوتروپىك گۆش ئىشقارى بار بولۇپ، ماينىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا ساختا سېمىز ئەرلەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

    جىگىرى ياخشى بولمىغان ئەرلەر بەدىنىنى قانداق قۇۋۋەتلەش كېرەك؟ ھاراق ئىچىش مۇناسىۋەت سورۇنىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولغاچقا، بىر مۇنچە ئەرلەر ھاراق ئىچىشنى تۇرمۇشىدىكى ئادەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. ئىسپىرت ‹‹تۇيدۇرماي››لا ئەرلەرنىڭ جىگىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جىگىرىنىڭ فونكىسىيەسى ياخشى بولمىغان ئەرلەردە ئاسانلا چارچاش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قەي قىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

    بەدەننى قۇۋۋەتلەش پىرىنسىپى: بۇ خىل ئەرلەر قىش پەسلىدە بەدەننى قۇۋۋەتلىگەندە، يۇقىرى ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، ئىسسىقلىق مىقدارى مۇۋاپىق ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك.

    ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش لايىھەسى: بېلىق، راك، توخۇ گۆشى، كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئاقسىل، ئامىنوكىسلاتاسى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىنىپ پايدىلىنالايدۇ. كىچىك قىزىلپۇرچاق، چوڭ چىلانمۇ بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. چۈشلۈك تاماقتا كۈدە-تۇخۇم قورۇمىسى، پالەك-ئىنچىكە توغرالغان كالا گۆشى قورۇمىسى، شوخلا-تۇخۇم شورپىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. تېرىق ئۇمىچى، چېچەكسەي-گۆش دۈملىمىسى، كىچىك قىزىلپۇرچاق-كارپ بېلىقى شورپىسى قاتارلىقلار جىگىرى ياخشى بولمىغان ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كەچلىك تامىقى ھېسابلىنىدۇ.

    «خەلق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى