• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كەلگۈسى 20 يىلدا تاشقى پىلانېت جانلىقلىرى بايقىلىشى مۇمكىن

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:08 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى 20 يىلدا ھاياتلىق ئىزنالىرى بار ئاسمان جىسىملىرى بايقىلىشى مۇمكىنكەن، ئۇلار ھازىر ساتۇرننىڭ ئىككىنچى ھەمراھى ۋە يۇپىتېرنىڭ ئىككىنچى ھەمراھىدا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇد بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ ھالقىلىق ئامىللىرى ئاساسلىقى سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بىلەن ئاتموسفېرادىكى گازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقى پىلانېت جانلىقلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار زور دەرىجىدە كۆپەيدى. 1930-يىلى پىلۇتوننى بايقاش ئابىدە خاراكتېرلىك ئۇلۇغ ئىش ھېسابلانغانىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 3500 دىن ئارتۇق پىلانېت بايقالدى.

    بىر پىلانېتتا ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش-كەلمەسلىك نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ پىلانېتلارنىڭ ئارىلىقى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ ئارىلىق پىلانېتلارنىڭ يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ بار-يوقلقىنى بەلگىلەيدىكەن. ئەگەر ئارىلىق بەك يېقىن بولسا، پىلانېت يۈزىدىكى سۇ ھورغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن، ئەگەر بەك يىراق بولسا، مۇز تۇتۇپ كېتىدىكەن.

    ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى يەر شارىنىڭ قانداقلا يېرى قۇملۇق ياكى جەنۇبىي قۇتۇپ، ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستى ياكى يەر پوستىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت ئازراق سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بولسىلا، ھاياتلىق داۋاملىشىشى مۇمكىنكەن، شۇڭا بۇ تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى يەنىلا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇدا ئىكەن.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى