• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گۇگول Pixel 2 ياكى ئالما iPhone 8نى سېتىۋېلىشنىڭ 5 باھانىسى

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:03 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەگەر بىر ئالما مەستانىسى راستتىنلا يانفونىنى Android يانفونىغا ئالماشتۇرماقچى بولسا، ئۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا گۇگول Pixel 2 نى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھازىرچە باشقا Android يانفونلىرىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى iOSقا ئۇنچە يېقىنلاشمايدىكەن. ئەگەر سىز يانفون دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىسىڭىز، لېكىن iPhone X نى ساقلىغىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا Pixel 2 گە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، گۇگولمۇ ھازىر ئاستا-ئاستا ئالما بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلىۋېتىپتۇ، ئەمما iPhone 8 بىلەن Pixel 2 دىن قايسىسىنى تاللايسىز؟ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قارىشىنى تەپسىلىي بىلىپ باقايلى.

    ئاۋۋال Pixel 2 نى تاللاشنىڭ باھانىسى ئۈستىدە توختىلايلى. كامېرا جەھەتتە، Pixel 2 نىڭ كامېراسىنىڭ سەپلىمىسى iPhone 8 بىلەن ئوخشايدۇ. بىراق گۇگولنىڭ بۇ بايراقدار ئەقلىيفونىنىڭ كامېرا سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە پات ئارىدا Pixel 2 ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان Pixel Core Visual سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچنى ھازىرلىغان. لېكىن گېپىمىزگە كەلسەك، iPhone 8 نىڭ كامىراسىمۇ ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ئۇ Pixel 2 بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس.

    ياڭراتقۇ ۋە ئاۋازدىن قارىغاندا، ئىككى يانفون 3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكىدىن ۋاز كەچتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەممىسى كۆك چىشنى قوللايدۇ. بىراق Pixel 2 ئالدىغا ئورنىتىلغان ئىستېرېئولۇق ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئاۋاز جەھەتتىكى نۇقسانىنى تولۇقلىدى. Pixel 2 نىڭ ياڭراتقۇسىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ، iPhone بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Pixel 2 نىڭ ئاۋاز جەھەتتە قىلغانلىرى تېخىمۇ كۆپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۈن چاستوتىڭىزنى تېخىمۇ توغرا يەتكۈزىدۇ.

    سەپلىمە جەھەتتە، گۇگول بۇ قېتىم Pixel 2ئۈچۈن Google Pixel Buds نى تەييارلىدى، Google Pixel Buds نىڭ ئىلھامى ئالما AirPods دىن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي تىل ياردەمچىسىنى جۈپلەشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، شۇڭا Pixel 2نى ئىشلەتكەندىمۇ سىمسىز تىڭشىغۇچ ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، Pixel 2 بىلەن 8 iPhone ئوخشاش.

    كىشىلەر Android Oreo نى ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ. Android Oreo Pixel 2 ئۈچۈن نۇرغۇن نوچى نەرسىلەرنى تەييارلىدى، ھالبۇكى بۇ ئىقتىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى iOS تا تېخى يوق، بىراق قايسى مەشغۇلات سىستېمىسى تېخىمۇ ياخشى دېگەندە، ئىزچىل ھەر كىم ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدۇ.

    ئاخىرىدا، Google Photos بىلەن Google Lens نىڭ قۇدرىتى بەلكىم سىزنى Pixel 2 گە ئاشىق قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، گۇگول ماشىنا ئۆگىنىش ۋە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى Siri دىن ئىلغار، بۇنداق قاراشقا قوشۇلامسىز يوق بىلمىدىم؟

    ئەمدى iPhone 8 نى تاللاش باھانىسى ئۈستىدە توختىلايلى. لايىھە جەھەتتە، iPhone 8 نىڭ لايىھەسى Pixel 2 دىن تېخىمۇ ياخشى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، Pixel 2 نىڭ بىر سەت رامكىسى بىلەن غايەت زور «پېشانىسى» ۋە «ئېڭىكى» بار بولۇپ، iPhone 8 نىڭ نەپىس لايىھەسىگە قارىغاندا، Pixel 2 نىڭ قىلغانلىرى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

    ئىچكى ساقلىغۇچنى تاللاش جەھەتتە، iPhone 8 تېخىمۇ ياخشى قىلالىغان. گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسى 64 گېگابايتتىن باشلانسىمۇ، لېكىن Pixel 2 ئەڭ يۇقىرى بولغاندا پەقەت 128 گېگابايتنى قوللايدۇ، ئەمما iPhone 8 ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 256 گېگابايتنى قوللايدۇ، ئىككىلىسى SD كارتا كېڭەيتىشنى قوللىمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىچكى ساقلاش بوشلۇقىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار ئۈچۈن، iPhone 8 ئەڭ ياخشى تاللاش.

    ھەممىمىز بىلىمىز iPhone 8 سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، بىراق Pixel 2 نىڭ دۈمبىسى ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان، دېمەك، ئۇ سىمسىز زەرەتلەشنى قوللىمايدۇ.

    ئەمدى يەنە شۇ سىستېمىغا كەلدۇق، iPhone 8 گە iOS 11 قاچىلانغان، iOS 11 بىزگە ئوخشاشلا تېخىمۇ كۆپ نوچى يېڭى ئىقتىدارلار ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى. دېسەك يەنىلا شۇ گەپ، قايسى مەشغۇلات سىستېمىسى تېخىمۇ ياخشى دېگەندە، ئىزچىل ھەر كىم ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدۇ.

    ئەڭ ئاخىرىدا ئېكران ئۈستىدە توختىلايلى. گەرچە iPhone 8 نىڭ ئېكرانى OLED ئېكران بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن قالتىس. ئۇ ئوخشاشلا ئادەمنى ئەيمەندۈرىدىغان بىر قاتار تېخنىكىلارنى ھازىرلىغان، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن يانفونلارنىڭ ئېكرانى ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالىدۇ.

    بۇ Pixel 2 ياكى iPhone 8 نى تاللاشتىكى باھانىلەرنىڭ سىزگە پايدىسى بولدىمۇ يوق؟

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى