• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا بۇ ئۇچرىسا ئۇدۇل سوقىۋېتىش كېرەك، ئىككىلىنىشكە بولمايدۇ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:00 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرگەندە بىر پارچە تاش ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاۋابى ئاپتوموبىلنى قاچۇرۇش. كۆپ ھاللاردا تاش بىرقەدەر قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ، ئۇدۇل بېرىپ سوقۇلغاندا ئاپتوموبىلنىڭ تەگلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ئادەم ئاپتوموبىلنى قاچۇرۇشنى تاللايدۇ. ئەگەر بۇ تاشنى كىچىك ھايۋانغا ئۆزگەرتسەكچۇ؟ بۇ ۋاقىتتىكى جاۋابتا ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ. بەزىلەر دەيدۇ: ھايۋانمۇ بىر جانلىق، شۇڭا ئەلۋەتتە قاچۇرۇش كېرەك. بۇ كۆپ ھاللاردا يېڭى شوپۇرلار ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئانچە كۆپ چىقىپ كەتمەيدىغانلارنى جاۋابى. لېكىن كونا شوپۇرلارنىڭ جاۋابى بولسا ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك، يەنى ئۇدۇل بېرىپ سوقۇش.

    بىز ئاۋۋال شوپۇرنى يېڭى-كونا دەپ ئايرىماي تۇرايلى، نۇرغۇن ئادەم ھايۋاندىمۇ بىر جان بار، شۇڭا ئۇدۇل بېرىپ سوقساق بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا بىز ئاپتوموبىلنى قاچۇرماقچى بولساق قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ سىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتىسىز، تۇيۇقسىز ئالدىڭىزغا بىر كىچىك ھايۋان چىقىپ قالدى، بۇ ۋاقىتتىكى ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئەگەر قاچۇرىمەن دېسىڭىز رولنى قاتتىق بۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىل كونتروللىقىنى يوقىتىپ ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇخىل ھادىسىدىن كېلىپ چىققان مىساللار ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، بىخەتەرلىك ھەممىدىن مۇھىم.

    1. ئەگەر ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100دىن تۆۋەن بولسا، ئامال بار ئوتتۇرىدىكى يۈرۈش يولىدا ھەيدەڭ. نورمال ئەھۋالدا، ئىچىدىكى يول بولسا ئاپتوموبىل يانداش يولى، سائەتلىك سۈرئىتى 100 دىن يۇقىرى 120 دىن تۆۋەن، شۇڭا ئەگەر سىز 120 لىك يولدا تاشپاقىنىڭ سۈرئىتىدە يول يۈرسىڭىز،باشقىلارنىڭ تىللىشىغا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى يەنە سوڭدىشىپ كېتىش ۋەقەلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭىز مۇمكىن.

    2. ئاپتوموبىل يۈرۈش ئارلىقىنى ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا، سۈرئەت ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، بىرەر ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئاپتوموبىلنى تومۇزلىغاندا ئەگەر يېتەرلىك تورمۇز ئارلىقى بولمىسا ئاسانلا سوڭدىشىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    3. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەرگىزمۇ ھېسىيات بىلەن ئىش قىلماسلىق كېرەك، ئاپتوموبىلىڭىزنى ياندىسا يول بېرىڭ، بولمىسا سىزدىن كېتىدىغىنى پەقەت پۇللا بولماسلىقى مۇمكىن.

    4. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كېتىۋاتقاندا رولنى قاتتىق بۇراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، بولمىسا ئاپتوموبىل كونتروللىقىنى يوقىتىپ، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

    5. ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قىستىلىپ كىرىۋېلىش ۋە ياكى باشقا خەتەر يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، تۇنجى بولۇپ قىلىدىغىنىڭىز يول ئۆزگەرتىش بولماستىن بەلكى سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، چۈنكى سۈرئەتنى ئاستىلىتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان يول ئۆزگەرتىپ كېلىپ چىققان زىياندىن كىچىك بولىدۇ، جىددىي ئەھۋالدا سىز ئوڭ ياكى سول تەرىپىڭىزدە ئاپتوموبىل بار-يوقلىقىغا دەرھال ھۆكۈم قىلىپ بولالمايسىز.

    6. ئامال بار سول تەرەپتىن يانداش كېرەك، ئاپتوموبىل ياندىغاندا ھەرگىز سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، سېگنال ياكى چىراق ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدىدىكى شوپۇرنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، چوقۇم دەرھال يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك، يىغىپ ئېيتقاندا ئاپتوموبىل يانداشنىڭ پرىنسپى: قانچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يانداپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز شۇنچە بىخەتەر بولىدۇ.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى