• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بىر يۈەن پۇل بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:47 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھازىر نۇرغۇن كىشى: مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلىمەكتە، بىر يۈەن پۇل بىلەن قىلالايدىغان ئىش كۆپ ئەمەس، قورساق تويغۇزغىلى بولمايدۇ، كىتاب سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كىنو كۆرگىلى بولمايدۇ، دەپ ئاھ ئۇرۇشىدۇ. ئەمما مۇئەللىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ باققاندىن كېيىن، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر بىر يۈەن پۇلغا يەنە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

    بىر يۈەن پۇلغا ئورتاق ۋېلسىپىتنى بىر ئاي مىنگىلى بولىدۇ

    2016- يىلىدىن باشلاپ، قىزىل، سېرىق، كۆك، قىزغۇچ سېرىق، ئالتۇنرەڭ ۋېلىسپىتلەر چوڭ- كىچىك كوچا- يوللاردا پەيدا بولۇپ، مەكتەپ، ئاپتوبۇس بېكىتى، مېترو بېكىتى قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، شەھەرنىڭ بىر يارقىن مەنزىرىسىگە ئايلاندى.

    سىز پەقەت يانفونىڭىزغا بىر ئەپ چۈشۈرۈپ، بەلگىلىك رەنە پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، بىر يۈەن ھەق تاپشۇرسىڭىزلا بىر ۋېلىسپىتنى مىنىپ كېتەلەيسىز، بۇنداق يول يۈرۈش شەكلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىق ياراتتى. ئورتاق ۋېلىسپىت كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتكىلى، شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئورتاق ۋېلىسپىت نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار توپىدىن ۋېلىسپىت مىنىدىغانلار توپىغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن مىترو بېكىتى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى ئوتتۇرىسىدىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىگە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسى تەمىنلىدى.

    نۆۋەتتە، ئورتاق ۋېلىسپىتىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سائەتلىك ھەققى بىر يۈەن، ئەمما ofo غا ئوخشاش بىر قىسىم شىركەتلەر «بىر يۈەنگە بىر ئاي مىنىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، چۆپقەت توپلىماقتا.

    «بىر يۈەنلىك سوئال- جاۋاب» بىلىمنى قىممەت دەۋرىگە باشلاپ كىردى

    ھازىر ئالاقە تورىنىڭ بىلىم مەھەللىسىدە سوئال-جاۋاب كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جاۋاب بەرگۈچىلەر، سوئال سورىغۇچىلار ۋە يولۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، سوئال سورىغۇچىلار سوئال سورايدۇ، كەسىپ ئەھلىلىرى جاۋاب بېرىدۇ، يولۇچىلار سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ، ھېچقانداق پۇل تاپشۇرمايدۇ. كىشىلەر بىلىم ۋە ئىجادىي مەزمۇننىڭ قىممىتىنى تەدرىجىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، «بىر يۈەن خەجلەپ جاۋابىنى كۆرۈش» مۇ نۆۋەتتە مودا بولۇۋاتقان سوئال- جاۋاب ئەندىزىسىگە ئايلانماقتا.

    مەسىلەن: ھازىر بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئاۋازلىق جاۋاب بېرىش يۇمشاق دېتالى «بۆلۈنمە جاۋاب»، بۇنىڭ مەشغۇلات ئەندىزىسى مۇنداق: A Bدىن سوئال سورايدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق تاپشۇرىدۇ؛ C بولسا Aنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئەمما ھەر بىر قېتىمدا بىر يۈەن تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇ پۇلنى A بىلەن B يېرىمىدىن بۆلۈشۈۋالىدۇ. «بۆلۈنمە جاۋاب» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا دوستلار چەمبىرىكىدا مودا بولۇپ كەتتى، ئەمما بۇنىڭ مودا بولۇشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ۋاڭ سىسۇڭنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىدا، ئۇ ئىلگىرى بىر كۈن ئىچىدە 32 سوئالغا جاۋاب بەرگەن، ئۇ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سەرپ بولغان بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، ۋاڭ سىسۇڭدىن سوئال سورىغان نۇرغۇن كىشىمۇ ئوخشاشلا راسا پايدا ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «سىز ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ھاياتىڭىزدا يەنە سېتىۋالالمايدىغان نەرسىڭىزمۇ بارمۇ؟» دېگەن سوئال جەمئىي 56 مىڭ 160 قېتىم ئاڭلانغان، بۇ سوئالنى سورىغۇچى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقان.

    ۋەكىل خاراكتېرغا ئىگە يەنە بىر خىل سوئال- جاۋاب ئۇسۇلى مىكروبلوگدا چىقىرىلغان «سوئال-جاۋاب» دېتالىدۇر، بۇ مەھسۇلاتنى يۈرۈشتۈرۈشتە مىكروبلوگ پېشىۋالىرىغا سورالغان سوئالغا باھا بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، مەستانىلەر مىكروبلوگ پېشىۋالىرىغا ھەق تۆلەپ سوئال سورايدۇ، مىكروبلوگ پېشىۋالىرى ماقالە يېزىش شەكلى ئارقىلىق سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قانداق مەستانىلەر بىر يۈەن تاپشۇرۇپلا جاۋابنى كۆرەلەيدۇ، ئاخىرىدا مەسىلىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن مەستانىلەر جەلىپ قىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىلىدۇ.

    مەيلى ئاۋازلىق سوئال-جاۋاب ياكى خەتلىك سوئال-جاۋاب بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى «بىلىمگە ھەق تۆلەش» تىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    بىر يۈەنلىك تور دەرسى ئىنتايىن قولاي

    ئالاقە تورى ئىگىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى تور دەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەربىيەلىگۈچىلەر تورغا يۈزلىنىپ، داڭلىق تور ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن ئەپ دېتاللىرى ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرلىرىدا تور دەرسى چىقىرىلىپ، زامان-ماكاننىڭ چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، جايلار، ھەر خىل ياش قۇرامىدىكىلەر، ھەر خىل كەسىپتىكى كىشىلەر ئىنتايىن ئاز ھەق تاپشۇرۇپلا، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنەلەيدىغان بولدى، بەزىدە ۋاقىت يار بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۈن-سىن ماتېرىيالىنى قايتا قويسىلا بولىدۇ.

    ئۆگىنىش كۇرسىغا تىزىملىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزى قىزىقىدىغان مەزمۇننى ئۆگىنىشكە بولىدۇ، بۇ ئىش كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاممىۋى ئۈندىدار نومۇرلىرى يېزىقچىلىق، مەھسۇلات، تىجارەت قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرىدىغان تور دەرسى تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسپىي خادىملارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە زور قولايلىق ياراتتى.

    تور دەرسىنىڭ ھەققىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس، مەسىلەن: 150 قىسىملىق ئىنگلىز تىلى ئاساسى دەرسىگە ئەزا بولغانلارغا باھادا ئېتىبار بېرىلگەندىن سىرت يەنە ئېتىبار بېلىتىنىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ، شۇنداق ھېسابلىغاندا بىر قىسىمى بىر يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. باھاسى ئەرزان ھەمدە ۋاقتى، ئورنى جانلىق بولغان پائالىيەتلەر نۇرغۇنلىغان تور دەرسى ئابونتلىرىنى جەلىپ قىلىدۇ. جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇرى مەركىزى ئېلان قىلغان «40- قېتىملىق جۇڭگو تور دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشچە، 2017-يىلى 6-ئايغا قەدەر، تور مائارىپى ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 144 مىليونغا، ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %19.2 كە يەتكەن.

    بىر يۈەنلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق رەسىمىنىڭ كۈچى زور

    ئىلگىرى بىر مەھەل ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە مودا بولغان «كىچىك دوست رەسىم كارىدورى» ئېسىڭىزدىمۇ؟

    تېڭشۈن شىركىتى باشلامچىلىق قىلغان «سەنئەت ئارقىلىق ھاياتلىقنى جۇلالاندۇرۇش» باش تېما قىلىنغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىئانە پائالىيىتىدە، پەقەت بىر يۈەن پۇل خەجلىسىڭىزلا بېكىنىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار سىزغان بىر پارچە رەسىمنى سېتىۋالالايسىز، ئەمما بۇ رەسىمنى ئېلىپ كېتىپ ئۆيىڭىزنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويالمايسىز، بۇ رەسمىنى پەقەت يانفونىڭىزنىڭ ئېكران قوغداش سۈرىتى قىلسىڭىز ياكى دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇنسىڭىز بولىدۇ.

    بۇ تۈر جەمئىيەتتىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، بېكىنىۋېلىش كېسىلى، مېڭە پارالىچى، دوۋن يىغىندا كېسىلى قاتارلىق ئەقلىي قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، ساخاۋەت پۇللىرى بۇ كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

    بىر يۈەننىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ، بۇ تۈردە جەمئىي 36 پارچە ئىجادىي رەسىم بار، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا نىشانلىق مەبلەغ جۇغلاش سوممىسى 15 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئىئانە قىلغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 810 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپلىگەن «ئىنتېرنېت + ئاممىۋى پاراۋانلىق» پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە تېخىمۇ چېلىقماقتا، يېڭىلىق يارىتىلغان ئاممىۋى پاراۋانلىق شەكلى ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتىلمىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئازغىنە كۈچىمىز مېھىر- مۇھەببەت ئوكيانى بولۇپ توپلاندى.

    بىر يۈەنگە 20 پارچە ئېلكىتاب كۆرگىلى بولىدۇ، مال ئېسىل، باھاسى ئەرزان

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە ئوقۇش كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىشىدىكى يېڭى شەكىلگە ئايلىنىش بىلەن بىللە، نەشىر ھوقۇقى ئورگانلىرى ۋە ئىنتېرنېت كارخانىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشمەكتە. بىر ئادەم بىر يۈەنلا خەجلىسە ياخشى كىتابلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ھەمبەھىر ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى نامايان بولىدۇ.

    كيۇكيۇدا ئوقۇشنى مىسال ئالساق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل 4- ئايدىكى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نىڭ ئالدى-كەينىدە «بىر يۈەنلىك بوغچا» چىقىرىلدى، كىشىلەر بىر يۈەن خەجلەپلا ھازىر مودا بولۇۋاتقان 20 پارچە كىتابنى ئوقۇيالايدۇ، «ئىككى يۈەنلىك بوغچا» ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىتابلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئامازون، داڭداڭ تورى قاتارلىق كىتاب ساتىدىغان كونا تور بېكەتلەرمۇ بۇ يىل كەينى- كەينىدىن «بىر يۈەنگە كىتاب ئوقۇش» پائالىيىتىنى چىقاردى، ئۇلار شۇ ئايلىق سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مودا بولۇۋاتقان كىتابلارنى تاللاپ، ھەر ئايدا قەرەللىك تۈردە بىر يۈەنلىك ئېلكىتابلارنى تورغا چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، شېڭدا ئەدەبىياتى، جىنجياڭ ئەدەبىياتى، چىديەن تورى قاتارلىق كۆپچىلىككە تونۇش بولغان كىتاب ئوقۇش تور پونكىتلىرىمۇ «بىر يۈەنگە نادىر ھېكايە ئوقۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چىقاردى.

    ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ئەندىزىسى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە نىسبىتەن ئىنتايىن ياخشى تاللاشتۇر، قىزىق نۇقتا ۋە بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتقان كىتابلارنى ئېلېكترونلۇق كىتابقا ئايلاندۇرۇپ، بىر قەدەر ئەرزان باھادا تەڭ بەھرىلىنىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىگە، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

    بىر يۈەنلىك ھەمبەھىر توكدان ھەممەيلەنگە قولايلىق

    سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىققاندا يانفوندا توك قالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ھازىر سىز پەقەت ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش، ھەق تاپشۇرۇش، توك قاچىلاش تەرتىپى ئارقىلىق بىر قانچە سېكۇنت ئىچىدىلا ھەمبەھىر توكداننى ئىشلىتەلەيسىز. نۆۋەتتە، نۇرغۇن سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، KTV خانىلار، مېھمانسارايلاردا ھەمبەھىر توكدان بارلىققا كەلدى، بۇنى بىر سائەت ئىشلەتسىڭىز ئاران بىر يۈەن خەجلەيسىز.

    «لەيديەن»نى مىسال ئالساق، ئابۇنتلار بۇلتۇردىن باشلاپ ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ 100 يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ، توك قاچىلاپ بولۇپ قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، زاكالەت پۇلى ئالاقىدار سچوتقا قايتىدۇ. ئەگەر چىقىمدان ئابونتلىرىنىڭ كۈنجۈت ئىشەنچ نومۇرى 600 دىن ئاشسا، زاكالەت پۇلى تاپشۇرمايلا توك قاچىلىيالايدۇ. ئابۇنتلار ھەمبەھىر توكداننى بىر سائەتكىچە ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتەلەيدۇ، بىر سائەتتىن ئاشقاندىن كېيىن ھەر سائىتىگە بىر يۈەندىن ھەق ھېسابلىنىدۇ، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ھەق ئېلىش سوممىسى 10 يۈەندىن ئاشمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىدە يەنە سانلىق مەلۇمات سىمى بار، ئەمما بۇ پەقەت سېتىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ باھاسى 10 يۈەن.

    ھازىر ئازغىنا بىر يۈەن پۇلغا گەرچە تۈزۈك بىر نەرسە كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىر پارچە ئامراق كىتابىڭىزنى كۆرۈشكە، بىر سائەت ۋېلىسپىت مىنىشكە، يانفونغا توك قاچىلاشقا ياكى بىر سائەت ئەھمىيەتلىك دەرس ئاڭلاشقا يېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تور ۋە ھەمبەھىر ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۆۋەن تەننەرخلىق نەرسىلەر ئەتراپىمىزدا كۆپ، بىر يۈەن پۇلغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەھمىيەت نەرسە سېتىۋېلىشقا تىرىشىڭ.

    سىزنىڭچە، بىر يۈەن پۇلغا يەنە قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى