• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغاندا قانداق ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:45 06-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بىرىنچى: ئالەم بوشلۇقىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىش

    ئالەم قاتنىشى كىيىمى خۇددى بىر كىچىك يەككە ئالەم ئۇچقۇسىغا ئوخشايدۇ، كاشىلا كۆرۈلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. 2013-يىلى ئىتالىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى لۇكا (Luca Parmitano) بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغاندا، دۇبۇلغىسىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىدۇ، ئالەم قاتنىشى كىيىمىنىڭ ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەچكە، دۇبۇلغا ئىچىدىكى سۇ ئۇنىڭ كۆزى، قۇلىقى ھەمدە بۇرنىنى توسۇۋالىدۇ.

    ئۇ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغاچقا مېڭىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئالەم قاتنىشى كىيىمىدە مەسىلە كۆرۈلگەن تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەمەس. 2001-يىلى كانادالىق ئالەم ئۇچقۇچىسى كرىس (Chris Hadfield)نىڭ سول كۆزى سانجىپ ئاغرىيدۇ ھەم ياش ئېقىشقا باشلايدۇ، ئاندىن، ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. ئالەم قاتنىشى كىيىمى ئىچىدىكى زەھەرلىك گازنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئالەم قاتنىشى كىيىمى ئىچىدىكى ئوكسىگېننى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق زەھەرلىك گاز چىقىرىۋېتىدۇ.

    ئىككىنچى: ئۇچۇپ كېتىش

    گەرچە نۆۋەتتە تېخى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىدا يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، كرىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇ ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش ئىكەن. ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان ھەرقانداق ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بەدىنىگە 26 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارغامچا باغلاپ قويۇلىدىكەن. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئادەتتە ھەمراھى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغاندا بۆلۈمچىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنى باغلىۋالىدىكەن.

    گەرچە بۇ بىر ئېھتىماللىق كىچىك ھادىسە بولسىمۇ، ئەگەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى راستتىنلا ئۇچۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ كرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گاز پۈركۈش سومكىسىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئۇچۇپ قايتىپ كېلىۋالسا بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: قانلىرى قايناپ كېتىش

    ئالەم قاتنىشى كىيىمى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئەجەللىك زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋاكۇئۇمدا ئىنسانلارنىڭ بەدىنى نورمال چوڭلۇقتىن ئىككى ھەسسە كېڭىيىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسى (Joseph Kittinger) جوسىف كىتىنگېر 1960-يىلى پاراشوت بىلەن سەكرەش داۋامىدا بۇنى بايقىغان، ئۇنىڭ پەلىيى پاراشوت بىلەن سەكرىگەندە چۈشۈپ قېلىپ، قولى ئادەم قورققىدەك دەرىجىدە ئىششىپ كەتكەن، يەر يۈزىگە قايتقاندىن كېيىن يەنە ئەسلى ھالىتىگە كەلگەن.

    ئەگەر ئالەم قاتنىشى كىيىمى بۇزۇلۇپ كەتسە ئۇنداقتا ئالەم ئۇچقۇچىسى 15 سېكۇنتتىن كېيىن ئوكسىگېن يېتىشمەي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئالەم قاتنىشى كىيىمى تەمىنلىگەن بېسىم مۇھىتى بولمىسا، ئادەمنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بەدەندىكى گازلارنىڭ كېڭەيتىشى سەۋەبلىك قايناپ كېتىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىللىك ئۇچقۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولمىسىمۇ، باشقا ئامىللارمۇ جاننى ئالىدۇ.

    تۆتىنچى: چارچاش

    بۇلتۇر 10-ئايدا ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى سكوت كېللىي (Scott Kelly) بىلەن كجېل لىندگرىن (Kjell Lindgren) ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغاندا، يەتتە سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مېخانىك بىلەكنى سىلىقلاش، كابېل ۋە زاپچاسلارنى تىزگىنلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان.

    ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىشقا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ، قىسمەن سەۋەب شۇكى، 160 كىلوگىراملىق ئالەم قاتنىشى كىيىمى ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق يوقاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى چوڭ، ناھايىتى مۇرەككەپ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر ئورۇندا مەلۇم بىر ئاددىي ۋەزىپىنى ئورۇندىمايدۇ، مەسىلەن: ئۇلار كۇلۇچنى بۇرىغاندا بەدىنىمۇ تەڭ ئايلىنىدۇ، دېمەك، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىنى تاماملىشىغا نۇرغۇن كۈچ كېتىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەنە كۈچىنى بەدىنىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېغىرلىقنى يوقاتقان شارائىتتىكى بىر قېتىملىق قارىماققا ئاددىي تۇيۇلغان ۋەزىپىدىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھېرىپ ئۆلەي دەپ قالىدۇ.

    بەشىنچى: نامەلۇم ئامىللار

    1965-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالېكسىي لېئونوۋ (Alexey Leonov) ئالەم بوشلۇقىدا 12 سائەت مېڭىپ ئالەم بوشلۇقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل قالغان. چۈنكى ئىنژېنېرلار ئالەم قاتنىشى كىيىمىنىڭ بېسىمسىز شارائىتتا كېڭىيەلەيدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان، شۇڭا ئالېكسىي لېئونوۋ بۆلۈمچىگە قايتالمىغىلى تاس قالغان. دەل شۇنىڭدىن كىيىن، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېد ۋايىت (Ed White)مۇ بىر قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئالەم قاتنىشى كىيىمىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلگەن.

    ئالەم بوشـلـۇقـىـنـى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى دۇچ كەلگەن نامەلۇم ئامىللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، كرىس مۇنداق دېدى: ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قىلماقچى بولغىنى بارلىق ئىنچىكە مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئالدىن تەييارلىق قىلىش، بۇ مەسىلىلەرگە ھەقىقىي دۇچ كەلگەندىمۇ قورقۇپ كەتمەسلىك.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى