• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قاتناش ھادىسىسىدىن كېيىن بۇ بەش پارچە سۈرەت كەم بولسا بولمايدۇ

    مەنبە : uygur.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:20 05-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    نۆۋەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ، شەھەرلەردە توسۇلۇش ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاپتوموبىل كۆپ، ئادەم كۆپ يوللاردا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بەزىبىر سۈركىلىشلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. كىچىك ھادىسە بولسا، كۆپچىلىك ئادەتتە تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشنى تاللايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ ھەم قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بىراق ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، بەزى يېڭى شوپۇرلارنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئېھتىيات قىلمىسا ئالدىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

    مەلۇم بىر شوپۇر مۇنداق بىر ئەھۋالغا ئۇچرىغان: پىراۋا ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سىرتقا چىققاندا ئارقىدىكى ئاپتوموبىل ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنى سوقۇپ قويغان ھەمدە قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا يېڭى شوپۇر قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى ئورنىدىن يۆتكەپ، يول بويىغا توختاتقان. نەتىجىدە، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ سوقۇپ قويغانلىقىدىن تېنىۋالغان. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

    1. تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى

    بۇنداق كىشىلەر بىلەن تالىشىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ھادىسىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىۋېلىش كېرەك. بەزىدە يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئاپپاراتىمۇ بۇلۇڭ گىرادۇسى سەۋەبىدىن ھادىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ھادىسە يۈز بەرگەندە سۈرەتكە تارتىپ ئىسپات ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

    نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردە «يېنىك يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» بويىچە، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، زىيان سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان ھادىسىلەرنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى يول بويىغا توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتسەكلا بولىدۇ. ئادەتتە سۇغۇرتا شىركىتى ياكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئىگىسى تارتىۋالغان سۈرەتنى ئاساس قىلىدۇ.

    شۇڭا، قاتناش ساقچىلىرى شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىۋېلىش، سۈرەتكە تارتقاندا توغرا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تارتىش لازىم.

    توغرا تۇرۇش دېگەنلىك، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ تارتىش، يانتۇ تارتماسلىق لازىم. بۇلۇڭ گىرادۇسى توغرا بولمىسا، قاتناش ساقچىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تارتىش دېگەنلىك بولسا، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىش، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل يولى، يول سىزىقى قاتارلىقلارنى چوقۇم چىقىرىپ تارتىش لازىم. تۆۋەندە شوپۇر دوستلارغا توغرا سۈرەتكە تارتىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    2. قاتناش ھادىسىسىنى سۈرەتكە تارتىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

    1) پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرەت. ئاپتوموبىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقى (ئىككى پارچە)

    ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاۋۋال ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدا تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتىشى، سۈرەتكە تارتقاندا ئاپتوموبىل سۈرىتى ئېكران (يانفون ياكى كامېرا)نىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، سۈرەتكە تارتقاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاتناش سىزىقلىرىنىمۇ چىقىرىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوموبىل يولىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىش لازىم. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئاساسلىقى قاتناش ساقچىسىنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ كونكرېت ئورنىغا ھۆكۈم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈندۇر.

    2 ) سوقۇلغان ئورۇننىڭ تەپسىلىي سۈرىتى . ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇلۇپ زەخىملەنگەن قىسمىنى چوڭايتىپ سۈرەتكە تارتىش، سۈرەت ئېنىق بولۇش، سوقۇلۇشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە سىزىلغان جاينىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇشى لازىم. ئاپتوموبىلدىكى ياكى يېنىمىزدىكى مەلۇم بۇيۇمنى بەلگە جىسىم قىلىپ، سوقۇلغان جاينىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىۋالساقمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە قاتناش ساقچىسىنىڭ ھادىسىنىڭ تەپسىلاتنى چۈشىنىشىگە قولايلىق بولىدۇ.

    3) مەركىزى سۈرەت. ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ- سول ئىككى تەرەپ سۈرىتى (ئىككى پارچە)

    مەركىزى سۈرەت دېگىنىمىز، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ نىسپىي ئورنى ھەمدە ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ يولدىكى نىسپىي ئورنىنى سۈرەتكە تارتىش بولۇپ، ئاپتوموبىل سۈرەتتە تۆتتىن ئۈچ نىسبەتنى ئىگىلىسە بىر قەدەر مۇۋاپىق. ئاپتوموبىلنى يۆتكەشتىن بۇرۇن چاقنىڭ ئورنىغا بەلگە سېلىپ قويغاندا، ئاپتوموبىلنى يۆتكىۋەتكەن تەقدىردىمۇ نەق مەيداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

    دېمەك، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، چوقۇم يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بەش پارچە سۈرەتنى تارتىۋېلىش لازىم، بۇنداق بولغاندا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى