• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بوتولكىسى 6كىلوگىرام ئالتۇندىن ياسالغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ۋودكا ھارىقى ئوغرلاندى

    مەنبە : www.chinanews.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:07 05-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 1–ئاينىڭ 2–كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت Russo-Baltique ۋودكا ھارىقى دانىيەدىكى بىر قاۋاقخانىدىن ئوغرلاپ كېتىلگەن. سۈرەتتىكى دەل يۇقىرى باھالىق ۋودكا ھارىقى بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە بۇ بىر بوتۇلكا ھاراق 1 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىكەن.

    بۇ ۋودكا ئوغرلانغان قاۋاقخانىنىڭ ئىسمى Cafe 33 بولۇپ، دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگېنغا جايلاشقان، قاۋاقخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھاراق قاۋاقخانىنىڭ يەر ئاستىدىكى ھاراق ھاقلاش ئۆيىدىن ئوغرلاپ كېتىلگەن.

    بۇ ھاراقنىڭ شۇنداق قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەبى بۇ ھاراقنىڭ بوتۇلكىسىنى ياساشقا 3 كىلوگىرام سېرىق ئالتۇن ۋە 3 كىلوگىرام ئاق ئالتۇن كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت بوتۇلكا 1912–يىلدىكى مونتېكارلو كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان Russo-Baltique ئاپتوموبىلىنىڭ لايىھەسى ئىشلىتىلىپ ياسالغان.

    قاۋاقخانا خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھاراق يېرىم يىل بۇرۇن روسىيەدىن ئىجارىگە ئېلىنىپ كىلىنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى سىنغا ئېلىۋالغان كۆرۈنۈشىنى ئاشكارلىغان، ھاراقنى ئوغىرلىغۇچىلار كالتەك توپ شەپكىسى كىيۋالغان ۋە يۈزىگە ماسكا تاقىۋالغان ئىككى ئەر كىشى ئىكەن.
    «جۇڭگو ئاخبارات تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى