• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭى يىل كىرىشى بىلەن سامسۇڭ ئەگمە يۈزلۈك CJ791 ئېكرانىنى ئېلان قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:46 04-01-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەگمە ئېكران تېلېۋىزور ساھەسىدە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشقا باشلىدى، ئەمما ئۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە يېتەرسىزلىكلىرى بار. ئەگەر ئەگمە ئېكرانلىق تېلېۋىزور، دېرىزە ياكى قۇياش نۇرىغا توغرىلىنىپ قالسا قايتقان نۇر كۆرۈۋاتقان كىشىنىڭ كۆزىنى چاقىدۇ. ئىشلىتىلىش مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كومپيۇتېر ئابۇنتلىرى بۇنداق مەسىلىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرىمايدۇ. بۇ خىل ئەگمە ئېكرانغا يېقىن ئولتۇرۇپ كۆرگەن چاغدا ئەگمە ئېكراندا چىقىۋاتقان مەزمۇن خۇددى نەق مەيداندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. يېڭى يىلدىن كېيىن، سامسۇڭ شىركىتى ئەگمە ئېكرانىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى چاقماق 3 QLED ئېكرانى-- 34 دىيۇملۇق CJ791 ئېكرانىنى ئېلان قىلدى.

    CJ791 ئېكرانى چاقماق 3 چاتقۇ ئېغىزى ئارقىلىق توك قوبۇل قىلىدۇ. CJ791 ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 3440×1440غا، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك نىسبىتى 21:9غا يېتىدۇ، شۇنداقلا يەنە 4msدىن تۆۋەن ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىغا ئىگە. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، پەقەت بىر تال چاقماق 3 سىمى بىلەنلا ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە خاتىرە كومپيۇتېر ئابۇنىتلىرى چوڭ ئېكراننى چېتىپ ئىشلىتەلەيدىكەن. چاقماق 3 چاتقۇ ئېغىزى 40 Gbps سۈرئەتتىكى كەڭ بەلباغ سىگنالنى قوللايدىغان بولۇپ Type-C خاتىرە كومپيۇتېر، Mac كومپيۇتېر ۋە سىرتقى ساقلىغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى چېتىشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.

    چاقماق 3 ئېكرانى MacBook Pro بىلەن ئەڭ ياخشى ماسلىشىدۇ، بىراق ئۇ يەنە Windows / Linux ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ قوللايدۇ. CJ791 ئېكرانىنىڭ ئەگرىلىك نىسبىتى 1500Rگە، كۆرۈش بۇلۇڭى 178 گىرادۇسقا يېتىدۇ. نۆۋەتتە سامسۇڭ شىركىتى بۇ ئېكراننىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە بازارغا سېلىنىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان. شۇڭا كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى 2018-يىللىق ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغىنى ياخشى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى