• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بېرلىندا بەش كۈن ئىچىدە توققۇز مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:42 04-01-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېرلىننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان Pl?tzensee تۈرمىسى مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تاراتقۇلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالدى: 2017-يىلى 28-دېكابىردىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش مەھبۇس غەلىبىلىك ھالدا تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن 30-چېسلا يەنە بىرسى قاچتى، 2018-يىلى يېڭى يىل كۈنى يەنە ئىككى مەھبۇس قاچتى!

    قىسقىغىنە بەش كۈندە جەمئىي توققۇز مەھبۇس تۈرمىدىن قاچتى، كىنولاردىمۇ بۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەيتى!

    ھالبۇكى، 28-دېكابىردىكى تۇنجى قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش دېلوسىدىكى تۆتەيلەننىڭ ۋەقەسى سەل دراماتىك بولدى: ئەمگەك قىلىدىغان سېخنىڭ يېنىدىكى پار قازانخانىدا ئۇلار ئاۋۋال بولقا بىلەن شامال ئۆتۈشۈش ئېغىزى ئىچىدىكى بېتون تۈۋرۈكنى چېقىپ، ئاندىن توكلۇق كېسىش ماشىنىسى بىلەن كەينىدىكى پولات چىۋىقنى ئۈزۈپ، ئاخىرىدا بىر-بىرلەپ ئۆمىلەپ چىقتى. ھويلىغا چىققاندىن كېيىن ئۇلار داۋاملىق توسما تامنى ياقىلاپ ئۆمىلەپ ماڭدى، بۇ كۆرۈنۈشلەر مەلۇم بىر كۆزىتىش ئاپاراتىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تولىمۇ كېچىكىپ چېلىندى.

    نەقەدەر ئوڭايسىز ئەھۋال ھە. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بەس-بەستە ھەرخىل ئىنكاسلارنى ياغدۇرۇۋەتتى: مۇشۇمۇ تۈرمە بولدىمۇ؟ بۇ ئېنىقلا «ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسى ھەرۋاقىت ئوچۇق، خەير-خوش، ئۇزاتمىدىم» تۇرمامدۇ!

    تېخىمۇ ئوسال بولغىنى، يېقىندا ساقچىلار ئاران بىرسىنىلا تۇتقان بولۇپ، ئارىدىن يەنە بىرسى سەيشەنبە كۈنى ئادۋوكاتىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆزى كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، قالغان يەتتىسى يەنە داۋاملىق قاچماقتا...

    باش مەسئۇل بولغان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى Dirk Behrendt نىڭ بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىپ، مۇنداق دېدى: Pl?tzensee تۈرمىسىدىن تا ھازىرغىچە جەمئىي 10دىن 43گىچە بولغان مەھبۇسلار «ئېچىۋېتىلگەن تۈرمە»دىن قېچىپ قۇتۇلغان. 360 نەپەر مەھبۇس قامالغان بۇ تۈرمىدە ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدىكى ئامانلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى بەك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت جەرىمانە تۆلىمىگەن ياكى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىگە قامالغان، خالاس.

    ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل، باسقۇنچى قاتارلىقلار ئادەتتە بېرلىن تايگېر تۈرمىسىگە قامىلىدۇ، ئۇ يەر ئىنتايىن بىخەتەر، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش دېلوسىمۇ 1998-يىلى يۈز بەرگەنىدى.

    لېكىن، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى كىچىك دەپلا، باشتىكىدەك جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدىن قاچقان قىلمىشىنى كەچۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، باشتىكىدەك مەھبۇسلارنىڭ بەس-بەستە تۈرمىدىن قېچىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، گېرمانىيەدە تۈرمىدىن قېچىش جىنايەت ھېسابلانمايدۇ... مەخسۇس ئادۋوكاتنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە قانۇنىنى تۇرغۇزغانلار ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىنتايىن ئۇلۇغلايتى. شۇڭلاشقا «ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەر»نىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ساقچى تەرەپنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان مەھبۇسلارنىڭ سۈرىتى تۆۋەندىكىچە:

    لېكىن، گەرچە تۈرمىدىن قېچىش پەقەت «ئەركىنلىككە ئىنتىلىش» ھەرىكىتى سانالغان بىلەن، تۈرمىدىن قاچقۇچى باشقا جىنايەت بىلەن جازالىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قاچقاندا رېشاتكىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا بۇ مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ؛ قېچىش جەريانىدا تۈرمە ساقچىلىرى توقۇنۇش قىلغان بوسا بۇ قەستەن يارىلاندۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ؛ ھەتتا قېچىپ كەتكەندە مەھبۇس فورمىسى بىلەنلا قاچقان بولسا بۇ ئوغرىلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ... ئومۇمەن، نېمىسلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىگە قول قويماي تۇرالمايمىز.
    شۇ تاپتا قارشى تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلىنىپ، ئىستېپا بېرىۋېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان Dirk Behrendt ئاللىقاچان ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ تۈرمىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى بۇ يەردە 100 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئىمارەتلەر بولۇپ، نۇرغۇن بۇلۇڭ-پۇچقاقلارمۇ يوشۇرۇن ۋە دالدا ھالەتتە ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. Dirk Behrendt ئۆزىمۇ ئىقرار بولۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولساق، ئەينى چاغدا تۈرمىلەرنى بۇنداق ياسىمىغان بولاتتۇق، ساقچىلار قاچقان مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرۈشتىن ئاۋۋال بېرلىندىكى بارلىق دوستلارنىڭ يەنىلا ئۆز ئۆيىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە پۇختا بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى