• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بۇرۇن ئالما يانفونى ئىشلەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ قايسى ئىقتىدارلىرى ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:33 04-01-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئالما يانفونى بىلەن ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ زىددىيىتى ئېغىرلاشتى، بۇرۇنقى ئالما ئاندىرويىدنى كەمسىتىدىغان ئەھۋال ھازىرقى ئالما بىلەن ئاندىرويىدنىڭ بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا كەمسىتىشىگە ئايلاندى.

    بۇنىڭدا ھەر خىل سەۋەبلەر بار، بىرىنچىدىن، ئالما سىستېمىسىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېكولوگىيەسىدىكى يېڭىلىنىش قەدىمى ئاستا، مەسىلەن ئالما iOS 11 دا ئېكراننى سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، لېكىن ئاندىرويىدنىڭ بۇ ئىقتىدارنى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان؛ يەنە iOS سىستېمىسىغا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئاندىن ئەپ چۈشۈرگىلى، قاچىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئاندىرويىد يانفونىنى ئېچىپ، كارتا سالغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، نۇرغۇن باسقۇچلار قىسقارتىۋېتىلگەن، نۇرغۇن ياشقا چوڭ ئابۇنتلارغا نىسبەتەن ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى.

    ئىككىنچىدىن، ئالما مەھسۇلاتىدىكى كەمچىللىك. مەسىلەن، ئالما بۇ قېتىم يانفوننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئابۇنتلارنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتتى، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئابۇنتلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، ئالمىدىكى توك تېز خوراش، سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن قېتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار iOS 11دا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەندى.

    ئالما يانفونىنىڭ داڭقىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇقەررەر يۈزلىنىشكە ئايلىنىپ، خۇاۋېي، شياۋمى، vivo، OPPO، جىنلى قاتارلىق ئاندىرويىد يانفونلىرى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، دەسلەپكى ئاندىرويىد يانفونىلىرىدىكى كاشىلىلار ھازىر بارا-بارا ئازلاپ، ئاندىرويىد يانفونىلىرىمۇ ئالمىنى كەمسىتىشكە باشلاۋاتىدۇ.

    يېقىنقى ئىككى يىلدا بارغانسېرى كۆپلىگەن ئالما ئابۇنتلىرى ئاندىرويىد لاگېرىغا قوشۇلدى، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىگەن قولايلىق تەرەپلىرى بار، لېكىن ئالمىنىڭ قايسى ئىقتىدارلىرى ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ؟

    بىرىنچى، ئالما ئەپ دۇكىنىدىكى ئەخلەت، ساختا ئەپلەر بىرقەدەر ئاز

    ئاندىرويىد ئەپ دۇكىنى بىر قەدەر قالايمىقان، يانفون شىركەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپ دۇكانلىرىمۇ قالايمىقان، يەنە بەيدۇ يانفون ياردەمچىسى، ئەپ گۆھىرى، ۋەندوۋجيا قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دۇكانلىرىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭدىن باشقا، يانفوننىڭ تور كۆرگىچىمۇ ئالاقىدار ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

    سۈرەتتىكىسى مەلۇم بىر يانفوندىكى ئەپ دۇكىنىدا بىر ھالقىلىق سۆزنى ئىزدىگەندىن كېيىنكى نەتىجە.

    ئېنىقكى ئالما ئەپ دۇكىنىدا بۇنداق ئەخلەت ئەپلەر يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاندىرويىد ئەپ دۇكىنىدىكى ساناقسىز ئەخلەت، ساختا ئەپلەر ئىزچىل ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلمەكتە.

    ئىككىنچى، ئالما يانفونىدىكى ئۇچۇر ئېلانلارنى چەككەندىن كېيىن بىۋاسىتە چۈشۈرمەيدۇ

    ئۇچۇر ئېلانلار يانفون ئېلانىنىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى، ئابۇنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەپ ئىجادكارلىرىغا «ياق» دېيەلمەيمىز، لېكىن ئاندىرويىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىبى بولسا ئابۇنت ئۇچۇر ئېلانلارنى چەككەندىن كىيىن، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا يانفون WiFi مۇھىتىدا بولسا بىۋاسىتە چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىدۇ، ئابۇنت تەپسىلىي ئىزدىمىسە قاچىلاش بوغچىسىنىڭ نەگە ساقلانغانلىقىنى تاپالمايدۇ. چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە قاچىلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئەگەر ئابۇنت سەللا ئىتتىكلىك قىلسا، بىلىپ-بىلمەي ئەخلەت ئەپلەرنى يانفونغا قاچىلىۋالىدۇ.

    ئالما يانفونىدا ئابۇنت ئۇچۇر، ئېلانلارنى چەككەندىن كېيىن، زور كۆپ قىسىم ئەھۋالدا كۆزنەك ئەپ دۇكىنىغا ئۆزگىرىدۇ، ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنىڭ پەقەت ئەپ دۇكىنىدىن ئىبارەت بىرلا يولى بار.

    ئۈچىنچى، ئالما يانفونىدىكى تازىلاش ئىقتىدارى

    ئوخشاش مەزگىل ئىشلىتىلگەن ئالما يانفونى بىلەن ئاندىرويىد يانفونى ئىچىدە ئالما يانفونىنىڭ ئارقا سۇپىنى تازىلاش ئىقتىدارى ئەڭ قالتىس. ئاندىرويىد يانفونىدىكى غەملەكلەرنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرمىغاندا، سىستېما بايلىقى ئىگەللىنىۋېلىپ ئاسانلا قېتىۋالىدۇ، بۇ جەھەتتە ئالما يانفونىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ياخشى.

    ئۈندىدارنى مىسال قىلساق، iOS سىستېمىسى ئۈندىدارنىڭ غەملەكلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرىدۇ، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈندىدارمۇ ناھايىتى ئاز سىستېما بايلىقىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئاندىرويىد يانفونىدىكى ئۈندىدارنىڭ غەملەكلىرىنى ئابۇنىت ئۆزى تازىلايدۇ، ئۈندىدار ناھايىتى ئاسانلا سىستېمىنىڭ نەچچە گىگابايت بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئاسانلا قېتىۋالىدۇ.

    تۆتىنچى، Siri

    iOS 11 دە ئابۇنىتلار بىۋاسىتە «ھەي، Siri» دەپ چاقىرىپ Siri ئارقىلىق ئەپلەرنى ئاچالايدۇ، يانفوندىكى ئەپلەرنىڭ سانى 100دىن ئېشىپ كەتكەندە، Siri ناھايىتى ئەسقاتىدۇ، ئەپنى بىزگە قارىغاندا Siri ناھايىتى تېز تاپالايدۇ.

    ئەلۋەتتە، ئالما يانفونى بىلەن ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكى بار، پەقەت ئىشلەتكۈچى ياقتۇرسىلا شۇ كۇپايە.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى