• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىستۇدېنتلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:00 02-01-2018
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئوقۇش باشلانغىلى تېخى ئۇزۇن بولمايلا، شەنشى ئاۋىئاتسىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ يۈدى ئوقۇغۇچىلار قەرزى (مەكتەپ قورۇسى قەرزى ، 校园贷)نى قايتۇرۇش بېسىمى تۈپەيلىدىن سۇغا سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇ يۈدى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىستۇدېنتلارغا قەرز پۇل بېرىدىغان 10 نەچچە سۇپىدىن 200 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، قەرز پۇل سوممىسى 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىملىرىنى ساۋاقداشلىرى قەرز ئېلىپ بەرگەن ئىكەن. ساقچىلار يەنە قەرز ئالغان پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنىمۇ تەكشۈرگەن بولۇپ، ئاساسەن ساۋاقداشلار بىلەن يىغىلىپ تاماق يېيىش ۋە قەرز قايتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن.

    ئوقۇغۇچىلار قەرزى ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغان بىر خىل قولايلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ئىدى، لېكىن قايتا-قايتا ئاشكارىلانغان «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» مەسىلىسى ئۇنىڭ سېسىق نامىنى جاھانغا تاراتتى. ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە قەرز سۈيلەش ئۇسۇلى چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق جازانىخورلۇق (يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز) دېيىشكە بولىدۇ. جەمئىيەتكە قەدەم قويغان كىشىلەر تۇرمۇش ئاساسىي ساۋاتلىرى سۈپىتىدە ئادەتتە جازانىخورلۇقتىن يىراق تۇرىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنى بىر مەھەل ھالقىما ئىستېمالغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدىغان بۇ خىل «ساختا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى» خۇددى ئادەمنىڭ قېنىنى شورايدىغان سۇ زۈلۈكىگە ئوخشاش ئادەم بەدىنىنى چىرمىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغانلارنىڭ قۇتۇلماقچى بولۇشى ھەقىقەتەن بەك تەس. ئۇنداقتا، جازانىخورلۇق خاراكتېرىگە ئىگە غەيرىي مۇنتىزىم «ئوقۇغۇچىلار قەرزى»نىڭ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ بازىرى بار؟ «ئوقۇغۇچىلار قەرزى»نىڭ ئەلۋەتتە جىنايىتى بار، ئەمما ھادىسە خاراكتېرلىق «ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەرزىنى زىيادە ياقتۇرۇشى»نىڭ ئارقىسىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

    جۇ يۈدىنىڭ دېلوسى بىر تىپىك مىسال. جۇ يۈدى ئەمدىلا «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» بىلەن يېقىنلاشقاندا ئۆزىنىڭ 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بىراق ئۇ تۇنجى قەدەمنى تاشلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى توختىتىۋېلىشى ناھايىتى تەسكە توختىغان. داۋاملىق دومىلاپ كۆپىيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قەرزى ئالدىدا، ئۇ پەقەت «قۇلىقىنى كېسىپ **ڭىغا ياماق ساپتۇ» دېگەندەك «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» بېرىدىغان 10 نەچچە سۇپىدىن ئۆز-ئارا قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئېلىپ بۇنىڭغا سەپلىگەن، دەسلىپىدە خېلى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان. بەزىدە يەنە قەرز پۇلى بىلەن ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن، ئۇ «پۇل مۇئامىلە ئىلمىنىڭ سىرىنى بايقىغان»لىقىنىڭ خۇشاللىقىغا غەرق بولۇپ، ئەسلىدە «پۇل مۇئامىلە پىشاڭى»نى كۆپ ئىشلەتكەندە تەييارغا ھەييار بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندەك بولغاندا، ئۆزىنى كۈتۈۋاتقىنىنىڭ «ئەڭ رەھىمسىز ئىجتىمائىي رېئاللىق» ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن. نەدە تەييارغا ھەييار بولىدىغان ئىش بولسۇن؟ قەرزگە بوغۇلغان تۇرۇقلۇق يەنە بۇزۇپ-چېچىپ ئىستېمال قىلىش، شۆھرەتپەرەسلىككە ئىنتىلىش، يەنە كۈچلۈك تىرەك بولىدىغان باي دادا بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھامان بەدەل تۆلەيدىغان گەپ. بۇ ئەسلىدە ئاددىي ساۋات ئىدى، لېكىن جۇ يۈدى بۇنى بىلەلمىگەن. ئۆزىنىڭ ئاجىزغىنە گەۋدىسى بىلەن ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان رېئاللىققا بەرداشلىق بەرمەكچى بولغاندا، ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلەش بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئاتا-ئانىلارنى داۋاملىق قاقشىتىدىغان گەپ، شۇڭا بۇنداق قانلىق ساۋاق ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر قانداق توردا قەرز بېرىش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارغا قەرز پۇل تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاراڭغۇ بۇلۇڭلاردا ئېقىپ يۈرگەن «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» ئالدىدا سىياسەت جەھەتتە «توختىتىش» تېخى كۇپايە قىلمايدۇ، مۇھىمى ئىستۇدېنتلار ئۆز قەلبىدىن «ئوقۇغۇچىلار قەرزى»نى رەت قىلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ بۇنداق جازانە خاراكتېرىنى ئالغان «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» مەخسۇس ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئېنىقلا بىر قىسىم ئىستۇدېنتلارنىڭ بىر نەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈش ۋە بىر قانچە ۋاراق جەدۋەل تولدۇرۇش ئارقىلىقلا بىۋاسىتە پۇل ئېلىپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن «ئىشلىمەيلا چىشلەپ» تەييارغا ھەييار بولۇپ، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى، باشقىلارنى مېھمان قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغان «پىسخىكىلىق كەمتۈكلۈكى»نى «نىشان»لىغان. «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» مەخسۇس ئىستۇدېنتلارنى نىشانلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى چوڭ بازىرى بار، يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ جازانىخورلۇقنى چۈشىنىش توغرىسىدىكى ساۋاتلىرى كەمچىلدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى شۇكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى «ئېرىشىش» ئۇسۇلى بەك ئاسان بولغان، يەنى ئاتا-ئانىسى خالىس تەقدىم قىلغان، مەكتەپ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ئوقۇغۇچى خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ئۆزى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدىغان ئاقىۋەت ناھايىتى ئاز بولغان.

    جازانىخورلۇق ۋە شاخلىتىپ سېتىش نېمە ئۈچۈن ئىستۇدېنتلارغا زىيادە ئامراق؟ قانۇنسىز قىلمىشقا ئەلۋەتتە زەربە بېرىشىمىز كېرەك، لېكىن بەزى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆزىدىكى «تەييارغا ھەييار بولۇش»، «ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق» ۋە «پىسخىكىلىق كېسەل»نى تازىلاش ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ مۇھىم. تەمىناتى ياخشى بىر خىزمەت بار دېيىلسە، ئۇنىڭدا مۇنتىزىم تەكشۈرۈش تەرتىپى ھېچقانچە كۆپ بولمايدۇ، ئاسانلا خىزمەتكە ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ھەر خىل كىرىملەر ۋە تەرەققى قىلىش پۇرسىتى توغرىسىدىكى قوشۇمچە ۋەدىلەر بولىدۇ، مانا بۇلاردا دەل ئىستۇدېنتلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش خاھىشى نىشانلانغان. كىملىكىنى ئېلىپلا بىر مۇنچە پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولسا، ئالغان قەرزىنى قايتۇرالمىسا يەنە باشقا بىر «ئوقۇغۇچىلار قەرزى»نى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان تۇرسا، ئۇمۇ بولمىسا ئاتا-ئانىلاردىن پۇل تەلەپ قىلىپ قەرز قايتۇرغىلى بولىدىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان «ئوقۇغۇچىلار قەرزى» ئۆزنى لايىھەلىگەن قەرز قايتۇرۇش لايىھەسىنىڭ نىشانلىغىنى دەل ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردىكى «جاۋابكارلىق ئېڭى ئاجىز بولۇش»، «ئۆزى چاتاق تاپسا باشقىلار ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇش»تەك پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر نىشانلانغان.

    ئەگەر ئىستۇدېنتلاردا يەنىلا «تەييارغا ھەييار بولۇش، ھەقسىز ئىستېمال قىلىشقا چوقۇنۇش»تەك تەلەي سىناش پىسخىكىسى ساقلانغان بولسا، ئەسلىدىنلا قانۇنسىز ھېسابلىنىدىغان جازانىخورلۇق ۋە شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى ئۇلارنى نىشانلاپ بولغان بولىدۇ. جۇ يۈدىنىڭ گەدىنىگىچە قەرزگە بوغۇلغان تۇرۇقلۇق يەنە قەرز ئېلىشى ۋە ساۋاقداشلار يىغىلىشىپ تاماق يېيىشكە ئىشلىتىشى ئەمەلىيەتتە دەل ئىستۇدېنتلارنىڭ قەرز ئېلىش قالايمىقانچىلىقىنىڭ تەييارغا ھەييار بولۇش ھەمدە داۋاملىق خۇشال ياشاشنى ئويلاشتەك پىسخىكىسىنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى