• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قايسى ئايدا تۇغۇلغانلىقىڭىزغا قاراپ خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ

    مەنبە : health.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:57 28-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1 - ئايدا تۇغۇلغانلار .

    مىجەز ئالاھىدىلكى- ھاكاۋۇر، سوغۇققا چىداملىق، قەيسەر، مەردانە، خۇش پېئىل كېلىدۇ

    ئەخلاق پەزىلىتى- تەبىئىي، ئەقىللىق، چىچەن، كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە. ئىقتىسادىي چىڭ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. لىكىن ھەقىقى چىن دىلدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەمەس.

    ئاجىزلىغى- ھەددىدىن زىيادە ھاكاۋۇر بولغاچقا باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

    2-ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- ئاقكۆڭۈل سەمىمىي بولۇپ، لىكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبىكتى بولىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە، ئۆز ئابرۇيىنى ھاياتتەك قىممەت بىلىدۇ. كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىدۇ.

    مۇھەببەت كەلگۈسى- كۆپ كىشىلەر بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئويلايدۇ، بىراق سەمىمىي نىيەتتە بولىدىغانلار ناھايتى ئاز، مۇھەببەتتىن كىيىن ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كىلىدۇ. ئەمما ئاخىردا يەنىلا بەختكە ئېرىشىدۇ.

    ئاجىزلىقى- ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. ھەسەتخورلىقى، ئابرويپەرەسلىكى كۈچلۈك.

    3-ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىدە ياخشى. ئاددىي-ساددا، بىلىمى بار، كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كىلىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- مول بىلىملىك، تەدىبىرلىگى ئېنىق كىلىدۇ. تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ھەمراغا ئېرىشىدۇ، لىكىن ناھەقچىلىككە ئۇچرايدۇ

    ئاجىزلىقى- غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس.

    4-ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- تۈز كۆڭۈل، سۆزگە ماھىر، لىرىك ھېسياتقا ئىگە، خىيالچان، ئىجات قىلىش قابىلىيتىگە ئىگە كىلىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- غايىلىك، يېڭىلىققا ئىنتىلدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- مۇھەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ. لىكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ. تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ.

    ئاجىزلىقى- كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ.

    5-ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- ئىنتايىن ھېسىياتچان بولۇپ، ھاياجانلىنىدىغان، روشەن كۆز قاراشقا ئىگە، باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆزتىشكە ماھىر.

    ئەخلاق پەزىلىتى- ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىمگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق، غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارتالايدۇ.

    مۇھەببەت كەلگۈسى- ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەرگە ئېرىشىدۇ. لىكىن ھېسياتى مۇقىم ئەمەس، كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

    ئاجىزلىقى- ئالدىراڭغۇ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرشى كەمچىل.

    6-ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- شوخ ئىنتىلىشچان خاراكتىرگە ئىگە، ئوچۇق يورۇق. دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ.
    ئەخلاق پەزىلىتى- مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئامراق. ئىنتايىن كەسكىن، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرشى كەمچىل.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ بەختلىك ئائىلە قۇرالايدۇ، ئەمما چاكىنا كىشىلەرنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    ئاجىزلىقى- ھېسياتى تۇراقسىز، ئىشلارغا بىردەم قىززىپ بىردەم سوۋۇپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

    7- ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- مەردانە، كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلدىغان، مۇستەقىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك، ئىغىر-بىسىق.

    ئەخلاق پەزىلىتى- ئاددىي-ساددا، ئوچۇق قول، ئىش باشقۇرۇش قابىلىيتىگە ئىگە. ئەمگەككە چىداملىق.
    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- بۇ خىل كىشىلەرنى مۇھەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كىلىدۇ، بىرلا ھەمراھ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەمدە دەرت-ئەلەمگە ھەمدەم بولۇپ، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ.

    ئاجىزلىقى- ئالدىراڭغۇ، قىلغان ئىشى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ.

    8 - ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- ئەقىللىقلىقى كۆزدىن بىلىنىپ تۇردىغان، تالانتلىق، چاققان كېلىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- سەمىمىي پاك كىشىلەرگە ئامراق، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قورساق، تۇرمۇشنى سۆيدىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- لايىق قوغلاشمايدۇ. كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

    ئاجىزلىقى- تەرسا، ئاداۋەت ساقلاش ئددىيىسىگە ئىگە، دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويدۇ.

    9 - ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- جۇشقۇن، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- سەمىمىي، كەمتەر، ئېھتىياتچان، يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلدىغانلار كۆپ، لىكىن نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ.

    ئاجىزلىقى- شەخسىيەتچى.

    10 - ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- دائىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغان، جەسۇر ۋە سېخىي، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كېلىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- توغرا ئىستىللىق، نازاكەتلىك، ۋاپادار، ئاسانلىقچە ئادەم ئالدىمايدۇ.
    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- ھاكاۋۇر بولغاچقا ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

    ئاجىزلىقى- باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەپ ئويلاپ، تولا ئالدىنىپ قالىدۇ.

    11 - ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- زېھنى ئۆتكۈر، قابىلىيەتلىك، پايدا زىيان بىلەن ھېساپلاشمايدىغان، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- مەسئۇلىيەتچان، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئىجاتكارلىققا ئىگە.

    مۇھەببەت كەلگۈسى- بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ، تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.

    ئاجىزلىقى- جاپاغا چىدىمايدۇ، ئاجىز كىلىدۇ.

    12 - ئايدا تۇغۇلغانلار.

    مىجەز ئالاھىدىلىكى- قەيسەر، غەيرەتلىك. تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كەلگۈسىگە ئىنتىلدىغان، مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدۇ.

    ئەخلاق پەزىلىتى- تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي، ئىخلاس بىلەن ئۆگىندىغان كېلىدۇ.

    مۇھەببەت ۋە كەلگۈسى- مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. لېكىن غەيرەت قىلسىلا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ تاپالايدۇ.

    ئاجىزلىقى- نەزىرى ئۈستۈن.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى