• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىرقانچە ساياھەت تۈرلىرى

    مەنبە : wei6.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:00 25-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دولقۇن تېيلىش دالا پائالىيىتى. دولقۇن تېيلىش دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دولقۇن تېيىلغۇچى تېيلىش تاختىسىنىڭ ئۈستىدە دۈم يېتىپ ياكى ئولتۇرغان ھالەتتە تۇرۇپ، دېڭىز يۈزىدە تېيلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتىدۇ. شارائىت تولۇق بولغاندا، تېيلىش تاختىسىنىڭ يۆنىلىشىنى دېڭىز دولقۇنىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك قىلىپ، دولقۇننىڭ ئىتتىرىش كۈچى ۋە سۈرئىتىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۈزىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە، پۇت ۋە بىلەك ئارقىلىق تېيىلىش تاختىسىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدۇ. ئادەم دولقۇن تېيىلغاندا ناھايىتىمۇ جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز دېڭىز دولقۇنى بىلەن كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرگەچكە، تۇرمۇشتىكى باشقا غەملەرنى ئۇنتۇپ، دېڭىز ئۈستىدىكى ئۆزگىچە بولغان خوشاللىقلارنى ھىس قىلالايدۇ.

    تاغقا يامىشىش دالا پائالىيىتى. بۇ دالا پائالىيىتىنىڭ بەدەن ساپاسىغا بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە مۇۋاپىق ياشتىكى بەدەن ساپاسى بىر قەدەر ياخشى تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرىغا ماس كېلىدۇ. سەل قاراشقا بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش تاغقا يامىشىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، تاغقا يامىشىشتا ئىشلىتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى تولۇق تەييارلاپ ئېلىۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ پائالىيەت جەريانىدا كوللىكتىپ ئىنتىزامغا بويسۇنىشى، يالغۇز ھەركەت قىلىشتىن ساقلىنىشى، تاغقا ياماشقاندىكى بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. تاغ چوققىسىغا يامىشىش ئادەمگە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمۈش، يۇقۇرى پەللىگە چىقىش قاتارلىق ھىس- تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىدىغان بولۇپ، كوللىكتىپ بىلەن بىللە پائالىيەت قىلغاندا، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھەم بىخەتەر بولىدۇ.

    قار تېيلىش پائالىيىتى. كەسپلەشكەن دالىدىكى قار تېيلىش پائالىيىتى نورۋىگىيىدە باشلىنىپ ھەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان. قار تېيىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن قېلىن قار، قار تېيلىش تاختىسى، قار تېيلىش ھاسسىسى، قار تېيلىش ئايىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرغان بەدەن قاتارلىقلار بار بولۇپ، قار يۈزىدە تېيىلغاندا قار تېيىلىش تاختىسىنى قار تېيىلىش ئايىقىنىڭ ئاستىغا مۇقملاشتۇرغاندا، تېيىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى ھەم بىخەتەر بولىدۇ.

    يەلكەنسىمان پاراشوت دالا پائالىيىتى. بۇ ھاۋانىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچى قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان دالا پائالىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يەلكەنسىمان پاراشوتنىڭ بارلىققا كېلىشى خۇددى ئىنسانلارغا قانات پەيدا بولغاندەكلا ئىش بولۇپ، ئادەم ئاستا-ئاستا يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ، قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلغاندىكى ھىس تۇيغۇلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ.
    سۇ ئاستىغا شۇڭغۇش. دەسلەپكى يىللاردا سۇ ئاستىغا چۈشۈپ سۇ ئاستى قۇرۇلۇشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە رىمونت ئىشلىرىنى قىلىش، بېلىقچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، سۇغا شۇڭغۇشتىن بۇرۇن، يېتەكچىنىڭ ياردىمىدە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

    قۇم دېڭىزىغا شۇڭغۇش دالا پائالىيىتى. جېپ ماركىلىق دالا ماشىنىسى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك ئىگىز- پەس قۇم بارىخانلىرى ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئادەمنى ھەرخىل ھىسلارغا سالىدىغان بۇ كۆڭۈل ئېچىش تۈرى قۇملۇقتا تۆگە مىنىشتىن قېلىشمايدىغان ساياھەت تۈرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داڭلىق ساياھەت ئەللىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرى چۈشۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلەر گۈلخان ئەتراپىغا يىغىلىپ، ئۆزگىچە تەييارلانغان كەچلىك تاماقتىن بەھىر ئالغاچ، باشقا چېدىرلاردىكى خېنە قويدۇرۇش، گۈل سىزدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تاماشا قىلىشىدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى