• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھازىرلاشقا تىگىشلىك سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارلار

    مەنبە : wei6.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:16 25-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ «تەبىئىي تالانتى» دىن سىرت، بارلىق سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارى ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەش «ئەمەلىيەت» ى ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بۇ، تەپەككۇر ئۇسۇلى، بىلىم ۋە ئەقىل- پاراسەت، تەجرىبە ۋە ماھارەت، ئەخلاق ۋە خاراكتىر، سالاپەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، مىجەز- خۇلقى، ئىنسانىي پەزىلىتى، پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە چاقىرىق كۈچى بولىشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، يەنى ھەمكارلاشقۇچىلىرى، قول ئاستىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئۆز غايىسى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن كۆرەش قىلالايدىغان قىلالىشى كېرەك. چاقىرىق كۈچى بولغاندىلا، كوللىكتىپنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ.

    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك . كوللىكتىپنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتالايدىغان سەردارلار كوللىكتىپتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ كەسىپكە بولغان قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ، كىشى قەلبىنى جانلاندۇرالايدۇ، ھەممەيلەننىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا قاتنىشالايدىغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلدۇرالايدۇ، مانا مۇشۇنداق كوللىكتىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئېنېرگىيەسىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە ئېنىق بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى نىشانى بولۇشى كېرەك. نىشانى بولمىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، شۇڭا بۇرچ ۋە نىشان مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەن نەدىن كەلدىم، ھازىر قەيەردە، ئەمدى نەگە بارىمەن دېگەن سۇئاللارغا چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېنىق لايىھەسى بولۇشى، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىراتېگىيەسى ۋە يولىنى بېكىتىپ چىقىشى كېرەك.

    كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئالاھىدە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئىشنى ياخشى بېجىرىش ياكى كارخانىنى ياخشى باشقۇرۇشلا كۇپاقە قىلمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇشنى سىناشنىڭ ھالقىسى توغرا تەدبىر چىقارغان- چىقارمىغانلىقىمىزدا. سىرتنىڭ ئازدۇرۇشى ناھايىتى كۆپ، پۇرسىتىمۇ نۇرغۇن، سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلساق، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەش توزىقىغا چۈشۈپ قالىمىز.

    ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. كەسكىن بازار رىقابىتى مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ تەپەككۈر چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت ئەندىزىسى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك تەدبىرگە جەڭ ئېلان قىلىش- قىلالماسلىقى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ پىسخىك ساپاسى ۋە شىجائىتىنى سىناشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز ئىنكار قىلىپ، ئۆزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۆزىگە، كەلگۈسىگە جەڭ ئېلان قىلالىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنىڭ مەشھۇرلىرىغا ئايلىنالايدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر كارخانا ۋە شەخسنىڭ ياخشى نامىنى تىكلىشى كېرەك. ئەستايىدىل خىزمەت ئىستىلى، كۈچلۈك ئالاقە ئىقتىدارى بولۇشى ھەمدە شۇ ساھەنىڭ كەسپىي بېلىملىرىگە پىششىق بولشى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆكسى- قارنى كەڭ، ئوچۇق- يورۇق بولۇشى ۋە باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىگىلىك تىكلەشتىكى سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىسىڭىز ھەمدە ئۇنى ساقلاپ قالالىسىڭىز، سودا جەڭ مەيدانىدا مەڭگۈ يېڭىلمەيسىز، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلىنالايسىز.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى