• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇۋاپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ۋە تۇرمۇش ئادىتى

    مەنبە : wei6.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:11 25-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر دائىم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
    قۇرۇق قولبايلار كۆڭۈل ئېچىشقا قارىغاندا ئۆگىنىشنى بەكرەك خالايدۇ. كېلنىڭ دېيىشىچە، %88 باي كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان كىتابلارنى ئوقۇيدىكەن. كۆپىنچىسى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدىكەن. بايلار بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئوقۇيدىكەن. ئىقتىساد مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تارىخى، ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار، تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشنى ئاساس قىلىدىكەن.

    ئىگىلىك تىكلىگەن بايلار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ
    قۇرۇق قول %76 باي كۈندە ئوكسىگىېلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش يەنى ئۇزۇن، قىسقا ئارلىققا يۈگۈرۈش، تېز يۈگۈرۈش ۋە ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىقلارنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرىدىكەن.

    ئوكسىگىېلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەنگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى چوڭ مېڭىگىمۇ پايدىسى بار. ئوكسىگىېلىق بەدەن چېنىشتۇرۇش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىدۇ، بەدەندىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، قەنت بولسا چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى يېقىلغۇسى. چوڭ مېڭە قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق قانچە كۆپ بولسا، تەرەققىياتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ.

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر باشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ
    ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئىزدىنىش نىشانى ئېنىق، قىزغىن، ئاكتىپ كىشىلەر بىلەن دوست بولىدۇ. پاسسىپ كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنداق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشمەيدۇ. چۈنكى، پاسسىپ، ئۈمىدسىزلىك كىشىنى مۇۋەپپەقىيەت يولىدىن بەكلا يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ.

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قوغلايدۇ

    نىشان ۋە ئارزۇيىڭىزنى قوغلىشىش سىزنى ئۇزۇن مەزگىللىك بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار سىزنىڭ بايلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ. بايلار باشقىلارنى قوغلاشمايدۇ، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە نىشانى ئۈچۈن ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، بوشاشماي نىشانى، ئارزۇسىنى داۋاملىق قوغلايدۇ.

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر سەھەر تۇرىدۇ

    ئىقتىساد مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بايلار خىزمەت ۋاقتىدىن ئۈچ سائەت ئىلگىرىلا ئورنىدىن تۇرىدىكەن. سەھەر بەشتە ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز، شۇ كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئىشىڭىزنى تۈگىتىۋالىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى كونتىرول قىلىپلا قالماي يەنە ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايسىز، دەپ يازغان.

    ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ كۆپ خىل كىرىم مەنبەسى بار

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بايلار بىر خىل كىرىم مەنبەسىگىلا تايانمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل كىرىم يارىتىش ئۇسۇلى بار. كېل تەتقىقاتىدا دېيىشىچە، %65 باي ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ خىل كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولىدىكەن.

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ يېتەكچىسى بار

    مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يېتەكچى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ نىمە قىلىشىڭىز، نىمىلەرنى قىلماسلىقىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىڭىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇلار سىز بىلەن مۇۋەپپەقىيەت كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. شۇڭا، بايلارنىڭ ياخشى يېتەكلىگۈچىسى بولىدۇ.

    قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىدۇ.قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر كۆپچىلىككە ئەگەشمەيدۇ.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى