• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كەسىپنى سۆيۈش ـــ ئۆزىنى سۆيۈش دېمەكتۇر

    مەنبە : wei6.chinabroadcast.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:08 22-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس كەسپى بولىدۇ. مەيلى قايسى كەسىپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەتكە، كىشىلەرگە پايدىلىق كەسىپ بولىدىكەن، ئۇ ھامان قەدىرلىكتۇر. شۇڭا ئۆز كەسپىنى سۆيۈش يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقتىن دېرەك بەرسە، ئۆز كەسپىدىن بىزار بولۇش، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش، ئۆز كەسپىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.

    بىر ھۈنەرۋەنگە مەلۇم بىر كىشى ئىش بۇيرۇتۇپتۇ. بۇ ھۈنەرۋەن ئىشنى ھاپىلا- شاپىلا پۈتكۈزۈپلا تاپشۇرۇپتۇ. ئىش بۇيرۇتقان كىشى ئۇنى ئۇزاق ئىشلىتەلمەي، بۇ ھۈنەرۋەننى ئىچىدە نەچچىنى تىللاپ، باشقا بىر ھۈنەرۋەننىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ ھۈنەرۋەن ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن پۇختا قىلىپ بېرىپتۇ. ئىش بۇيرۇتقۇچى بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى بۇ ھۈنەرۋەن بىلەن چۆپقەت بولۇپ قاپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بۇ ھۈنەرۋەننىڭ خېرىدارلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپتۇ. قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلغان ھۈنەرۋەننىڭ بازىرى كاساتلىشىپ، دۇكاننى تاقاپ، كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ.

    مەيلى ھەر قانداق خىزمەت، ھۈنەر- كەسىپ ۋە باشقا ئىشلاردا بولسۇن، ئىشنى پۇختا، ئەستايىدىل قىلىش بىلەن قولنىڭ ئۇچىدا قىلىشنىڭ ئاسمان- زېمىن پەرقى بار. ئىشنى، خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ قىلغاندا، خىزمەتداشلار، ئەتراپتىكىلەر سىزنىڭ ئەستايىدىللىقىڭىزدىن سۆيۈنىدۇ، سىزگە ئىشىنىدۇ، سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنى كەچۈرۋەتكىلى بولسىمۇ، مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەرنى ھېچكىم كەچۈرەلمەيدۇ. بۈگۈنكىدەك رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن مول كەسپىي بىلىم بولغاندىن سىرت، چوقۇم يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولۇش لازىم. ھازىر بىر قىسىم ياشلار «بېرىلگەن ھەققە لايىق ئىش قىلمامدىم» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغاندەك مەنە چىقىدۇ. بۇ خىل پۇلنى مەقسەت قىلغان ئىشتا ھېچقانداق يېڭىلىق ھەم ئىجادچانلىق بولمايدۇ. بۇ خىل خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئۇزاققا بارمايلا كىشىنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ.

    يەنە بىر خىل كىشىلەر باركى، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز ئىشىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كىرىشىدۇ. پۇلنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىۋالماستىن، ئۇنى بىر ۋاسىتە دەپ قارايدۇ. يەنى پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلماستىن، بەلكى خىزمەت قىلىش ھېسابىغا پۇل تاپتىم، دەپ قارايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ خىل كىشىلەر ھەر قانداق بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا تىرىشىدۇ، كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ئىشلەيدۇ، خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپالايدۇ. بۇ تەدرىجىي ھالدا قىممەتلىك تەجرىبىگە ئايلىنىپ، شۇ كىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ پەلەمپىيى بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ شۇ ئىشنى ياخشى قىلىش ياكى قىلىشنى خالىماسلىقتىن ئىبارەت ئىككىلا يولى بولىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ نەتىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

    شۇڭا دەيمىزكى، مەيلى سىز كىم بولۇڭ، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىڭ، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى زور قىزغىنلىق، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلالىسىڭىزلا، ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالىسىز، چۈنكى كەسىپنى سۆيۈش ئۆزىنى سۆيۈش دېمەكتۇر.

    «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى