• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    LG شىركىتى 2018-يىلى 4K/5K ئېنىقلىقتىكى چاقماق 3 ئېكرانىنى بازارغا سالىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:44 21-12-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2018-يىلىغىمۇ ناھايىتى ئاز قالدى. LGمۇ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چىقىرىدىغان چاقماق 4K/5K ئېنىقلىقتىكى ئېكرانىنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈپ بولدى. شىركەت تارقاتقان ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، ئارىسىدىكى بىرى خىلى ئېكران تىپى UltraWide 34WK95U بولغان 34 دىيۇملۇق، 5K ئېنىقلىقتىكى كەڭرى ئېكران بولۇپ، ئېكران ئېنىقلىقى 5120×2160، ئېكران نىسبىتى 21:9 ئىكەن. بۇ ئېكران فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچى خادىملارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، بۇ كۆرسىتىش ئېكرانىغا Nano IPS تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، VESA يېقىندا ئېلان قىلغان HDR600 دەرىجىدىكى «يۇقىرى ھەرىكەت دائىرىسىدىكى ئېكران دەلىللىشى»دىن ئۆتكەن.

    بۇ ئېكران ئۈچ چاتقۇچلۇق توكقا ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق توكقا ئېرىشىدىغان بولۇپ، 5K @ 60Hz ۋە قوش لىنىيەلىك 4K ئېنىقلىقنى قوللايدۇ

    تىپى 32UK950 بولغان يەنە بىر خىل 32 دىيۇملۇق 4K UHD ئېكرانىغا چاقماق 3 ئۇلاش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. LG بۇ ئېكرانىنى «ھوللىۋود كىنولىرىنىڭ دەرىجىسى»گە يەتكەن دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئېكرانمۇ HDR600 «يۇقىرى ھەرىكەت دائىرىسىدىكى ئېكران دەلىللىشى»دىن ئۆتكەن.

    ئاخىرىدا تونۇشتۇرىدىغىنىمىز تىپ نومۇرى 34GK950G بولغان 34 دىيۇملۇق ئويۇن كۆرسىتىش ئېكرانى. بۇ ئېكرانغا Nano IPS تېخنىكىسى قوللىنىلغان، QHD ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئىشلەتكەن، يەنە Nvidiaنىڭ G-Sync ئۆزلىكىدىن يېڭىلاش لايىھەسىنى قوللايدۇ. يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلىدىغان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى