• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا «قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى» ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:33 21-12-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلەتكەن «قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى» يېقىندا فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە كاشىلىغا ئۇچرىغان بولۇپ، سەيشەنبە كۈندىكى بىر يىغىندا يېڭى بايانات ئېلان قىلىنغان. «قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى» بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن توختىتىلىشى مۇمكىن بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كېلەر يىللىق روسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ تېخنىكىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك توغۇرلۇق بىر قارارغا كەلمىگەن.
    فىرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قىسمەن مۇسابىقىلەردىكى «قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى»نىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى دىققەتنى ئەڭ قوزغايدىغىنى 9-ئايدىكى رېننېس كوماندىسى بىلەن كائېن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا رېننېس كوماندىسى توپچىسى بۇلۇڭ توپ باشلىغان، توپ كائېن كوماندىسى قاپقىچىسى تەرىپىدىن قاپقا سىزىقى ئالدىدا توسۇۋېلىنغان، گەرچە توپ قاپقا سىزىقىغا ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ، توپ ئېنىقلا قاپقا ئىچىگە كىرمىگەن، ئەمما رېپىر قولىغا تاقىغان سائەت توپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئاخىرىدا رېپىر بۇ توپنى كىرمىدى دەپ ھۆكۈم قىلغان.
    2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گېرمانىيە بىلەن ئېنگلاند كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە، ئېنگلاند توپچىسى لامپاردنىڭ كىرگەن توپى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ «قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى» پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يېڭى بىر تېخنىكىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ يەنى سېن قايتىلاش تېخنىكىسى. بۇ تېخنىكا ئەمەلىي تەجرىبە ۋە تەتقىقاتتىن ئۆتكەندىن كېيىن كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىشلىتىلىش ياكى ئىشلەتمەسلىك بەلگىلىنىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى