• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنياغا داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھالى

    مەنبە : baike.baidu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:46 14-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    روۋان ئەتكىنسون 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان.


    دۇنيادا ھەقىقىي مەنىدىكى قەھرىمانلىق بار دېيىلسە، بۇ دەل تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشنى يەنىلا قىزغىن سۆيۈشتۇر.

    رومىن روللان

    مۇبادا ئۇنى مارتىن لىيۇتىركىڭغا ئوخشاتساق، مارتىن «مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار» بىلەن تونۇلغان بولسا، ئۇ «مېنىڭ بىر يۇمۇرۇم بار» بىلەن تونۇلغان بولىدۇ. ئۇ دۆترەك، ساددىراق، يەنە كاللىسى تەرەققىي قىلمىغاندەك كۆرۈنىدىغان، سەل تارتىنچاق. ئەڭ مۇھىمى ئۇ بەك مېھرىبان، ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈلۈك پۇرچاق ئەپەندى-روۋان ئەتكىنسون.

    ئەتكىنسوننىڭ دادىسى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى ھەمدە بىر كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى بار بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۇلار دائىم دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى. كېيىن ئۇنىڭ بىر ئاكىسى ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئەنگىلىيە مۇستەقىل پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا نىسبەتەن كومېدىيە ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيىتتى، لېكىن ئەتكىنسون يېڭى ئەۋلاد چاپلىنغا ئايلاندى.

    كىچىك ۋاقتىدا ئەتكىنسون ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرەتتى، ئۇ 10 يېشىدا ئاندىن باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىغا كىرگەن، تەڭ ياشتىكىلىرى بولسا 3-يىللىقتا ئوقۇيىتتى. شۇڭا ئۇ 1-يىللىقلار ئىچىدە ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالاتتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنى داۋاملىق ئارىغا ئالمايىتتى. تېكىسىت ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا ئەتكىنسون باشلىرىنى چايقاپ كېتەتتى، ساۋاقداشلىرى «ھەزىلكەش ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ» دەپ مازاق قىلاتتى. سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇئەللىم ھەمىشە ئۇنى دەرس ئىنتىزامىنى بۇزدۇڭ، دەپ تەنقىدلەيىتتى. تارىخ ئىمتىھانىدا ئۇ پەقەت 3 نومۇر ئالغانىدى، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ھېچنىمىگە يارىمايدىغان بىر مەخلۇق، دەپ ھۆكۈم پىچىۋەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى دادىسىغا دادلاپ بەرگەندە دادىسى خۇشياقمىغاندەك گېزىتكە قارىغاچ «ئۇقتۇم» دەپلا قويغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقلىي كەمتۈكلىكىدىن گۇمان قىلاتتى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىغا ئالماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ سول كۆزىدە قارىشى، دادىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇ ئۆزىنى بەك تۆۋەن كۆرەتتى.

    لېكىن ئەتكىنسوننىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا بەك كۆيۈنەتتى، ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئانىسى ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە تەسەللىي بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلىشىگە ياردەم قىلغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ئەكىنسون ئويلىمىغان يەردىن ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستىتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ماشىنا-ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇنىۋېرىستىتتىكى ۋاقىتلىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكەن ئادەم بىلەن ئۇچراشقان، ئۇ بولسىمۇ فىرانسىيەلىك داڭلىق گاچا تىياتىر كۈلدۈرگە چولپىنى جەكۋىس تاتى ئىدى. ئەتكىنسون ئۇنىڭ قالتىس ئورۇنلاش ماھارىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، ھەر بىر مەيدان ئويۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن پۇل تۆلەپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى «ھۇلوت ئەپەندىمنىڭ تەتىلى» نى 7 قېتىم ئوقۇيدۇ.

    شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتكىنسون رول ئېلىشنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ باشتا ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا تىياتىر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ھەر خىل روللارغا چىقىدۇ، ھەر قېتىملىق رولىنى بىر قېتىملىق مەشىق دەپ بىلىدۇ.

    1976- يىلى ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستىتىدا ئېدىنبۇرگ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پائالىيەتلىرى داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. دەل مۇشۇ كۈندە ئەتكىنسون ھاياتىدىكى تۇنجى قىممەتلىك ئادىمىنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇ بىر نەرسە يەيدىغان بىر رولنى ئالىدۇ، ئۇ خاتا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئەينەككە قاراپ نەچچە ئون قېتىملاپ مەشىق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ تەبئىي تالانتى، قىلىقلىرى بىلەن ئۇ كۈندىكى ئورۇنلاش ماھارىتى ناھايىتى غەلبىلىك بولىدۇ. پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەتكىنسون ئارقا سەھنىگە قايتقاندا، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، بۇ ئادەم ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق رىچارد كىرتىس ئىدى. ئۇ ئەتكىنسوننىڭ تالانتىنى بايقاپ ئۆزىنىڭ يېڭى تىياتىرى «مەخپىي ساقچى» دا رول ئالغۇزماقچى بولىدۇ. كېيىن بۇ تىياتىر ئەتكىنسوننىڭ ئېكرانغا چىقىشتىكى تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.

    1982-يىلى رىچارد ئەتكىنسوننى ئىزدەپ «بىز نېمىشقا بىللە سىنارىيە يېزىپ باقمايمىز» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1983-يىلى «قارا سېر (ياۋروپادىكى پادىشاھلىق ئەللەردە بېرىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋە)» يېزىلىپ، ئەتكىنسون بىر كالۋا شەخىسنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم قويۇلغاندا كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتكىنسون دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، «قارا سېر2» دە ئەتكىنسوننى ئەقىللىق ۋە ھىيلىگەر بىر كىشىنىڭ رولىغا چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ قارار توغرا بولغان ئىدى. بۇ تىياتىر شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ئالقىشلىنىدۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى كومېدىيەلىك تىياتىر» قاتارىدا باھالىنىپ 2-ئورۇنغا تىزىلىدۇ. بۇ تىياتىر BBC نىڭ ھازىرغا كەلگۈچە چىققان تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققىنى ھېسابلىنىدۇ.

    «قارا سېر2» ئەتكىنسوننى كەسپى جەھەتتە ئۇتۇققا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، ئۇنى مۇھەببەتكىمۇ ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇ سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا گىرىمچىك بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ. 1990-يىلى توي قىلىپ، بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ.

    1990-يىلى ئەتكىنسون «پۇرچاق ئەپەندىم» دا رول ئالىدۇ، تۇنجى قويۇلۇشىدىلا 20 مىليون كۆرۈرمەننى جەلىپ قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ 6 يىلغا يېقىن ۋاقت قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ جابدۇقى ناھايىتى ئاددى ئىدى، بىر ئېيىق، بىر يولۇچى، بىر غەلىتە جابدۇق، بىر تۆشۈك كىيىم دېگەندەك. ئۇنىڭ دۈپدۈگىلەك كۆزى، بەڭۋاشلارچە چىراي ئىپادىسى، ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان قاشلىرىلا بار ئىدى.

    بەلكىم پۇرچاق ئەپەندىم ئوبرازى ئۇنىڭغا بېكىتىلىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك، ئۇ بۇ ئوبرازىدىن قۇتۇلۇپ چىقماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2007-يىلى چوڭ ئېكراندىن چېكىنگىنىگە 4 يىل بولغان پۇرچاق ئەپەندىم يەنە بىر قېتىم «پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ دەم ئېلىشى»《憨豆先生的假期》نى ئىشلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرچاق ئەپەندىم سالاھىيىتىدە رول ئېلىشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ راستتىنلا ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ رولىنى ئېلىش بولۇپ قالىدۇ.

    لېكىن 2015-يىلى 9-ئايدا «پۇرچاق ئەپەندىم» يەنە تېددى ئېيىقىنى ئېلىپ، يېشىل ئوماق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، سۆسۈنرەڭ گالىستۇكىنى تاقاپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىنى قوزغاتقان ھالدا ئەنگىلىيە بۇككىنخام خان ئوردىسىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەرىكىتى بىلەن فىلىم قويۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. ئەتكىنسون سوۋغاتلارغا توشۇپ كەتكەن ماشىنسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغان بولۇپ، يەنىلا پۇرچاق ئەپەندىملىكىنى قىلغان، يەنىلا شۇنداق تەبئىيلا پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ ئۆزى. لېكىن ئۇنىڭ ھارغىن چىرايى ئادەمگە «مەن قېرىدىم، ھاياتىمدا ‹پۇرچاق ئەپەندىم› ئوبرازىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىدىم» دەۋاتقاندەك قىلاتتى، بىر خىل كۆڭلۈم ئېچىشىۋاتىدىيا، بىردەمدە نەچچە ئون يىل ئۆتۈپتۇ. ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياشلىقىغا ھەمراھ بولغان ئىدى.

    ئەتكىنسوننىڭ شەخسىي بايلىقى ئاللىقاچان 100 مىليون فوندسىتىرلىڭدىن ئاشقان، ئۇ نامرات رايونلارغا ئىئانە قىلغان پۇلى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. ئۇ «دۇنيادىكى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئەڭ زور سوممىلىق پۇل ئىئانە قىلغۇچى سەنئەتكار». نەچچە يۈز مىليوننى ئافرىقىدىكى نامراتلارغا ساخاۋەت قىلغان شەپقەتلىك كىشى. ئۇ يەنە ئامراق قىزىنىڭ ناخشا كەسىپىدە تەرەققىي قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ بېرىپ، تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەن.

    پۇرچاق ئەپەندىم شاڭخەيدە تۇنجى پەيدا بولغاندا، ياردەمچىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۆزى يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى، مانا سەنئەتكار دېگەن! بۇ بىر ئۈلگە ئەمەسمۇ! ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ھەقىقىي ئىسمى روۋان ئەتكىنسون.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى