• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مارلىن.مونرونىڭ سىرلىق ئۆلۈمى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:56 13-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تەننازلىق ھەم مۇلايىملىق قىزلار مەڭگۈ، مەڭگۈ ئىنتىلىدىغان گۈزەللىك، پەقەت تەننازلىق بىلەن مۇلايىملىق بىرلەشكەن قىزلارلا ھەقىقىي ئاياللىق پۇرىقى بار قىزلاردۇر. تەننازلىق تىلغا ئېلىنسا ئۆزىنىڭ ساپ تەننازلىقى بىلەن بىر ئەۋلات كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان مارلىن.مونرونى ئەسكە ئالماي قالمايمىز، ئۇ دەل ئاياللار ئىچىدىكى نازىنىن ئاياللارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

    بىز گۈزەللىك ئىلاھى ئاۋدىرىي.ھېبرۇننى ھازىرقى زامان مودىسىنڭ باشلامچىسى، دەپ ئاتىغانىدۇق . ئۇنداقتا سىز مارلىن.مونرونىڭ بۇ گۈزەل رەسىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىشنى لايىق تاپتىڭىز؟

    كىشىلەرنىڭ بىزنى قايىل قىلىدىغان تەرەپلىرى كۆپ خىل بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بىزنى قايىل قىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى، بەزىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتىرى بىزنى قايىل قىلسا يەنە بەزىلەرنىڭ تىنىم تاپماس روھى بىزنى ئۆزىگە قايىل قىلغۇزىدۇ.

    ئۇنداقتا مارلىن.مونرونىڭچۇ؟ ئۇنىڭ بىزنى قايىل قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ ھەربىر قىزدا كەم بولسا بولمايدىغان لاتاپىتى.

    يېقىندا مارلىن.مونرونىڭ « ھەقىقىي لاتاپەت » دىگەن كىتابى نەشىردىن چىقتى، كىتاپتا ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ھالەتتىكى قىممەتلىك سۈرەتلىرى بار.

    سىز بۇ ئەرلەرنىلا ئەمەس ئاياللارنىمۇ ئۆزىگە چەكسىز مەھلىيا قىلالايدىغان تارختىكى لاتاپەتلىك ئايال چولپاننىڭ 36 ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ئۇ ئۆز ئۆيىدە جىمجىتقىنە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان، ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلىمى پۇتۈن شەھەر كىشىلىرىنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغانىدى.

    كىشىلەر چىرايلىق ئاياللار بەختسىز كېلىدۇ، دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ، دەپ ئېيتىدۇ. بۇ گەپ بەلكىم ئاساسسىز بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.

    مارلىن.مونرونىڭ بەختسىزلىكى

    مارلىن.مونرو ھەتتاكى دادىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان نىكاھىسىز تۇغۇلغان بالا ئىدى، ئۇنىڭ بالىلىقى ئون نەچچە ئائىلىدە قېقىلىپ سوقۇلۇپ ئۆتكەن، ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئانا بولغان، ئون ئالتە ياش ۋاقتىدىلا تۇنجى ئېرى بىلەن توي قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ نىكاھى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان.

    كېيىن يەنە ئىككى قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك نىكاھنى بېشدىن ئۆتكۈزگەن، ئەينى چاغدا ۋوللىۋودتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشىدىكى مەشۇقى، تەننازلىقتا ھېچكىم ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغان بۇ گىگانىت چولپان ئىنتايىن سىرلىق ھالدا ئۆز ئۆيىدە « ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان».

    ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلىمى شۇ پېتى سىرلىقلىقىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەت ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەتتى.

    ئۇنىڭ ئۆلىمى قاتتىق تەسىر قىلغان مارلىن.مونرو مەستانىلىرى كەينى- كەينىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

    گەرچە ئۇ شۇنچە ياش تۇرۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ لاتاپەتلىك تۇرقى ھازىرقى ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە خۇددى ھازىرمۇ ھاياتتەك، ئۇنىڭ مەستانىلىرى ھېلىھەم شۇنچە كۆپ.

    ھەتتاكى ئۇنىڭ شۇ دەۋردە كىيگەن، تاقىغان تەۋەررۈك بۇيۇملىرى ئىنتايىن قىممەت باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلماقتا.

    يەنە خالىغان كىشىنىڭ يانفونىنى ئاقتۇرغىنىڭىزدا ئۇنىڭ رەسىملىرىنى ئۇچراتماي قالمايسىز

    ھەقىقىي گۈزەللىك لاتاپەتلىكتە

    گەرچە گۈزەللىك مەڭگۈلۈك بولمىسىمۇ، لاتاپەت ئۇ مەڭگۈلۈكتۇر، مارلىن.مونرونىڭ ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن يادلىنىشى دەل ئۇنىڭ ھەقىقىي لاتاپەتلىكى.

    «تور دۇنياسى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى