• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «سۇلياۋ ئەخلەت ئارىلى» يەر شارىدىكى 8-قىتئە بولۇپ قالامدۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:21 13-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى زامان ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، «سۇلياۋ ئەخلەتلىرى» پىلانېتىمىزدىكى مۇھىت ئاپىتىگە ئايلاندى. ئىنسانلار مۇھىتنى خالىغانچە بۇلغىغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى، بولۇپمۇ سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا.

    2016-يىلدىكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ بىر يىللىق سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 480 مىليارد دانىگە يېتىدىغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت يېرىمىلا يىغىۋېلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت %7ى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلدىكەن. ئەمما قالغان زور مىقداردىكى سۇلياۋلار ئەخلەت قاتارىدا دېڭىز-ئوكيانغا تاشلىنىدىكەن. گەرچە نۇرغۇن جايلاردىكى سۇلياۋلار ئەخلەت مەيدانلىرىدا كۆيدۈرۈۋېتىلدىغان بولسىمۇ، ئاخىردا ئۇلاردىن چىققان قالدۇق ماددىلار يەنىلا دېڭىز-ئوكيانلارغا تاشلىۋېتىلدىكەن.

    دۇنيادىكى دەريا- ئېقىنلار ھەر يىلى 400 توننا ئەخلەتنى دېڭىز-ئوكيانغا توشۇيدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %88تىن %95كىچە بولغان ئەخلەتلەر سۇلياۋ ئەخلەتلىرى ئىكەن، بۇ ئەخلەتلەر ئاساسلىقى 10چوڭ بۇلغانغان ئېقىنلاردىن ئېقىپ كېلىدىكەن. بۇ دەريالار شەرقى ئاسىيادا: چاڭجىياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، خەيخې دەرياسى، جۇجياڭ دەرياسى، خېيلوڭجىياڭ دەرياسى، مېكون دەرياسى قاتارلىقلار. جەنۇبى ئاسىيادا: ھىندى دەرياسى، گانگ دەرياسى. ئافرىقدا: نېگىر دەرياسى، نىل دەرياسى قاتارلىقلار ئىكەن.

    ئۇنداقتا دۇنيادىكى كېرەكسىز سۇلياۋ ئەخلەتلىرى زادى قەيەرگە كەتتى؟ ئۇلار تىنچ ئوكياندا تېز سۈرەتتە كۆپىيىپ، غايەت زور ئەخلەت دۆۋىسىنى پەيدا قىلدى. ھازىر بۇ ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ قېلىنلىقى 30 مېتىر، چوڭلۇقى شاڭخەي شەھىرىنىڭ 500 ھەسىسىگە تەڭ بۇلۇپ، بۇ ئەخلەتلەر ھازىر شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە.

    يېقىندا ئەنگىلىيە ئاخبارات شىركىتى بىر قېتىملىق ئىمزا قويۇش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن بۇلۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان «ئەخلەت تاقىم ئاراللىرى»نى دۇنيادىكى 196- دۆلەت دەپ ئىلتىماس قىلغان. پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىككى ئاي جەريانىدا، 120 مىڭ «پۇقرا» ئىلتىماسقا ئىمزا قۇيۇپ، ئۆزىنى بۇ دۆلەتنىڭ «شەرەپلىك گىراژدانلىرى» دەپ ئاتىغان.

    «ئەخلەت تاقىم ئاراللىرى جۇمھۇرىيتى»نىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە پۇلى بار بولۇپ، «ئۇۋاقلار، جەسەت كۈلى» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلار قايتا ھاسىل بولىدىغان ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ، پاسپورت، دۆلەت گېمنى ياسىغان بولۇپ، ھەتتا پۇتبول كوماندىسىمۇ بار ئىكەن.

    گەرچە بۇ خىل چاقىرىق ۋە ئىش ھەرىكەتلەر ئەخمەقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققى مەقسىدى كىشىلەرگە سۇلياۋنىڭ، يەرشارى مۇھىتىغا ئېلىپ كەلگەن تولدۇرۋالغۇسىز بۇزغۇنچىلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىش ئىكەن.

    ئالىملارنىڭ قارىشىچە، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، بۇ سۇلياۋلارنى ئىستىمال قىلۋالىدىغان بۇلۇپ، دېڭىز-ئوكيانلاردىكى كېرەكسىز سۇلياۋ ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز جانلىقلىرى دېڭىزدىكى ئۇزۇقلۇق بىلەن سۇلياۋ ئەخلەتلەرنى ئايرىيالمايدىغان بۇلۇپ قالغان. شۇڭا نۇرغۇن سۇلياۋ ئەخلەتلەر دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ تىنىگە كىرىپ كەتكەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، ئۇزۇقلۇق زەنجىرىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك بېلىقلار ئۇزۇقلىنىش جەريانىدا سۇلياۋ ئەخلەتلەرنىڭ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرۈپ قۇيۇپ بەرگەن «مەززىلىك» پۇرىقىغا مەستخۇش بۇلۇپ، ئۇنى يەۋالدىكەن. بەزى دېڭىز جانلىقلىرى ئەمەلىيەتتە سۇلياۋنىڭ پۇرقىغا ئامراق بۇلۇپ، بۇ ئىش ئۇزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن. ئاقىۋەتتە ئىنسانلار « سۇلياۋ دېڭىز جانلىقلىرىنى» ئىستىمال قىلىپ قالىدىغان بۇلۇپ، دېڭىز- ئوكيان سۈيى ئاخىردا « سۇلياۋ شورپىسى»غا ئايلىنىپ قالىدىكەن.

    ھەر يىلى تەخمىنەن 8 مىليون توننا سۇلياۋ ئەخلەت دېڭىز-ئوكيانغا ئېقىپ كىرىدىغان بۇلۇپ، نۇرغۇن دېڭىز جانلىقلىرى بۇ سۇلياۋ ئەخلەتلىرى بىلەن بىللە ياشايدىكەن. بۇ خىل مۇھىت ئۇزاق داۋاملىشىۋەرسە، نۇرغۇن دېڭىز جانلىقلىرىنىڭ ئۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان بۇلۇپ، پارچىلنىپ كەتكەن كىچىك سۇلياۋلار ئاللىقاچان بېلىقلارنىڭ يىمەكلىكگە ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ئۇزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق، قايتىدىن ئىنسانلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتكەن.

    ئامېركىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشچە، %93 ئالتە ياشتىن يۇقىرى ئامېرىكىلىقنىڭ تېنىدىكى ھورمۇننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقۇچى سۇلياۋنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان.

    كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى، شۇ يەردىكى بازارغا بېرىپ، 64 خىل ئوخشىمىغان بېلىق تۈرلىرىنى سېتىۋېلىپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، بۇ بېلىقلارنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردىكى «كىيىم-كېچەك، سۇلياۋ تالالىرىنى» بايقىغان. بۇ جايدىكى بۇلغانغان سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ سۈزۈش قۇرۇلمىلىرى بۇنداق بۇلغانمىلارغا نىسپەتەن ھېچقانداق سۈزۈش رولىنى ئوينىيالمىغان بۇلۇپ، بۇ بۇلغانمىلار دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تىنىگە كىرىپ كېتىدىكەن.

    بىر قېتىم ئىشىلتىلىدىغان سۇلياۋ مەھسۇلاتلار، مەسىلەن: سۇلياۋ خالتا، سۇلياۋ قوشۇق قاتارلىقلار ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بۇلۇپ، جامائەت فوندى تەشكىلاتلىرى كىشىلەرنى ئامال بار بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەي، قايتا پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئەمما زادى قانچىلىك ئادەم بۇ ئىشلارغا دېققەت قىلالايدۇ؟

    سىزنىڭ ھەر قېتىملىق سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىشلەتكىنىڭىز، سۇلياۋ ئەخلەت تاقىم ئاراللىرىنىڭ چوڭىيشىغا بىر كىشلىك «تۆھپىڭىزنى» قوشقىنىڭىز ھېسابلىنىدۇ. بىز دائىم «يەر شارىنى ئاسرايلى، مۇھىتنى سۆيەيلى!» دەيمىز. ئەمما ئىنسانلار يەر شارىدا ياشاۋاتقىلى نەچچە مىليون يىللار بولدى، يەر شارى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز بىر ئۆتمۈش خالاس. شۇڭا يەرشارى سىزنىڭ قوغدىشىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس، پەقەت ئىنسانلارلا ئۆزنى ئۆزى قوغداشقا مۇھتاج. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىنسانلار مەيلى قايسى پىلانېتتا ياشىسۇن، پەقەت يەر شارىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ماكانى.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى