• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    جوۋ شىڭچى ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىمۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:03 13-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى كىنوچىلىق تارىخىدا، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئارتىسلارنى چېڭلوڭ بىلەن جوۋ شىڭچى دېسەك تامامەن توغرا بولىدۇ. بۈگۈن بىز ئاساسلىقى جوۋ شىڭچى توغرىسىدا سۆز قىلىمىز. كۆپلىگەن تورداشلار جوۋ شىڭچىنىڭ كىنورىنى كۆرۈپ باققان، ئۇنىڭ كىنورىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان دېسەكمۇ ئېغىر كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاساسسىز بولغان كومېدىيە شەكلى نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان، كۈلكە بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ فىلىملىرىدە ئۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان چوڭقۇر مەزمۇنمۇ ئۆز ۋاقتىدا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.

    تاماشا چەمبىرىكىدە جوۋ شىڭچى بىلەن ئازارلىشىپ قالغان چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس، كۆپچىلىككە تونۇش بولغانلىرى شياڭگاڭ كىنو ماگناتى شياڭ خۇاچياڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى چېن لەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چېن لەن كۆپ قېتىم مەيلى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ياكى زىيارەتلەردە بولسۇن، جوۋ شىڭچىنى ئەيىبلەپ كەلگەن.

    خۇاڭ شېڭيى، ئەينى يىلى «گۇمپا» دېگەن فىلىمدا 5 مىنۇت رولغا چىققان، ھەتتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان خۇاڭ شېڭيى فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە نام قازىنىپ، شۇ چاغدىكى داڭدار ئايال ئارتىسلارنىڭ قاتارىغا كىرگەن. لېكىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن جوۋ شىڭچىنىڭ زادى نېمە سەۋەبلەر بىلەن ئازارلىشىپ قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، لېكىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدا يەنىلا جوۋ شىڭچىنىڭ خاتا بولۇپ كەلگەن.

    لياڭ شياۋلوڭ، ئەينى يىللىرى ئۇنىڭ داڭقى چېڭلوڭدىن قېلىشمايتتى، لېكىن ئۇزاق يىل ئېكراندا پەيدا بولمىغان لياڭ شياۋلوڭ جوۋ شىڭچىنىڭ تەكلىپى بىلەن «گۇمپا» دا رولغا چىقىپ، ئارتىسلىق ھاياتىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. جوۋ شىڭچى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى تىلغا ئالغاندا، لياڭ شياۋلوڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى يىلى جوۋ شىڭچى مېنى ئىزدەپ بارغان، ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى مېنى قايىل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ شىركىتى بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەن ئىدىم. كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ شېرىنكانە ئېلىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. شىركەت بىلەن توختام بىكار قىلماقچى بولغىنىمدا، ئۇلار توختامنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان». شۇنىڭدىن كېيىن، لياڭ شياۋلوڭ بىلەن جوۋ شىڭچىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناچارلىشىپ ماڭغان.

    خوڭ جىنباۋ، شياڭگاڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى «چوڭام». ئەينى يىلى «گۇمپا» نى ئىشلەۋاتقاندا جوۋ شىڭچى بىلەن پىكرى بىر يەرگە كەلمەي، قول چىقىرىشقىلى تاسلا قالغان. شۇندىن كېيىن جوۋ شىڭچىنى تىلغا ئالسىلا، خوڭ جىنباۋنىڭ ئاچچىقى بېسىلمايدۇ.

    ۋۇ مېڭدا، ۋۇمېڭدا بىلەن جوۋ شىڭچى «ئالتۇن ھەمراھ» دەپ ئاتالغان، پەقەت بۇ ئىككەيلەن بولغان كىنونىڭ بېلەت كىرىمى ھەرگىزمۇ ناچار بولمايدۇ. «گۇمپا» نى ئىشلەۋاتقان چاغدا، ۋۇ مېڭدا بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جوۋ شىڭچىنىڭ تەكلىپىنى ساقلىغان بولۇپ، لېكىن جوۋ شىڭچى ئۇنى بۇ فىلىمگە تەكلىپ قىلمىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ «ئالتۇن ھەمراھ» لارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. لېكىن ۋۇ مېڭدا بۇ مەسىلىنى ئۇنچە ئېغىر كۆرۈپ كەتمىگەن بولۇپ، يېقىندا پۇرسەت بولسىلا، جوۋ شىڭچى بىلەن يەنە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ۋاڭ جىڭ، «ئەخلەت فىلىم شاھى». ئەينى يىلى جوۋ شىڭچى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ھەمكارلىقىدا، جوۋ شىڭچى بىر مەسىلە ئۈستىدە ئۇنىڭدىن نارازى بولغان بولۇپ، ئارقىدىنلا ئىككەيلەن گەپ تالىشىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناچارلاشقان.

    بۇ بىر نەچچە كىشىنىڭ جوۋ شىڭچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىكى سەۋەبلەرنى بىلگەندىن كېيىن، بەلكىم سىز ئۇنى «چوڭچىلىق قىلغان»، «ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمىغان»... دېگەندەك ئويلارغا كېلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن بىز بۇ يەردە يەنە بىر داڭلىق چولپاننىڭ بىر جۈملە سۆزىنى كۆرۈپ باقايلى. خۇاڭ چيۇشېڭ ئىلگىرى جوۋ شىڭچىغا مۇنداق باھا بەرگەن: «سىز پەقەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقتىڭىز، لېكىن ئۇنىڭ باشقىلار توغرىسىدا بىر ئېغىز سۆز قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟»

    خۇاڭ چيۇشېڭ ئىنتايىن راستچىل ئادەم، ئۇ ھەتتا ئۆزىگە باھا بېرىپ: «مېنىڭ رول ئېلىشىم پۇل ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ قاتتىق ئالىيجاناپ بولۇۋېلىش ياكى كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ھەممەيلەننىڭ مۇكاپات ئېلىشى يەنىلا شۇ تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن»، دېگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ جوۋ شىڭچىغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن جوۋ شىڭچىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

    شۇنداق، جوۋ شىڭچى ئالاھىدە بولغان ئۇسلۇبقا ئىگە، ئۇنىڭ ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى، باشقىلار بىلەن چوڭ-كىچىك سۈركۈلۈشلەر بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال، ئەخلاقىي پەزىلىتىمۇ خۇاڭ چيۇشېڭنىڭ دېگەنلىرىدەك، ئىنتايىن ئالاھىدە، گەرچە ئۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىزگە نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى سۇنغان، سىزچىچۇ؟

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى