• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بالون قانچە كەڭ بولسا ماي سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ؟

    مەنبە : www.sohu.com
    يوللانغان ۋاقىت : 16:41 12-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1. بالوننىڭ كەڭلىكى

    ئادەتتە ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتا سەپلەنگەن بالون ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى ۋە گاز چىقىرىش مىقدارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن سەپلەنگەن بولىدۇ. ئەگەر بالون كەڭ بولسا، يەر يۈزى بىلەن تېگىشىش يۈزىمۇ نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، سۈركىلىش كۈچىمۇ چوڭ بولىدۇ دە ماي سەرپىياتىمۇ تەبىئىي ھالدا چوڭراق بولىدۇ. شۇڭا شوپۇر دوستلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەڭ بالون ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    بالوننىڭ ئۇپرىشى ئېغىر بولسا، تېيىلىش ھادىسىسىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، شۇنداقلا سۈركىلىش ۋە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ماي سەرپىياتى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

    2. بالون سىزىقچىلىرى

    ھەر قانداق بىر ماركىدىكى بالونلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۈرۈشلۈك سىزىقچىلىرى بولىدۇ، سىزىقچىلارنىڭ لايىھەلىنىشى كۆپ جەھەتتىن ئويلىشىلىدىغان بولۇپ، ماي سەرپىياتىمۇ مۇھىم بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ.

    بالون سىزىقچىلىرىغا ئاساسەن، بالونلار دالا تۈرىدىكى، ھەرىكەت تۈرىدىكى ۋە راھەت ۋە تىنچ تۈرىدىكى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دالا تۈرىدىكى بالونلارنىڭ سىزىقچىلىرى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، قۇم شېغىللىق يوللاردا يۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، ماي سەرپىياتىمۇ ئەڭ چوڭ. ھەرىكەت تۈرىدىكى بالونلاردا ئاساسلىقى يەرنى تۇتۇش ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان بولۇپ، بالون يۈزى نىسبەتەن كەڭ، كونترول قىلىش ئاسان، ماي سەرپىياتى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ. راھەت ۋە تىنچ تۈرىدىكى بالونلارنىڭ سىزىقچىلىرى ئىنچىكە، راۋان بولغانلىقتىن، ماي سەرپىياتىمۇ ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ.

    3. ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسى

    ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش قۇرۇلمىسى ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى يادرولۇق قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ۋە ماي سەرپىياتىغا ئاچقۇچلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ناھايىتى ئاسانلا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. ئۈنۈمىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ماي پۈركۈش سىستېمىسى گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇق ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمەي، ماتوردىكى ئارىلاشما گازنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ شۇنداقلا ماي سەرپىياتىمۇ ئاسان ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسى بۇزۇلۇپ كەتسە، بۇلغىما قويۇپ بېرىشىمۇ ئېشىپ كېتىپ، بېنزىن تولۇق كۆيمەيدۇ، ماي سەرپىياتىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېشىپ كېتىدۇ.

    شۇڭا، ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.

    4. ئۇچقۇنلاتقۇچ

    ئۇچقۇنلاتقۇچنىڭ ئوت تۇتاشتۇرۇش كۈچى بېنزىننىڭ تولۇق كۆيۈش كۆيمەسلىكىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئۇچقۇنلاتقۇچنى ئىشلەتكەن ۋاقىت نىسبەتەن ئۇزۇن بولسا، ئوت تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاپتوموبىلنىڭ كۆيدۈرۈشى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.

    شۇڭا، ئادەتتە ئۇچقۇنلاتقۇچنى 20 مىڭ كىلومېتىردىن 30 مىڭ كىلومېتىردا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

    5. ئاككۇمۇلياتور

    ئاككۇمۇلياتور بىلەن ماي سەرپىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    ئەمەلىيەتتە، توك يولى بىلەن ماي يولىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئاككۇمۇلياتورنى ئىككى ئۈچ يىل ئىشلەتكەندە توك ياخشى تۇرماسلىق ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن توك بېسىمى يېتەرسىز، ستارتېر ئاجىز بولسا، ماتورنىڭ ھەرىكىتىمۇ تەبىئىي ھالدا تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇچقۇنلاتقۇچ كۈچلۈك ئۇچقۇن بىلەن تەمىنلىيەلمەي، ئوت تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ دە ئاخىرىدا ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاككۇمۇلياتور ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزلاش ئۈسكۈنىسى ۋە ماي پۈركۈش ئېغىزى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى ئاككۇمۇلياتورنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىدۇ. ئەگەر توك ئاجىز بولسا، ماي سەرپىياتى ھەقىقەتەن ئۆرلەپ كېتىدۇ.

    «سوخۇ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى