• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ...

    مەنبە : www.xinjiangyuqing.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:43 12-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئادەم ﻗﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؟

    ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻮﻣﻤﯩﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﻳﯩﻐﯩﯟﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻱ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻼ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ. ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩنىپ، ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﭘﯩﭽﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﭗ، ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯨﺪﯗ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ. ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻗﻪﺭﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻪﺭﺯ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﯨﺘﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﺖ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯚﻱ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﺖ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ.

    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ. ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﺭﺯ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻗﻪﺭﺯ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى