• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    روڭۋېي RX3 ئاپتۇموبىلى غەربىي شىمالدا رەسمى بازارغا سېلىندى

    مەنبە : www.17.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:46 08-12-2017
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ رۇڭۋېي RX3 تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ غەربىي شىمالدا بازارغا سېلىنىش مۇراسىمى 12–ئاينىڭ 6–كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق بازارغا سېلىش مۇراسىمىغا 80 دىن ئارتۇق تاراتقۇلار،نوپۇزلۇق ئاپتوموبىل باھالىغۇچىلار ھەمدە ئوندىن ئارتۇق بىۋاستە تارقىتىش سالونلىرىنىڭ گۈزەل رىياسەتچىلىرى تەكلىپ قىلىندى. بۇ قېتىم غەربىي يۇرتقا رەسمىي قەدەم قويغان رۇڭۋېي RX3 ئاپتوموبىلى 1.3T ۋە 1.6L لىق ئىككى خىل چىقىرىش مىقدارىدىكى 7 يۈرۈش ئاپتوموبىل شەكلىنى بازارغا سالدى. ئورگان يىتەكچى باھاسى 89 مىڭ 800 يۈەندىن —135 مىڭ 800 يۈەنگىچە بولۇپ، سوۋغا قىلىنغان 5000 يۈەنلىك ئەلى چىقىمدانى قىزىل بولىقىنى چىقىرۋەتكەندىكى باھاسى 84 مىڭ 800 يۈەندىن —130 مىڭ 800 يۈەنگىچە .

    بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاللانغان ئورۇنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت غەرب مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى روھىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پەن–تېخنىكا تەرققىياتى ۋە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدىكى ئۆتۈشۈش تولۇق بىرلەشتۈرۈلگەن.
    رۇڭۋېي RX3 نىڭ بۇ تىپىدىكى ئاپتوموبىلىدا ئۆزىگىلا خاس بولغان ‹ بەش چوڭ› بولۇشتەك ئالاھىدىلىك بار بولۇپ ئۇلار: چوڭ بوشلۇق، چوڭ تۈڭلۈك،چوڭ ماي تىجەش ئالاھىدىلىكى،چوڭ ئەقلىي ئىقتىدار،چوڭ بىخەتەرلىك قاتارلىقلار.
    مۇكەممەل ئەمەلىي كۈچ ۋە مۇۋاپىق بولغان باھا، ياش ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن يېڭى تاللاش .

    سەپلىمە جەھەتتە:12 تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئىقتىدارىلىق EPB، يول باشلاش ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدىغان 3.5 دىيۇملۇق TFT راڭلىك ئېكىران، 6 يۆنىلىشلىك تەڭشەك، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالاقە تورى ئاپتوموبىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسى . بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاپتوموبىلنىڭ شەكلىگە ماسلاشتۇرۇلغان خۇرۇم ئورۇندۇق، 8 دىيۇملۇق يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى سېزىمچان ئېلېكتر سىغىملىق ئېكران،ESP ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىقلار ياش ئىستىمالچىلارنىڭ يۇقىرى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى