• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:16 05-12-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﻢ-ﺳﯧﺘﯩﻤﻰ قىلغاﻧﺪﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﻼ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟

    ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ. ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ. ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ «ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﯧﺘﻰ» ﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺪﯗ. ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﯧﺘﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ. ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ. ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ «ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﻧﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﯧﺘﻰ» ﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ، ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻤﯘ «ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﯧﺘﻰ» ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ «ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﯩﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺧﯧﺘﻰ» ﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ. ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﻰ ﺑﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﭗ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺑﯚﻟﯜﺷﯜﺵ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯜﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ. ﭼﻪت ئەل ﯞﻩ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ، ﺋﺎﯞﻣﯧﻦ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ. ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻢ-ﺳﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى