• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪﻯ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:18 28-10-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 158 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ 15 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

    ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ 26-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺸﭽﻰ- ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ « ‹ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ› ﻏﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ» (ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ «ﻗﺎﺭﺍﺭ»ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪﻯ.ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ 158 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ 15 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭖ ﻛﯧﺰﻩﻙ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ 15 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

    «ﻗﺎﺭﺍﺭ» ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ «ﻗﺎﺭﺍﺭ» ﺩﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺗﻮﺷﻤﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 15 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 42 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺗﯜﭖ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ- ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﻰ 30 ﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪﻯ: 28-ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،« ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ» ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ, ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ 98 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ «ﻧﯩﺰﺍﻡ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 60 ﻛﯜﻥ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 158 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 15 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﭘﻪﺭﯞﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ «ﻗﺎﺭﺍﺭ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2017-ﻳﯩﻠﻰ 28-ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

    ﮬﺎﺯﯨﺮ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ، ﭘﯘﻗﺮﺍﯞﻯ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ، ﺋﯩﺸﭽﻰ ﻳﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﭘﻼﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺭ ﺋﯩﺸﭽﻰ-ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى