• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺮ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:22 16-10-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺮﻻﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻨﻜﺎ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ.

    1.ﺩﯦﻨﻨﯩﺲ ﺭﯨﭽﯥ-C ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    1969-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1973-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ، ﺭﯨﭽﯥ C ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. C تىلى ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 45 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ C ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﻮﺑﯩﺴﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺩﻩﻳﺪﯗ.

    2.ﻻﻧﯩﺲ ﺗﻮﯞﺍﺯ-Linux ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    ﻻﻧﯩﺲ ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻯ. 1991-ﻳﯩﻠﻰ Linux ﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ Linux ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. 2012-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻯ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ.

    3.ﺟﺎﻣﯩﺲ ﮔﺎﺳﻠﯩﯔ-JAVA ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    ﺟﺎﻣﯩﺲ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ. ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ («NeWS» ﯞﻩ «GoslingEmacs»)ﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    4.ﺟﯧﺪﻭ ﻓﻪﻥ ﺭﻭﻣﺴﻮﻥ- Pythonﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    ﺟﯧﺪﻭ ﻓﻪﻥ ﺭﻭﻣﺴﻮﻥ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ Python ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ: ﺟﯧﺪﻭ ﻓﻪﻥ ﺭﻭﻣﺴﻮﻥ ﮔﯘﮔﯘﻝ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، «ﻣﻪﻥ Python ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ» (I wrote Python) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﺳﯚﺯﻧﯩﻼ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. Python ﺗﯩﻠﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ، ﺟﯧﺪﻭ ﻓﻪﻥ ﺭﻭﻣﺴﻮﻧﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺗﯩﻜﻮﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ.

    5.ﺭﻭﺏ ﭘﺎﻳﻜﯥ-Go ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    ﺭﻭﺏ ﺑﯧﻞ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯧﻦ ﺗﺎﻣﭙﺴﻮﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﯦﻨﻨﯩﺲ ﺭﯨﭽﯥ ﺑﯩﻠﻪﻥ Unix ﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭ: ﺳﯩﺰ ﻛﻮﺩﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﯓ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﻪﻻﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﯓ.

    6.ﺟﻮﻥ ﻓﺎﻥ ﻧﯧﺌﯘﻣﻪﻥ-ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ.

    1903-ﻳﯩﻠﻰ 28-ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﯦﻨﮕﺮﯨﻴﻪ ﺑﯘﺩﺍﭘﯧﺸﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﮬﯘﺩﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﯞﯦﻨﮕﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1930-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﯞﻩ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ.

    «شىنخۇا تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى