• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ​مۇھەببەت بوغچىسى ـــ «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا»

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:06 16-10-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا ئۈندىداردا «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» ئاسقان بالىلارنى كۆرگەن ھامان ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ...» دېگەن ئۇچۇر تارقالدى، نۇرغۇن ئادەم بۇ ئۇچۇرنى قوللىدى، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ راست ياكى يالغان ئۇچۇرلىقىنى ئاڭقىرالماي ئىككىلىنىپ قالدى... ئۇنداقتا ئاپېلسىن رەڭلىك سومكىدا قانداق «سىر» بار؟

    مۇخبىر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن مۇنداق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى: «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» جۇڭگو ئاڭلاش ئىقتىدارى تېببىي پەنلەر تەرەققىيات فوند جەمئىيىتى 2016- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان پاراۋانلىق تۈرى. ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار كېلىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ۋە ئارىلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغان بولغاچقا، چوڭ يولدا قاتناش ۋەقەلىرىگە ئۇچراش خەۋپى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ؛ دۆلىتىمىزدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار (0 -14 ياشقىچە) دىن 4 مىليون 600 مىڭى بار، دۇنيادىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت.

    «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» پاراۋانلىق تۈرى پىلانى مۇۋاپىق ياشتىكى بالىلارغا ئالاھىدە بەلگە چۈشۈرۈلگەن «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئۇلارنى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئاپېلسىن رەڭ شاد - خۇراملىققا، شوخ - تېتىكلىككە سىمۋول قىلىنىدىغان ئىللىق رەڭ. يىراقتىن يورۇق ھەم ئېنىق كۆرۈنىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 610 - 590 نانومېتىر. بۇ خىل رەڭ سانائەت بىخەتەرلىكىدە «ئاگاھلاندۇرۇش» مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    «ئاپلېسىن رەڭلىك بوغچا» پەقەت ئاددىيلا بىر سومكا ئەمەس، ئۇ يەنە مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى، سومكىغا بىرقانچە خىل بوياق قەلەم، رەڭ تەڭشەش تەخسىسى، ماي بوياق قەلىمى، سۇ بوياق قەغىزى قاتارلىق گۈزەل سەنئەت قوراللىرى سەپلەنگەن، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ رەڭنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ ئۆگىنىش قوراللىرى ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تاشقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» مۇھەببەت بوغچىسى، شەھىرىمىزنىڭ قاتناش ساقچىلىرى شەھەر ئاھالىسىگە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: ناۋادا سىز يولدا كېتىۋاتقاندا «ئاپېلسىن رەڭلىك بوغچا» ئېسىۋالغان بالىلارنى ئۇچراتسىڭىز، ئاپتوموبىلىڭىزنى دەرھال توختىتىپ، شۇ سەبىيلەرگە دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈڭ.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى