• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۆلىتىمىزدىكى قىسمەن يانفون كارخانىلىرى نېمىشقا تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:14 11-10-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر ئەھۋالغا ئۇچراپ باققان، ئۇ بولسىمۇ بۇرۇن يانفون سېتىۋالغاندا كۆپىنچە بىر تال تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىناتتى، مىڭ يۈەنلىك ئادەتتىكى يانفوننىڭمۇ بىر ئادەتتىكى تىڭشىغۇچى بار ئىدى، گەرچە سۈپىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئېھتىياجنى قاندۇرالايتتى. ئەمما ھازىر ئىككى-ئۈچ مىڭ يۈەنلىك بايراقدار يانفونلارغىمۇ تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىنمايدۇ.

    بۇ ئىشنى يەنىلا ئالما، سامسۇڭ ياكى دۆلەت ئىچىدىكى OPPO ۋە vivo قاتارلىقلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇلار ياكى قوشۇمچە ماتېرىيال سۈپىتىدە سوۋغا قىلىشى كېرەك ياكى بولمىسا ئوراپ قاچىلاش قېپىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇلتۇر iphone7نىڭ 3.5mmلىق تىڭشىغۇچ ئېغىزى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالمىمۇ Beats تىڭشىغۇچى سوۋغا قىلىپ ئېتىبارلىق سېتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

    ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى يانفونلارغا تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىنمايدۇ؟ بۇنى شىياۋمىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد يانفونىدىن باشلاپ سۆزلەيلى، ئەينى ۋاقىتتا شىياۋمى بۇ يانفوننى چىقارغاندىن كېيىن، ئىقتىدار-باھا نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان، 1999 يۈەنلىك باھا دەرۋەقە پۈتكۈل بازارنى تەۋرەتكەن بولۇپ، ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدىلا دۆلەت ئىچىدىكى يانفون سېتىش مىقدارى چېمپيونىغا ئايلانغان. ئەمما ئىقتىدار-باھا نىسبىتىدىكى ئاشۇرۇشتىكى بىر تاكتىكا بولسا تىڭشىغۇچ بىكار قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەننەرخى تۆۋەنلىتىلگەن. باشقا يانفون كارخانىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ تەننەرخنى ئازايتقان، بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا ئۆلچەملىك سەپلىمىدە تىڭشىغۇچ بولمىغان ماركىتېڭ تاكتىكىسى بارلىققا كەلگەن، كۆپچىلىكمۇ ئاستا-ئاستا نورمال ئىشتەك ھېس قىلىشقا باشلىغان.

    ھازىر بۇرۇنقىدەك تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى پايدىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ماركىلار، مەسىلەن: ئالما بۇلتۇر پۈتكۈل بازارنىڭ %92لىك پايدىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، سامسۇڭ بولسا بۇ يىل 2-پەسىلدە دۇنيادىكى پايدىسى ئەڭ يۇقىرى يانفون ماركىسىغا ئايلاندى، OPPO ۋە vivoلارمۇ خۇاۋېيدىن ھالقىپ دۆلەت ئىچىدىكى پايدىسى ئەڭ يۇقىرى ئىككى يانفون ماركىسىغا ئايلاندى.

    ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قارىشىمچە، دۆلىتىمىزدىكى يانفونلارغا تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىن ئېلىپ ئۆزىگە بەرگەنلىك، ئەمما تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلماي يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ باھاسى تەننەرخكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلسا، بولۇپمۇ تىڭشىغۇچنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا تىڭشىغۇچ سوۋغا قىلىنمىسا، ئەكسىچە بىزگە بىر ئارتۇق تاللاش بوشلۇقى قالدۇرۇلغان بولىدۇ، سىزچىچۇ؟

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى