• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياغاچ ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالغاندا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:45 28-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مۇتەخەسسىسلەر ياغاچ ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالغاندا، ئۆي جاھازلىرىنىڭ تېخنىكا تەلىپى ۋە سۈپىتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياغاچ ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىشىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، سىرتقى يۈزىنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ياغاچ ئۆي جاھازلىرى ئىچىدىكى پەنەركىلىك ئۆي جاھازلىرى قىرىندى تاختاي، پرېسلانغان تاختاي قاتارلىقلارنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىدۇ، سىرتقى يۈزى مېلامىن، PVC، نېپىز ياغاچ ۋە زىننەت ياغىچى قاتارلىقلار بىلەن بېزىلىدۇ. ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋالغاندا، ئۆي جاھازىلىرىگە ئىشلىتىلگەن تاختاينىڭ سىزىق، بېسىلىش ئىزلىرىنىڭ بار- يوقلۇقى، كۆپكەن، چاپلانغان، يىلىم كۆتۈرۈلگەن ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، ياسىلىش سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ياغاچ ئۆي جاھازىلىرى ياغاچ ماتېرىياللىرىنى كېسىش، زىننەتلەش، قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. پەنەركىلىك ياغاچ ئۆي جاھازلىرىنىڭ ياسىلىش سۈپىتىگە قاراشتا، ئاساسلىقى ماتېرىيالىنىڭ كېسىلىشىگە، گىرۋىكى، سىرتقى يۈزىنىڭ زىننەتلەش سۈپىتىگە قاراش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆلچەملىك تاختاي ھەرىدەلگەندە كەينى تەرىپى تۈز، قارىمۇ قارشى بولۇڭلىرى جىپىسلىنىپ كېلىدۇ. بۇنداق ماتېرىياللاردىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، قېيىپ كەتمەيدۇ. گىرۋەك، يۈزىگە سۈركەلگەن يىلىمىنىڭ تەكشى- تەكشى ئەمەسلىكى، مۇستەھكەم تۇتقان- تۇتمىغانلىقى، گىرۋەكلىرىنىڭ تۈز، سىيلىق بولغان-بولمىغانلىقى، كىچىك بۆلەكلىرى، ئىشىك، تارتما قاتارلىقلارنىڭ چېتىلغان تەرەپلەرنىڭ جىپىسلىنىپ كەلگەن- كەلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، مېتال، سۇلياۋ زاپچاسلارنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ياغاچ ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشتا دائىم مېتال، سۇلياۋ زاپچاسلار ئىشلىتىدۇ. شۇڭا، مېتال زاپچاسلىرىنىڭ سۈپىتى ئارقىلىقمۇ ياغاچ ئۆي جاھازىلىرى سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مېتال زاپچاسلار ئەپچىل، سىلىق، ياخشى ھەل بېرىلگەن بولۇشى، سۇلياۋ زاپچاسلار كۆركەم، رەڭلىرى ئېنىق، ئىشلىتىشتە ئاساسلىق كۈچ چۈشىدىغان ئورۇنلىرى مۇستەھكەم ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

    «تەڭرىتاغ تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى