• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    داۋانچىڭدا چوڭ تىپتىكى كۆمۈر قاتلىمى گازلىقى بايقالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 10:47 28-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    داۋانچىڭدا قېزىشقا بولىدىغان كۆمۈر قاتلىمى گازلىقى بايقالغان. مۆلچەرلىنىشىچە ئۇنىڭ زاپاس مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. 22- سېنتەبىر بۇ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر قاتلىمى گازلىقى قېزىش باسقۇچىغا كىرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر يىللىق ئوتتۇرىچە تەبىئىي گاز ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليارد كۇب مېتىر، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئەگەر شەھىرىمىزدە ئىشلىتىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ھەممىسى كۆمۈر گازىغا ئالماشتۇرۇلسا، ئۇنداقتا داۋانچىڭ رايونىدىكى ھازىر قېزىشقا بولىدىغان كۆمۈر گازى ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ 30 يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

    كۆمۈر قاتلىمى گازى ئىلگىرى كۆمۈر گازى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى مېتان (پاتقاق گازى) ئىكەن، ئۇ كۆمۈر بىلەن تەڭ ھاسىل بولىدىغان پەۋقۇلئاددە تەبىئىي گاز، ئۇ سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت ئاسرايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى ھەمدە مۇھىم خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى ھېسابلىنىدىكەن.

    بۇ كۆمۈر قاتلىمى گازلىقى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بوغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىغا جايلاشقان، غەربتە سايۋوپۇدىن باشلىنىپ شەرقتە داۋانچىڭ شەرقىي ساي يېزىسىغىچە كېلىدىكەن، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 15 كىلومېتىردىن 27 كىلومېتىرغىچە، گازلىقنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 583.39 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى