• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۇ 25 كىشى 25 يېشىدا نېمە قىلىۋاتاتتى؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:33 22-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    BusinessInsider تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇلى ۋە يولى ئوخشاش بولمايدىكەن.

    قىسمەن ئادەملەرگە نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت يولى بىر قەدەر تۈز بولىدىكەن، لېكىن يەنە بىر قىسىملار مۇۋەپپەقىيەت يولىدا كۆپلىگەن ئەگرى-توقايلىققا، بۇرۇلۇشقا ۋە ئېگىز-پەسلىككە دۇچ كېلىدىكەن.

    مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن دونالد تىرامپ ئۆي- زېمىن تەرەققىيات كەسپى جەمەتىدە تۇغۇلغان، 25 يېشىدا دادىسىنىڭ سودىسىغا ۋارىسلىق قىلغان.

    ئەكسچە، Focus Brands گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى Kat Cole يىگىرمە نەچچە يېشىدا تېخىمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇپ، 26 يېشىدا بىر ئايال كۈتكۈچىدىن شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇقىغا ئۆسكەن.

    ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى خىل مۇۋەپپەقىيەت يولى بولمايدۇ، بىز تۆۋەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 25 ئادەمنىڭ 25 يېشىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تىزىپ چىقتۇق.

    1 . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ 25 يېشىدا دادىسىنىڭ ئۆي-زېمىن تەرەققىيات شىركىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان

    ئۆي-مۈلۈك كەسپى ماگناتىنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتىدە 25 يېشىدا دادىسىنىڭ شىركىتى Elizabeth Trump & Sonنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن شىركەت ئىسمىنى «تىرامپ گۇرۇھى»غا ئۆزگەرتكەن. تىرامپ شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مانخاتتاننىڭ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى ئېچىشقا قاتناشقان.

    2 . ئايال ئارتىس جېننىفېر لاۋرېنس 25 يېشىدا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بولغان.

    فوربس ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، لاۋرېنس 26 يېشىدا ھوللىۋودتىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئايال ئارتىسقا ئايلانغان، 2016-يىلى ئۇنىڭ باجدىن بۇرۇنقى كىرىمى 46 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، 2015- يىلى 52 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان. 25 يېشىدا لاۋرېنس كىنو «ئاچلىق ئويۇنى»تىرىلوگىيەسىدە ئاساسلىق رول ئالغان ھەم داڭلىق چولپانلار بىلەن بىللە «ئالاھىدە خادىم» يۈرۈشلۈك كىنولىرىنى ئىشلىگەن. 22 يېشىدا «Silver Linings Playbook»غا تايىنىپ ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىنچى ياش ئايال ئارتىسقا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بىلەن باشقا كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

    3 . ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتىۋ جوبىس 25 يېشىدا ئالما شىركىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ بولغان، ئۆزىمۇ مىليونىرغا ئايلىنىپ بولغان

    1980- يىلى 12- ئايدىكى تۇنجى سودا كۈنى ئاخىرلاشقاندا ئالما كومپيۇتېرىنىڭ بازار قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالما شىركىتىنى بىرلىكتە قۇرغان ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدىكى سىتىۋ جوبىسنى ئىنتايىن پۇلدار ئادەمگە ئايلاندۇردى، بۇ چاغدا ئۇ دەل 25 ياشتا ئىدى. جوبىس كېيىن تەرجىمھال يازغۇچىسى ۋالتېرغا ئەينى چاغدا پۇلدا ھاياتىنى بەربات قىلماسلىققا قەسەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

    4 . Focus ماركىسىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى كەت (Kat Cole) يىگىرمە بەش يېشىدا داڭلىق خىزمەتچىگە ئايلانغان

    كەت Focus Brandsنىڭ شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى باش تىجارەت ئەمەلدارى ۋە باش دېرىكتورى، Cinnabon شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بولغان. Hooters شىركىتىدە 15 يىل ئىشلىگەن، 17 يېشىدىن باشلاپ ئايال مۇلازىمەتچى بولغان، 26 يېشىدا ئاخىرى مۇئاۋىن باش دېرىكتورلۇققا ئۆسكەن. بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، 19 يېشىدا Hooters شىركىتى ئۇنى ئاۋستىرالىيەگە شىركەتنىڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىشقا ياردەملەشكىلى ئەۋەتكەن، 20 يېشىدا بارلىق خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەيدىغان ۋە باشقۇرىدىغان خادىمغا ئايلانغان. ئۇ باكلاۋرلىق ئۇنۋانى ئالمىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا MBA ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇ بايلىق ژۇرنىلىغا: مەن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلغىنىم بىر مۇرەككەپ شىركەت بولماستىن، بەلكى Hooters، بۇ يېشىمدا ئەسلى بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇ Ivy Leagueنى پۈتتۈرگەن ئادەمنىڭ شىركەتتىن خىزمەت تېپىشنى ئۈمىد قىلغىنىغا ئوخشىمايدۇ، دېگەن.

    5 . زاكېربېرگ 25 يېشىدا قۇرغان فەيسبۇك شىركىتى تۇنجى قېتىم پايدا ئېلىپ، 300 مىليون ئابۇنتنى جەلپ قىلغان

    زاكېربېرگ 25 يېشىدا فەيسبۇكتا بەش يىل ئىشلەپ بولغان. ئۇ يىلى، يەنى 2009-يىلى شىركەت تۇنجى قېتىم پايدا ئېلىپ، 300 مىليون ئابۇنتنى جەلپ قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ قاتتىق ھاياجانلانغان، لېكىن يەنىلا بۇ پەقەت باشلىنىشى دېگەن. ئۇ فەيسبۇكتا: بىزنىڭ نىشانىمىز ھەر بىر ئادەمنى باغلاش، بىز ئەمدىلا باشلىدۇق، دەپ يازغان. ئىككىنچى يىلى دەۋر ژۇرنىلى ئۇنى «يىللىق شەخس» قىلىپ باھالىغان.

    6. Oracleنىڭ قۇرغۇچىسى لاررىي ئېللىسون 25 يېشىدا بىر پىروگراممىر بولۇپ، ئۇششاق خىزمەت قىلاتتى

    لاررىي ئېللىسون 22 يېشىدا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ بېركېلېيغا كۆچۈپ بارغان، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈشنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ Oracleنىڭ قۇرغۇچىسىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن توختىغان مىليونىرغا ئايلانغان. ئۇ Fireman's Fund، Wells Fargo بانكىسى ۋە AMPEX قاتارلىق شىركەتلەردىن مەخسۇس تېخنىكلىق خىزمىتى تاپقان، ئەڭ ئاخىرىدا Amdahl شىركىتىگە كىرگەن ھەم شىركەتتىكى تۇنجى IBM چوڭ تىپلىق كومپيۇتېر سىستېمىسىدا ئىشلىگەن.

    7 . ئايال سودىگەر، تېلېۋىزىيە خادىمى مارسا (Martha Stewart) يىگىرمە بەش يېشىدا مونس، ۋىللىيامس، Sidel ۋە ئەسلىدىكى Oppenheimer & Co شىركىتىنىڭ پاي چەك ۋاسىتىچىسىگە ئايلانغان

    ئۇنىڭ ئىسمى ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇشتىن بۇرۇن، مارسا ۋال كوچىسىدە بەش يىل ئىشلىگەن، ئۇنىڭ خىزمىتى پاي چېكى ۋاسىتىچىسى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ بىر مودىل ئىكەن، ئۇ چاغدا Unileverدىن تارتىپ Chanelغىچە ھەممىسىدە ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بار ئىكەن. مارسا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەت رادىيو شىركىتىنىڭ بىر يۈرۈش زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا: ئەينى چاغدا ۋال كوچىسىدا ئاياللار بەك ئاز ئىدى، كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىدىغىنى ئەينەك تورۇس ئىدى، لېكىن مەن ئەزەلدىن بۇ نۇقتىنى ئويلاپ باقمىغان، مەن ئۆزۈمگە باراۋەر بولمىدى دەپ قارىماستىن، بەلكى ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولدۇم، پاي چېكى ۋاسىتىچىسى بولۇشقا ئىقتىدارى بار دەپ قارىدىم، دېگەن. 1972-يىلى مارسا ۋال كوچىسىدىن كەتكەندىن كېيىن ئىشلىمەي بالىسىغا قارىغان. بىر يىلدىن كېيىن يېمەك- ئىچمەك ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىغان.

    8. فەيىسبۇكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شېرلىي (Sheryl Sandberg) يىگىرمە بەش يېشىدا ياخشى ئۇستاز لاررىي ساممېرسقا ئۇچرىغان ھەم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ MBA ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن

    شېرلىي 25 يېشىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ھەم دۇنيا بانكىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ئەينى چاغدا ئۇنى يېتەكلىگىنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچىسى، شۇنداقلا كېيىنكى مالىيە مىنىستىرى لاررىي ساممېرس ئىكەن. كېيىن شېرلىي خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ MBA ئوقۇغان ھەم 1995-يىلى ئۇنۋان ئالغان.

    كېيىن ئۇ McKinseyغا بېرىپ ئىشلىگەن. 29 يېشىدا لىنكولن ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    شېرلىي گۇگولغا كىرىشتىن بۇرۇن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ بولغان بولۇپ، دەل مۇشۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشى ئۇنىڭغا ئىنتىرنېتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسەتكەن.

    9 . داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى مارك كۇبان (Mark Cuban) يىگىرمە بەش يېشىدا داللاستىكى بىر ھاراق تەڭشىگۈچى ئىكەن

    كۇبان 25 يېشىدا ئىندىنائا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ھەم داللاسقا كۆچۈپ بارغان. «Shark Tank»نى قۇرغان بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ باشتىكى خىزمىتى ھاراق تەڭشىگۈچى ئىكەن، كېيىن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى پارچە ساتقان. لېكىن غوجايىنى ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن، سەۋەبى ئۇ ئەتىگەندە دۇكاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقىلا مەسئۇل بولماستىن، بىر سودىغا قاتناشماقچى بولغان. بۇنداق كۆز قاراش ئۇنىڭ تۇنجى سودىسى-MicroSolutionsغا ئىلھام بەرگەن.

    10 . خۇففىڭتون پوچتا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئارىئاننا خۇففىڭتون (Arianna Huffington) يىگىرمە بەش يېشىدا ئوغۇل دوستى بىلەن بىللە BBCغا ۋاكالىتەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزىكا بايراملىرىغا قاتناشقان.

    خۇففىڭتون پوچتا گېزىتىنى قۇرۇش ياكى ئىسمىنى خۇففىڭتونغا ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىسمى ئارىئاننا ستەسسىنوپولۇس (Arianna Stassinopolous) ئىكەن، ئۇ 21 يېشىدا بىر پىروگراممىدا ئەنگلىيەلىك داڭلىق مۇخبىر ھېنرىي بېرنارد لېۋىننى ئۇچراتقان، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ھېنرىي خۇففىڭتونغا يېتەكچىلىك قىلىپ «The Female Woman»نى يېزىپ ئاياللار ئازادلىق ھەرىكىتىنى تەنقىدلىگەن. بۇ كىتاب خۇففىڭتون 23 يېشىدا نەشر قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا BBCغا ئەسەر تەمىنلەش ئۈچۈن خۇففىڭتون بىلەن يىگىتى ھېنرىي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزىكا بايراملىرىغا قاتناشقان. لېكىن ھېنرىينىڭ توي قىلغۇسى ياكى بالىلىق بولغۇسى يوق بولغاچقا خۇففىڭتون ئاخىرى بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرغان. خۇففىڭتون 30 يېشىدا نيۇيوركقا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ «Maria Calla» ناملىق بىيوگرافىك ئەسەرنى نەشر قىلدۇرۇپ كىتابىدا ھېنرىيغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.

    11 . ۋىرگىن گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى رىچارد برانسون 25 يېشىدا ئۆزىنىڭ ۋىرگىن پىلاستىنكا شىركىتىنى باشقۇرۇۋاتتى

    برانسون 20 يېشىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكا دۇكىنىنى ئاچقان، 23 يېشىدا ۋىرگىن پىلاستىنكا شىركىتىنى ئاچقان. 30 ياشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ شىركىتى خەلقئارالىق شىركەت بولغان، برانسونمۇ مىليونىرغا ئايلانغان.

    برانسوننىڭ بۇرۇنقى كۈنلىرى تولىمۇ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن، ئۇ جامائەتچىلىككە: «بىر كىچىك كارخانا ئىگىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ قانچىلىك تەسلىكى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەندە ھەر كۈنى 24 سائەت، ھەر ھەپتىدە 7 كۈن ئىشلىدىم، كېيىن يەنە ئاجراشتىم، ئۆيدىكىلەرنى جەم قىلىشىم تولىمۇ تەسكە توختىغان، بۇ بىر جاپا-مۇشەققەتلىك خىزمەت ھەم داۋاملىق مەۋجۇت» دېگەن.

    12 . Goldman Sachsنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلانكفېين (LloydBlankfein) يىگىرمە بەش يېشىدا ئادۋوكات ئىدى

    Goldman Sachsنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلانكفېين پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى باشقا كۆپلىگەن ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئەڭ باشتا پۇل مۇئامىلە كەسپىگە كىرمىگەن. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى ئادۋوكاتلىقتىن باشلانغان، 24 يېشىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىلمىدىن باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن Donovan Leisure قانۇن شىركىتىدىن خىزمەت تاپقان.

    ئەينى چاغدا ئۇ بىر بەڭگى ئىكەن، ئانچە- مۇنچە قىمار ئوينايدىكەن. ئۇ شىركىتىنىڭ شېرىكى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بانكىغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىپ، 27 يېشىدا J.Aron شىركىتىگە كىرگەن.

    13 . ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بېزوس 25 يېشىدا پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئەركىن خىزمىتى بار ئىدى

    «بېزوس: ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى» دېگەن كىتابقا ئاساسلانغاندا، 24 يېشىدا Bankers Trustدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بانكا ئورگىنى ئۈچۈن ئىجادىي يۇمشاق دېتاللارنى ياسىغان.

    ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ ياش مۇئاۋىن باش دېرىكتورىغا ئايلانغان.

    14 . يازغۇچى روۋلىڭ (J.K. Rowling) يىگىرمە بەش يېشىدا پويىزدا «خاررىي پوتتېر» يۈرۈشلۈك رومانىنى يېزىشنى ئويلىغان

    1990-يىلى يازغۇچى روۋلىڭ ساياھەتكە ماڭغاندا پويىز 4 سائەت كېچىككەن، بۇ چاغدا ئۇ «خاررىي پوتتېر» يۈرۈشلۈك رومانىنى يېزىشنى ئويلىغان، ئەينى چاغدا ئۇ 25 ياشتا ئىكەن. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە تۇنجى كىتابىنى يېزىشنى باشلىغان، كېيىن ئۇ بۇ كىتابىنى نەچچە يىلدا تاماملىغان. لوندون خەلقئارا ئالاھىدە كەچۈرۈم تەشكىلاتى لوندون ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كاتىپى بولغان روۋلىڭ «خاررىي پوتتېر»نى يېزىشقا زىيادە چۆكۈپ كەتكەنلىكتىن خىزمەتتىن بوشىتىلغان. ئۇنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىلىش ھەققى كېيىنكى نەچچە يىلدا يېزىقچىلىقلا قىلىشىغا ياردەم قىلغان.

    كېينكى نەچچە يىلدا ئۇ توي قىلغان، قىزى بار بولغان، ئاندىن يەنە ئاجراشقان. ئۇنىڭغا يەنە كىلىنىكىلىق دىۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دېئاگنوز قويۇلغان، لېكىن ئۇ 1995-يىلى كىتابنى يېزىپ بولغان ھەم 1997-يىلى نەشر قىلدۇرغان.

    15 . ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 25 يېشىدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن

    ھىلارى كىلىنتون 23 يېشىدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىل كىلىنتون بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. ئاخىرىدا ئوغۇل دوستى بىلەن مەكتەپتە بىر يىلدىن ئارتۇق ئوقۇغان ھەم 1973-يىلى قانۇن ئىلمىدىن ئۇنۋان ئالغان. ئۇ چاغدا ھىلارى 25 ياشتا ئىكەن. ئوغۇل دوستى بىل ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن توي قىلىش تەكلىپى بەرگەن، لېكىن رەت قىلىنغان. شۇ يىلى ھىلارى يالى بالىلار تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەشنى باشلىغان. ئۇنىڭ تۇنجى ئىلمىي ماقالىسى «قانۇن قوغدىغان بالىلار» 1973-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا «خارۋارد مائارىپ ئوبزورى»دا ئېلان قىلىنغان.

    16 . ناخشىچى Jay Z يىگىرمە بەش يېشىدا سەھنىدە ئىدى، لېكىن تېخى داڭق چىقارمىغان

    ناخشىچى شاۋن كارتېر نيۇيوركنىڭ برۇكلىندا تۇغۇلغان، 20 يېشىدا «Jay Z» دەپ ئاتالغان، كېيىنكى نەچچە يىلدا باشقا ناخشىچىلار بىلەن بىللە ئويۇن قويغان، لېكىن «ئىسمىنى ئانچە ئاشكارىلىماي كەلگەن». 27 يېشىدا ئۇ ئىككى دوستى بىلەن پىلاستىنكا شىركىتى Roc-A-Fella Recordsنى قۇرغان. شۇ يىلى ئۇ تۇنجى ئەسىرى «Reasonable Doubt»نى ئېلان قىلغان.

    17 . مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى رالف (Ralph Lauren) يىگىرمە بەش يېشىدا برۇكس بۇرادەرلەر شىركىتىنىڭ سېتىش ياردەمچىسى ئىدى

    رالف نيۇيوركتا تۇغۇلغان، باشتىكى ئىسمى Ralph Lifshitz ئىكەن. 15 يېشىدا ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن. 24 يېشىدا برۇكس بۇرادەرلەر شىركىتىگە كىرگەن. 26 يېشىدا بىر خىل كەڭ، ياۋروپاچە ئۇسلۇبتا گالىستۇك لايىھەلەشنى قارار قىلغان، بۇ مەھسۇلات كېيىن تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدىكى نېيمان ماركۇسقا پۇرسەت ئەكەلگەن. ئىككىنچى يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى «Polo»نى ئېلان قىلغان.

    18 . ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مادېلېين (Madeleine Albright) يىگىرمە بەش يېشىدا ئائىلە قۇرۇۋاتقانىدى

    تەرجىمھالىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، ھازىرقى جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىروفىسسورى مادېلېين 25 يېشىدىلا سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەينى چاغدىكى ئېرى يوسېف بىلەن ئائىلە قۇرغان.

    19 . تېسلا ۋە SpaceX شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك 25 يېشىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىنتىرنېت شىركىتىنى باشقۇرۇۋاتاتتى

    ئاشلى ۋانسى «ئېلون ماسك: تېسلا، SpaceX شىركىتى ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلىش» ناملىق دوكلاتىدا ئېلون ماسكنىڭ 25 ياشتىن بۇرۇن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتۇرلۇق دەرسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ھەم تور شىركىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىگە ئۆزىنى ئاتىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىنتىرنېت شىركىتى Zip2نى قۇرغان، بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئابۇنتلارغا سودا مۇندەرىجىسى ۋە خەرىتە مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن.

    4 يىلدىن كېيىن Compaq شىركىتى بۇ شىركەتنى سېتىۋالغان، ماسكمۇ پۇللىرىنى يەنە بىر شىركەت PayPalنى قۇرۇشقا ئىشلەتكەن.

    20 . باففېت 25 يېشىدا ئوخامادا مەبلەغ سالغۇچى بولغان

    20گە ئەمدى قەدەم باسقاندا باففېت ئوخاما شەھىرىدىكى باففېت فالك شىركىتىدە مەبلەغ ساتقۇچى بولغان. 26 يېشىدا نيۇيوركقا كۆچۈپ بارغان ھەم ئاكسىيە تەھلىلچىسى بولغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ باففېت شېرىك شىركىتىنى قۇرغان.

    21 . Xeroxنىڭ باش دېرىكتورى بۇرنس (Ursula Burns) يىگىرمە بەش يېشىدا Xerox شىركىتىدە ئىشلەيتتى

    1980-يىلى ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن بۇرنس بىر پىراكتىكانتقا ئايلانغان ھەم بىر يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئۇ تېزلىكتە ئۆسكەن ھەم تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئاچىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ مەسئۇلىغا ئايلانغان. 2009-يىلى Xerox شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى.

    22 . تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى، كومىدىيە ئارتىسى، سىنارىست ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى تىنا فېي (Tina Fey) يىگىرمە بەش يېشىدا خىرىستىئان دىنى ياشلار جەمئىيىتىدە بالىلارنى تىزىملىغۇچى ئىدى، كېيىن داڭلىق ئويۇن قويۇش ئەترىتى Second Cityگە قوشۇلدى

    تىنا ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چىكاگوغا كۆچۈپ بارغان ھەم قىسمەن ئويۇن قويۇش ئورنىدا قوشۇمچە ئىشلىگەن. Second Cityگە قوشۇلۇشتىن بۇرۇن خىرىستىئان دىنى ياشلار جەمئىيىتىدە بالىلارنى تىزىملىغۇچى بولغان. تىنا Second Cityنى تاللىشىدىكى سەۋەب نۇرغۇن ئادەمنىڭ Second City ئارقىلىق سەنئەت ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېيتقان.

    23 . Starbucksنىڭ ئىجرائىيە باش دېرىكتورى خوۋارد (Howard Schultz) يىگىرمە بەش يېشىدا Xerox شىركىتىدە ساتقۇچى بولغان

    خوۋارد شىمالىي مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن Xerox شىركىتىدە بىر مەزگىل ساتقۇچى بولغان. كېيىن ئۇ Hammerplast دېيىلىدىغان شىۋېتسىيە شىركىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە باشقۇرغان ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 26 يېشىدا قەھۋە ياساش كارخانىسى ئۇنى قوبۇل قىلغان. مۇشۇ قەھۋە ياساش كارخانىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە Starbucksنىڭ سېئاتلدىكى تۇنجى دۇكىنى تىجارەت باشلىغان، ئۇ 29 يېشىدا Starbucks شىركىتىگە قوشۇلغان.

    24 . ئامېرىكىلىق پىروگرامما رىياسەتچىسى ئوپراھ ۋىنفرېي (Oprah Winfrey) يىگىرمە بەش يېشىدا Baltimoreدا يەرلىك پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلغان

    خۇففىڭتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1977-يىلى ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ئوپراھ Baltimoreدىكى WJZ-TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كەچلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىكى خىزمىتىدىن بوشىتىلغان.

    1978-يىلى 24 ياشلىق ئوپراھ يەنە WJZ-TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «People Are Talking» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان. ئارىلىقتا ئۇ يەنە يەرلىك نۇسخىدىكى «Dialing for Dollars» پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    25 يېشىدىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ئوپراھ Baltimoreدا ئىشلىگەن. 1983-يىلى چىكاگوغا بېرىپ WLS-TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «A.M. Chicago»غا رىياسەتچىلىك قىلغان.

    25 . گۇگولنىڭ ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى ئېرىك 25 يېشىدا كومپيۇتېر ئىلمى ساھەسىدە مول كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان

    ئېرىك كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي تارماق مەكتىپىدە 6 يىل ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ھەم 27 يېشىدىن بۇرۇن بۇ مەكتەپنىڭ فىزىكا ئىلمىدىن ماگىستىر، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

    «نۇر تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى