• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:18 22-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1986 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلانغان بەھرەيىن - سەھۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چوڭ كۆۋرۈكى − «دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مېھرى كۆۋرۈكى» ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتە بەھرەيىننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جەسرەھ رايوندىن باشلىنىپ ئارلىقتا بەش يوشۇرۇن ئارال، ئومۇناسان ئارىلى، ئىككى سۈنئىي ئارالدىن ھالقىپ ئۆتۈپ غەربتە سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى خابەر شەھىرى ئەتراپىغا تۇتىشىدۇ.

    بەھرەيىن - سەھۇدى ئەرەبىستانى دېڭىز چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى 1981 - يىلى 9 - ئايدا باشلانغان، قۇرۇلۇشنى گوللاندىيەنىڭ بىر شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. بۇ كۆۋرۈك دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىلغار قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئاز كەم 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ سېلنىشى بەھرەيىن بىلەن سەھۇدى ئەرەبىستانىنى تۇتاشتۇرۇپ، بەھرەيىننىڭ دېڭىز بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش خىراجىتىنى ئازايتىش، دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قولايلىق ياراتقان.

    نۇرغۇن ئادەم ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى گولدېنگات كۆۋرۈكىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل كۆۋرۈك دەپ قارىشىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ كۆۋرۈك ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گولدېنگات كۆۋرۈكىنى ئىككى تال 94 سانىمېتىر توملۇقتىكى پولات ئارقان كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئىككى كۆۋرۈك مۇنارىنىڭ ئارلىقىدىكى ئاساسلىق چات ئارلىقى 1280 مېتىر كېلىدۇ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن چات ئارلىقىدۇر، كۆۋرۈك مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 227 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز كۆۋرۈك مۇنارى ھېسابلىنىدۇ.

    «جۇڭگو ئۇيغۇر رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى