• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھاشاراتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز ھادىسىسى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:58 21-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1914-يىلى دېڭىزچىلىق ساھاسىدە كېپىنەكلەرنىڭ پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋېتىشتەك غەلىتە ئىش يۈز بەرگەن: پارس قولتۇقىدا كېتىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ بىر پاراخوتىنى تۇيۇقسىز بىر توپ كېپىنەك مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، كېپىنەك پاراخوتنىڭ ھاممىلا يېرىگە تولۇپ كەتكەن. پاراخوتتىن قونۇدىغان ئورۇن تاپالمىغان كېپىنەكلەر خۇددى قېلىن بىر پارچە بۇلۇتقا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن. پاراخوتتىكى ماتروسلارنىڭ نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنلىشىپ، كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغان. پاراخوت باشلىقى ئوت ئۆچۈرگۈچ ئارقىلىق كېپىنەكلەرگە زەربە بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولماي، پۈتۈن پاراخوت ئىچى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، پاراخوت خادا تاشقا سوقۇلۇپ سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن.

    بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋدىسا پورتىغا كېتىۋاتقان «خىمىيە ئالىمى زېلنسكى» ناملىق پاراخوتمۇ يۈز بەرگەن: بىر توپ پاشا پاراخوتقا «ھۇجۇم» قىلىپ، پاراخوتنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلاپ كەتكەن. پالۇبىغا قونۇۋالغان پاشىلارنىڭ قېلىنلىقى ئون نەچچە سانتىمېتىرغا يەتكەن. پاشىنىڭ كاساپىتىدىن دېڭىز يولىنى كۆرگىلى بولماي، پاراخوت باشلىقى نائىلاج پاراخوتنى توختىتىش ھەمدە ئىس - تۈتەك چىقىرىش بومبىسى ئېتىپ پاشىلارنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن بۇنىڭمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان. پاشىلار ماتروسلارنى نەچچە كېچە - كۈندۈز ئاۋارە قىلىپ، ئاخىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزلۈكىدىن «تىنچ» لانغان. بۇ ۋاقىتتا گەرچە پاراخوت ئاغدۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ماتروسلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى