• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تۇرپان شەھىرىنىڭ ساياھەت ئىشىك بېلىتى كىرىمى 100مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:59 20-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    9–ئاينىڭ 11– كۈنىگىچە تۇرپان بىرلىك ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق ئىشىك بېلىتى كىرىمى 100 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

    9–ئاي كىرگەندىن بۇيان تۇرپاندا مېۋىلەر پىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 9– ئاينىڭ 12– كۈنى تۇرپان ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيدان قاينام–تاشقىنلىققا چۆمدى. ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، تۇرپاننىڭ شېرىن مېۋە– چىۋىلىرىگە ئېغىز تەگدى. خۇنەنلىك ساياھەتچى خۇاڭ جيەنبو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ناھايىتى ياخشى ۋاقىتتا كەلدۇق، ھاۋا بەك ئىسسىقمۇ ئەمەسكەن. بۇ يەرنىڭ ئۈزۈملىرى بەكمۇ تاتلىق، ئادەملىرى ناھايىتى قىزغىن ئىكەن.

    كارىز سەيلىگاھىدا ساياھەتچىلەر كارىزنى تاماشا قىلدى. شەنشىلىك ساياھەتچى لياڭ يۈپېڭ بۇ ئۇلۇغ يەر ئاستى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. لياڭ يۈپېڭ مۇنداق دېدى: كارىز بۈيۈك قۇرۇلۇش ئىكەن، ئۇنى كۆرگەن كىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالىدىكەن. چۈشتىن كېيىن ئىدىقۇت تېغىغا بارىمىز، ئىلگىرى ئىدىقۇت تېغىنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغانىدىم، ئارمىنىمغا يېتىدىغان بولدۇم.

    مەشرەپ ئارامگاھىدا 600 گە يېقىن ساياھەتچى پولۇ، توخۇ قوردىقى، تونۇر كاۋىپى يەپ مېھمان بولدى، دارۋازلىق، مۇقام، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى قاتارلىق ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى. ئەنخۇيلۇق ساياھەتچى جاڭ شىلىڭ مۇنداق دېدى: تۇرپانغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم. چۈشتىن بۇرۇن كارىز سەيلىگاھىدا كارىزنى كۆردۈم. ئاندىن ئىدىقۇت تېغى مەنزىرە رايونىغا باردىم. ئىدىقۇت تېغىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 56 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپتۇ، خېلى سالقىنكەن. مەن بۇ يەرگە كېلىپ تۇرپانلىقلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى كۆردۈم، شىنجاڭنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە تورىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، تۇرپاننىڭ ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى. ئۇقۇشىمچە، 9–ئاينىڭ 11–كۈنىگىچە تۇرپان بىرلىك ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىللىق ساياھەت ئىشىك بېلىتى كىرىمىدە 100مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، بۇ شىركەت ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا 2 مىليون 734 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.18ئاشقان، 100 مىليون 422 مىڭ 900 يۈەن كىرىم قىلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.72 ئاشقان.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى