• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قىز-ئاياللار ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدىغان 8 خىل ساۋات

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:52 20-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھەر بىر كىشىنىڭ ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى بىلىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭدەك قارىماققا توغرىدەك تۇرغان بەزىبىر ساۋاتلار ئەمەلىيەتتە بىز خاتا چۈشىنىۋالغان ساۋاتلاردۇر. تۆۋەندە ئاياللار ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدىغان سەككىز خىل ساۋاتنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

    بىرىنچى: ھەيز مەزگىلىدە ئىچى سۈرۈش نورمال ھادىسىمۇ؟

    جاۋاب: ياق!

    نۇرغۇن قىز- ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ھەم دوۋسۇنى ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ، دورا يېسىمۇ تەسىر قىلمايدۇ. بىراق ھەيز توختىشىغىلا ئىچى سۈرۈشمۇ توختايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال تىببىي ئىلىمدە ھەيز مەزگىلىدىكى ئىچى سۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ئاياللار سەگەك بولۇشى كېرەك، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، يەنى ئۇزۇن مۇددەت ھەيز مەزگىلىدە ئىچى سۈرسە، ئوزۇقلۇق كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ھامىلدار بولۇشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئىككىنچى: قىزىلمۇچ ئاياللارنىڭ ياخشى دورىسىمۇ؟

    جاۋاب: توغرا

    قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، تېرىگە نىسبەتەن ئاسراش رولى بار. تېرىنى تېخىمۇ سىلىق قىلىدۇ. قىزىلمۇچ تەركىبىدە يەنە بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى بەزى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، قىزىلمۇچنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئېلىپ كېلىدىغان ناچار تەسىرىمۇ ئاز ئەمەس.

    ئۈچىنچى: تېرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بەلكىم ئىستېمال قىلغان تۇزنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟

    جاۋاب: توغرا!

    تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارى «ئىككى بىسلىق پىچاق» قا ئوخشايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. تۇزلۇقراق تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ تېرىسى قارىراق، تېرە دېغى، قورۇق كۆپرەك بولىدۇ. يېمەكلىك تۇزى ناترىي ئېلمىنتى ۋە خلور ئېلمىنتى شەكىلدە ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلىقىدا ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى كىسلاتا، ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە سۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم رولغا ئېگە. بىراق، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ناترىي ئېلمىنتى كۆپىيىپ كېتىپ، يۈز قىسىمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ سۇ يۇقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، تېرىنى قېرىتىۋېتىدۇ.

    تۆتىنچى: كۆز ئەتراپى قارىداش ئاياللار كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

    جاۋاب: ھەئە!

    كۆز ئەتراپى قارىداپ كەتسە ئۇنى ئۇيقۇسىزلىقتىن ياكى چارچاشتىنلا كۆرمەڭ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ بەلكىم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇبادا كۆز ئەتراپى قوڭۇر رەڭلىك ياكى كۈلرەڭلىك ئايسىمان سىزىقچى بولسا، بۇ بەلكىم ئېغىر ئۇيقۇسىزلىق، قان ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقان كېلىش، فونكىسىيەلىك بالىياتقۇ قاناش قاتارلىق ئاياللار كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا تېزراق دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنگەن ياخشى.

    بەشىنچى: ھەر كۈنى گىرىم قىلىش راكقا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، توغرىمۇ؟

    جاۋاب: توغرا!

    توغرا، بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا تارقالغان گەپ ئەمەس، گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل خېمىيەلىك ئېلمىنتلار بار بولىدۇ، كىشىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى گىرىم بويۇملىرىغا قوشۇلغان چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %99 دىن يۇقىرى گىرىم بويۇملىرىغا شۇنداقلا %77 دىن يۇقىرى گىرىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىغا تەركىبىدە 轻基苯甲酸 دېگەن چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددا قوشۇلىدىكەن.

    ئالتىنچى: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىش قورساقنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىقمۇ؟

    جاۋاب: ھەئە!

    ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پۇرچاق سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارتۇق مىقتاردىكى قەننىڭ مايغا ئايلىنىشىنى توسۇش رولى بار ئىكەن. بولۇپمۇ ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنكى ئاياللار ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بەرسە قورساقتىكى سېمىز گۆشنى يوقىتىدىكەن، ھەم يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىپىنى ئازلىتىدىكەن.

    يەتتىنچى: جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم يېيىشكە بولىدۇ، توغرىمۇ؟

    جاۋاب: توغرا!

    چۈنكى جىددىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسى تەركىبىدىكى دورىنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسىنىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپلا قالماي، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ مىتابولىزىمىغىمۇ ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭلاشقا بىر يىلدا ئىستېمال مىقدارى بىر تالدىن ئېشىپ كەتسە، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ھەيز دەۋرىلىكىگە، ھەتتا بالىلىق بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    سەككىزىنچى: ھامىلىدار ئاياللار جىقراق مېۋە يەپ بەرسە ھامىلىگە پايدىلىق، ھەرگىز زىيىنى يوق، شۇنداقمۇ؟

    جاۋاب: ياق!

    كونىلار كۆپىنچە ھامىلىدار ئاياللارغا كۆپرەك مېۋە يېيىشنى ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە مېۋە- چېۋىلەردە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولغاچقا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدار ئاياللار ھەددىدىن زىيادە كۆپ مىۋە يىسە ئەكسىچە ھامىلىگە پايدىسىز. مېۋە- چېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا، ئاسانلا قاندىكى شېكەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى