• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:39 20-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ، ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ، 18-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ: ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 18- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﻻﻳﯩﮭﻪﻟﻪﭖ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﺎﺭﻧﯩﻚ ﮔﺎﺯﻯ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ Velocys ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮬﺎﺳﯩﻠﯩﻲ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ (ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ) ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯨﻠﯩﭗ (ﺑﯘﻻﺭ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺯﺍﻛﯩﺴﻰ، ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﯘﺗﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﻧﺖ-ﮔﯧﺰﻩﻙ ﺋﻮﺭﺍﻟﻤﺎ ﻗﻪﻏﯩﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ)، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺋﯧﺌﯩﯔ 787 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﺧﻮﺳﯥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺭﻟﯧﺌﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻟﯩﻨﯩﻴەﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﭘﺎﺭﻧﯩﻚ ﮔﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ %60 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ 10 يىلدا ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ.

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﮔﯘﺭﯗﮬﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﯞﯨﻠﯧﻲ ﯞﺍﻟﺶ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﺧﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩللە ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﺘﯩﺪﯗ.

    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻛﯚﻣﯜﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ 15 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﻮﻧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى