• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تاماقتىن كېيىن يېيىشكە مۇۋاپىق ئۇششاق يېمەكلىكلەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:40 19-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يەر ياڭىقى. يەر ياڭىقى تېرە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . يەر ياڭىقى تەركىبىدە ۋىتامىنB2مول بار بولۇپ، كۆپ يەپ بەرسە، كالپۇك يېرىلىش، كۆزى قىزىرىش ، قىچىشىش ۋە تېرە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

    گازىر. گازىر ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. گازىر تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، تۈرلۈك ۋىتامىن، مېنېرال ماددىلار بار بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتا مول، لىنولېئىك كىسلاتا تېرىنى يۇمران قىلىدۇ ھەم داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

    ئىرىمچىك. ئىرىمچىكتە كالىتسىي مىقدارى كۆپ، چىشنى چىڭىتىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈندە 150 گىرام ئىرىمچىك يەپ بەرسە، ئۆزى قېرىسىمۇ چىشى چىرىمەيدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان .

    ئەنجۈر. ئەنجۈر قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ. ئەنجۈر تەركىبىدە ئاسپىرىنغا ئوخشاش خىمىيەلىك تەركىب بەر بولۇپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش، چوڭ مېڭىگە قان تولۇقلاش رولىغا ئىگە .

    كاۋا ئۇرۇقى بىلەن پىستەبادام. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى، كاروتىن، پېرئالكوھول قاتارلىقلار بار بولۇپ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ، چوڭ مېڭىگە قان تولۇقلايدۇ .

    شاكىلات . شاكىلات كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ ھەم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ .

    ياڭاق. ياڭاق تىرناقنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە مول ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بار بولۇپ، تىرناقنى چىڭىتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە مول ئاقسىل ماددىسى بار بولۇپ تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق .

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى