• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەتىيازدا مېۋە – چىۋىنى مىجەزگە قاراپ يېيىش كېرەك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:30 19-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەتىيازدا ھەر قانداق مېۋىنى يېسە بولىۋەرمەيدۇ، ئادەتتە يازدا پىشىدىغان مېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋە قاتارىغا كىرىدۇ، مەسىلەن: نەشپۈت ، ئالما ۋە ھەر خىل سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى تاللاپ يېيىشى كېرەك ، لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. نەشپۈت ماندارىن قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ يۆتەل توختىتىش، بەلغەمنى تۈگىتىش، ئۆپكىنى سىلىقلا، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىشتەك رولى بار، لېكىن بۇ خىل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، چىش ئاغرىشنى، بوۋاسىر بولۇپ قېلىشن، ھەتتا تېرىسە سىرىق داغ پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بار، ئاشقازىنى سوغۇق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئاز ئىستېمال قىلغىنى كېرەك؛ بەدىنى ئاجى، تالنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلار تاۋۇز، ئەنبەھ، نەشپۈت ۋە بانان قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلمىغىنى تۈزۈك. بەدىنى ئاجىز كىشىلەر دېگىنىمىز — بەدىنىدىكى قان، يەلنىڭ ئايلىنىشى ياخشى ئەمەسلەرنى كۆرسىتىد. بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى سارغۇچ ، جۇغى كىچىك بولۇپ تاماق يېيەلمەيدۇ ؛ تالنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر دېگىنىمىز — ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر قەدەر ناچار، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى ئاستىلارنى كۆرسىتىدۇ . سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەر ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئاجىزلىتىۋېتىپ، مۇسكۇلنى كۈچسىزلەندۈرۈۋېتىدۇ ، كۆپ ئىستېمال قىلىۋەتكەندە، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتىن قورساق كۆپۈۋالىدۇ. ئەگەر راستىنلا بەك يېگۈسى كېلىپ كەتكەندە، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، كەچلىك تاماقنىڭ ئالدىدا ئازراق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ .

    ئامېرىكىدا نۆۋەتتە ‹‹كۈندە بەش ئۆلۈش، كۆكتات، مېۋە ›› ئىستېمال قىلىپ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ساغلاملىق ئېڭى مودا بولماقتا. يەنى ، بىر كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ئۆلۈش كۆكتات ۋە ئىككى ئۈلۈش مېۋە ئىستېمال قىلىش ، ھەر بىر ئۆلۈشنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 100 گىرام ئەتراپىدا بولۇش ، يەنى بىر ئالما ياكى ماندارىن چوڭلۇقىدا بولۇش دېگەننى كۆرسىتىدۇ ، ئامالنىڭ بارىچە ئوخشىمىغان رەڭدىكى مېۋىلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ .

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى