• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مېھمان كۈتۈش ۋە يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:06 19-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    فىنلاندىيەنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىدە دۆلەت مەمۇرلىرىغا قارىتىلغان بەلگىلىمىلەر ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە ئاشكارا. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېھمان كۈتۈشنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر قېتىملىق تاماق يېيىشتە كىملەر بار، خىزمەت بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار، قانداق تاماقلار يېيىلدى، قانچىلىك پۇل كەتتى دېگەندەكلەر دەل ۋاقتىدا توردا ئېلان قىلىنىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، جامائەت نامۇۋاپىق ھېس قىلسا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

    فىنلاندىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى بىر قېتىملىق مېھمان كۈتۈشتە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بىر خىل قورۇمىنى ئارتۇق بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئاشكارىلىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. فىنلاندىيەنىڭ قانۇنىدا يەنە، دۆلەت مەمۇرلىرى باشقىلارنىڭ 24 ئامېرىكا دوللىرىدىن قىممەت سوۋغىنى ئالسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. فىنلاندىيە ئاشخانىلىرىدا بىر ئىستاكان قايناقسۇ بەش دوللار.

    فىنلاندىيەدە زۇڭتۇڭ، زۇڭلى، دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق بەش كىشىگىلا مەخسۇس ئاپتوموبىل سەپلەپ بېرىلىدۇ. دۆلەت مەمۇرلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا ھۆكۈمەت بىر قاتار نازارەت قىلىش سىستېمىلىرىنى ئورناتقان. دۆلەت مەمۇرلىرى ئاپتوموبىلىغا «ھۆكۈمەت ئىشى»، «خۇسۇسىي ئىش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىككى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ماشىنىنى خۇسۇسىي ئىشقا ئىشلەتمەكچى بولغانلار پۇل تۆلەيدۇ. ھۆكۈمەت ئىشىغا ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. شوپۇر ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن «ھۆكۈمەت ئىشى» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نازارەت قىلىش مەركىزى سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل دېگەن يۆنىلىشىدە ماڭمىسا، نازارەتچى خادىملار ماشىنىدىكى سىمسىز تېلېفون بىلەن شوپۇردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ فىنلاندىيەدە قوللىنىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولدى، ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىدى.

    ﻣﺎراﻛﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪر ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺖ ﺧﻪﻟﻖ، ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﻣﻮل داﺳﺘﯩﺨﺎن ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺰزەت-ﺋﯧﻜﺮام ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ. ﻣﺎراﻛﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪە-ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﻛﯚﭘﺮەك. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻳﻪر-ﺑﯘﻳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚز ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﻪدەﺷﻘﺎن ﻗﯘرۇپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﭼﻮﻗﯘم ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﯘرۇپ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ؛ چوڭلار ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻣﺪاﺳﺘﯩﺨﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، چوڭلار ﺗﺎﺋﺎم ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺴﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮل ﺋﯘزﯨﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚپ ھاللاردا ﺳﻮرۇن ﭼﻮﯕﻠﯩﺮى ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻳﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، باشقىلارنىڭ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﭗ ﻏﯩﺰاﻟﯩﻨﺎﻟﻤﺎي ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﺳﻮرۇن ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎز- ﺋﺎزدﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪيجانلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻳﯧﻤﻪك- ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻜﺎ، ﻛﯚﻣﻪچ ، ﺟﯘۋاۋا، ﻗﺎﻳﻤﺎق، ﺳﯜت، ﻗﯧﺘق ﺑﺎر. ئۇلار ﻳﺎﻏﺪا ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن ﮔﯚش ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

    ﺋﻪزەرﺑﻪيجابلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ، ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺖ-ﺑﯘرادەرﻟﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎۋۋال ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە ﭼﻮﯕلار ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮڭلارنىڭ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﯜپ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ.

    ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯧﻴﯩﺖ- ﺋﺎﻳﻪم، ﺗﻮي- ﺗﯚﻛﯜن، ﺋﯚﻟﯜم- ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ۋە ﭘﻪرﮬﯩﺰﻟﯩﺮى ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚﻣﻤﯩﻘﻮﻧﺎق ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎزان ﻧﯧﻨﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘن ﻏﯩﺰاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﻛﺎۋاپ، ﺳﯜزﻣﻪ، ﻗﯘرۇت ﻗﺎﺗﺎرلىقلارنى، ﭼﺎي ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰا- ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﺳﯜت، ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﻛﺎلا ﮔﯚﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﻮرۇمىلارغا ﻣﯘچ، ﺳﺎﻣﺴﺎق، ﭘﯩﻴﺎز، ﻗﺎراﻣﯘچ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪم ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺗﺎئاملاردىن ﻗﻮرداق، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺷﻮرﭘﯩﺴﻰ ۋە ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﺎۋﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە- ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﮬﺎراﻗﻘﺎ زورلاﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ.

    ﺋﺎﻟﺠﯩﺮلار ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮەر زۆرۈرﯨﻴﻪت ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎلمىسىلا، ﺋﺎﻟﺠﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻤﺎق ﺗﻪس. ﻧﺎۋادا ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ- ﺋﺎياللار ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪر ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ- ﺋﺎﻳﺎللارنىڭ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪدەﺑﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪۇ.

    ﺋﺎﻟﺠﯩﺮلار ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘۋﯦﺘﯩﭗ، ﺗﺎئاملارنى ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮاق، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺷﻮرﭘﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻏﯩﺰالاﻧﻐﺎﻧﺪا ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺳﻮل ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺳﻮل ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى