• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نەسلى قۇرۇپ كەتكەن 10 ھايۋان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:05 19-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1.دىنوزاۋۇر (65 مىليون يىل ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا دىنوزاۋر ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى گۆشخور ئومۇرتقىلىق ھايۋان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 43.3 ئىنگلىزچىسى، ئېگىزلىكى 16.6 ئىنگلىزچىسى، ئېغىرلىقى تەخمىنەن يەتتە توننىغا يېتەتتى. دىنوزاۋرنىڭ باش سۆڭىكى ئۇزۇن ھەم ئېغىر، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ. دىنوزاۋۇرلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى، لېكىن دىنوزاۋۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان قۇشلار ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن. دىنوزاۋۇرنىڭ گېپى بولغاندا يېقىندىكى بىر خەۋەر ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئامېرىكىلىق شاردىن پايدىلىنىپ سەنئەت ئەسىرى ياساش ئۇستىسى يېقىندا پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىكىدىنمۇ ئىگىزرەك كىلىدىغان يەتتە مىتىر ئىگىزلىكتىكى دىنازاۋۇر ياساپ چىققان. بۇ دىنازاۋۇرنى ياسىغۇچى لاررىي موس نىيۇيورك شىتاتىنىڭ روچېستىر شەھىرى شار سەنئىتى ئىشخانىسىدىكى بىر سەنئەتكار ئىدى. ئۇ تېپىپ كەلگەن پىدائىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تۆت سائەت سەرپ قىلىپ، يۇقارقى غايەت زور شار دىنازاۋۇرىنى ياساپ چىققان. ھازىر مەزكۇر دىنازاۋۇر ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ تارىخى مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇ قېتىملىق ئىجادىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان بالىلارنىڭ ھەممىسى 5،6 ياشلار چاممىسىدا بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى تۇنجى قېتىم شاردىن پايدىلىنىپ دىنازاۋۇر ياساش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    2. تاغىل ئېشەك (1883-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    تاغىل ئېشەك ئافرىقىدىكى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن داڭلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تاغىل ئاتنىڭ بىر خىلى. ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېيىپتاۋون ئۆلكىسى بىلەن ئورانجې ئەركىن شىتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا كۆپ كۆرۈلگەن. كىشىلەر تاغىل ئېشەكنىڭ بەدىنىنىڭ ئالدىدىكى سىزىقچىلار بىلەن تاغىل ئاتنى پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن. ئەمما ھەر قانداق تاغىل ئېشەكنىڭ بەدىنىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى سىزىقچىسى قەتئىي بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئالىملار بۇ تاغىل ئېشەكنىڭ تۈرلىرىنى ئايرىشتا قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوۋلىشى ئارقىلىق تاغىل ئېشەكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر تاغىل ئېشەك 1883-يىلى 8-ئايدا گوللاندىيەدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئۆلۈپ قالغان.

    3. خالتىلىق بۆرە: تاسمىنىيە يولۋىسى (1936-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    خالتىلىق بۆرە يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق تېنىدە خالتىسى بار گۆشخور ھايۋان بولۇپ، ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى گىۋىنىيەدە ياشىغان. كىشىلەر تەرىپىدىن تاسمىنىيە يولۋىسى دەپمۇ ئاتالغان. خالتىلىق بۆرىنى ئۈچىنچى ئېراغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

    4.سىترا دېڭىز كالىسى (1768-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    1741- يىلى، بېرىنگ دېڭىزىدا مۇزىي تەتقىقاتچىسى جورجى سىترا بۇ دېڭىز كالىسىنى بايقىغان بولۇپ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېڭىز كالىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7.9 مېتىر، قۇرامىغا يەتكەن دېڭىز كالىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ توننا كېلىدىكەن.

    5. ئېرلاندىيە بۇغىسى (تەخمىنەن 7700 يىل ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    ئېرلاندىيە بۇغىسى ئىلگىرى يەر شارىدا ياشىغان ئەڭ چوڭ بۇغا بولۇپ، تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىركى 5700 يىللاردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ بۇغا تېنىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 2.1 مېتىر كېلىدىكەن.

    6. كاسپىي دېڭىزى يولۋىسى (1970-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    كاسپىي دېڭىزى يولۋىسى يەنە پارس يولۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يولۋاس تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ غەربتىكى بىر قىسمى. نەسلى قۇرۇپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئىران، ئافغانىستان، تۈركىيە، موڭغۇلىيە، كاۋكاز، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جايلاردا ياشىغان.

    7.ياۋروپا ياۋا كالىسى (1627-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    ئۇ ياۋروپادىكى داڭلىق نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياۋروپا ياۋا كالىسى ۋە قەدىمىي ياۋروپا ياۋا كالىسىدەك جۇغى چوڭ. 2 مىليون يىل ئىلگىرى ھىندىستانغا كىرگەن، ئاندىن ئوتتۇرا شەرققە، كېيىن ئاسىياغا، 250 مىڭ يىل ئىلگىرى ياۋروپاغا كىرگەن.

    8. دېڭىز قۇشقىچى (1844-يىلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    چوڭ دېڭىز قۇشقىچى دېڭىز قۇشقىچى ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۇچالمايدىغان قۇشقاچ بولۇپ، جۇغى چوڭ، ئېغىرلىقى بەش كىلوگرامچە كېلىدۇ.

    9. ئۆڭكۈر شىرى (2000 يىل ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    ئالىملار تاش قاتمىغا ئايلانغان قىسمىدىن ئۆڭكۈر شىرىنىڭ ئادەتتىكى شىرلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىلگىرى بالقان يېرىم ئارىلىدا ياشىغانلىقىنى بايقىدى.

    10. دودو قۇشى (17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن)

    بۇ بىر خىل ئۇچالمايدىغان قۇش بولۇپ، ماۋرىچۇس ئارىلىدا ياشىغان. شەكلى ئاق كەپتەر ۋە پاختەك بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مېۋىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ. بۇ قۇشنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىمۇ ئىنسانلار پائالىيىتىدىن بولغان.

    «جۇڭگو رادىيو تورى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى