• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئوت يۇرتى تۇرپاندىكى قەدىمىي كوچىلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:47 18-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ●يىپەك يولى تۈگۈنىگە جايلاشقان، شەرق - غەرب مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن تۇرپان ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىگە خاس شانلىق مەدەنىيەت يارىتىش بىلەن بىللە، يەر ئۈستى، يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ساقلىنىشىنىڭ مۇكەممەللىكى جەھەتتىمۇ «ئۈستى ئوچۇق مۇزېي» دەپ ئاتالماقتا. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرپاندىكى قويۇق قەدىمكى پۇراققا ئىگە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كوچىسى بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ گىرەلىشىشى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا تۇرپاننىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كوچىلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، قانۇن- نىزاملار تۇرغۇزۇلدى. تۇرپان شەھىرىدىمۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى كۆپەيدى، قوغداش، ئاسراش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. تۇرپان شەھىرى يېڭىشەھەردىكى ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم قەدىمىي كوچا ۋە ئۆي - ئىمارەتلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، شەھەر قۇرۇلۇشىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كوچىلىرىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان «تۇرپان شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەرنى قوغداش پىلانى» ۋە «تۇرپان شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كوچىلىرىنى قوغداش پىلانى»نى تۈزۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىق كوچىلىرى، قورۇلارغا نام بېرىپ، قەدىمكى كوچىلاردا، «مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىق قورۇلۇش» نامى بېرىلگەن قورۇلاردا ئولتۇرىۋاتقانلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈردى. قورۇلۇش لايىھەلەش، سۇ، توك يەتكۈزۈشتە ئەسلىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 2006 - يىلى 4 - ئايدا، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېڭىشەھەردىكى 1845- يىلى 4- ئايدا سېلىنغان تۇرپان قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە «يېڭىشەھەر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كوچىسى» دېگەن نام يېزىلغان مەرمەر تاش ئورناتتى.

    ●يېڭىشەھەردە ھازىرغىچە ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان بەزى قورۇ - جايلارنىڭ قورۇلۇش ئوسلۇبىدىن تۇرپاننىڭ 18- 19- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مېمارچىلىقىدا تۇرپاننىڭ قۇرغاق ئىسسىق كىلىماتىغا ماس كېلىشى ئاساس قىلىنىپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقى، ئائىلىۋى تۇرمۇشقا، كوچا ۋە ھويلا- ئارانلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بەزىلەر يېڭىشەھەردىكى قەدىمىيلىكىنى يوقاتمىغان، ئەگرى- بۈگرى كوچىلارنى <<بۇخارا>> دەپ ئاتىسا، بەزىلەر شۇ كوچىدىكى يۈز- ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ نامى بىلەن كەسىپ خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان «مۇتىئۇللا قارى ھاجى كوچىسى»، «سودىگەرلەر كوچىسى»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە.

    بۈگۈنكى كۈندىمۇ يېڭىشەھەر يولىنىڭ جەنۇبىي قاسنىقىغا جايلاشقان گۈمبەز، قۇببىلىرىغا ئەينەكتىن نەقىشلەر قوندۇرۇلۇپ، كۆركەم سېلىنغان قازىخانا مەسچىتىنىڭ غەربىدىكى كوچىلارغا كىرگىنىڭىزدە، كوچىنىڭ ئىچىدىكى كوچا، ئېگىز تاملار بۇ كوچىلارنى سىرلىق كۆرسەتسە، قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك قورۇ- جايلار بۇ يەرنىڭ تۇرپاننىڭ بايلىرى ۋە ھۈنەرۋەنلىرى يىغىلغان سەلتەنەتلىك كوچا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ كوچىلار شەرقتىن غەربكە بەش تار كوچا، شىمالدىن جەنۇبقا كېسىشكەن بەش تار كوچىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، خالتا كوچىلىرىمۇ ئىستېرېئولۇق كىرىشىپ كەتكەن. تۇرپان شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى 2002- يىلى يېڭىشەھەر يولى شىمالىي 11- كوچا، جەنۇبىي 5- كوچا ۋە غەربىي 1 - كوچىلاردا ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان 54.35 گېكتار كۆلەمدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى، رەستە ۋە مەسچىتلەرنى قوغداش پىلانىغا كىرگۈزدى. ھازىرمۇ بۇ قوغداش رايۇنىدا 421 ئائىلىدىكى 1895 كىشى تارىخ بىلەن بۈگۈننى ئۇلاپ ياشىماقتا.

    تۇرپان مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى، شۇنداقلا دۇنياغا مەشھۇر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي. تۇرپاندىكى دۇنياغا مەشھۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپاننىڭ يېزىلىرىدا بولۇپ، شەھەر ئىچىدىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرى بار.

    جەنۇب– شىمال يۆنىلىشىدىكى كوچا بۇ كوچا 1800 مېتىر بولۇپ، كونا شەھەر يولى، مەدەنىيەت يولى، بوستان يولى ۋە نۇرلۇق يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەركىزىي غول كوچا ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىچىك يان كوچىغا ئايرىلغان، پۈتۈن كوچا ئۈزۈم بارىڭى بىلەن يېپىلغان. ساياھەتكە كەلگەنلەر بۇ كوچىغا كىرسە تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزگىچە شەھەر قىياپىتىنى ھېس قىلىدۇ.

    ساياھەت – مەدەنىيەت مەيدانى شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ سالقىن جايلارنىڭ بىرى. بۇ مەيدان 1997 – يىلى 8 – ئايدا 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ياسالغان. كۆلىمى 205 مو كېلىدىغان بۇ مەيداننىڭ شەرق تەرىپى ياشلار يولى پىيادىلەر كوچىسىغا تۇتىشىدۇ، بۇ يەردە يەنە تۇرپانلىقلارنىڭ يەرلىك سازلىرىنى چېلىپ، مېھمانلارنى قارشى ئېلىۋاتقان مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹قۇملۇقتىكى ئاي›› ناملىق مىس ھەيكەل، مۆچەلنى ئاساسىي تېما قىلغان ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يېقىنقى يىللاردا يەنە بۇ يەرگە تۇرپانلىقلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەيكەللەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئوتتۇرا قىسىمى 155 مېتىر تۆۋەن ئويۇلغان مەيدان، بۇ مەيداننىڭ كۆلىمى 5350 كىۋادرات مېتىر، پائالىيەت مەركىزىنىڭ كۆلىمى 2800 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 4000 تاماشىبىن سىغىدۇ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاپارتما نەقىشلەردە تۇرپاننىڭ شانلىق ئۆتمۈشى، گۈزەل بۈگۈنى، يەرلىك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئويۇلما شەكىللىك مەيدان بولۇپ، ئايدىڭكۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان؛ غەرب تەرىپىگە فونتان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    ئۈزۈمبۇلاق 27 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان ‹‹ئۈزۈمبۇلاق›› كۆلىگە 2006 – يىلى 25 – ماي رەسمىي سۇ قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 55 مو. بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ‹‹سۇ كوچىسى››، ‹‹مەشرەپ›› مەيدانى، ‹‹100 مېتىرلىق مۇزىكىلىق فونتان›› قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپان شەھىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزگەن. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ كۆل تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە، مەدەنىيەت يولى بىلەن شەرقىي ئايلانما يولى كېسىشكەن ئېغىزغا جايلاشقان. شەرقىي ئايلانما يولىدىن كىرگەنلا جايغا يەتتە بۇلاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە يۇلتۇز تۈركۈمىگە سىمۋول قىلىنغان، بۇ يەتتە بۇلاقنىڭ ئەتراپىغا تۆت چوڭ مەدەنىيەت تېمى قوپۇرۇلغان، بۇ تاملارغا تۇرپاننىڭ تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋوللۇق ئوبرازلار نەقىش قىلىپ ئويۇلغان. بۇ مەيدانغا يەنە مىستىن نەقىشلەنگەن يەتتە تۈۋرۈك قويۇلغان، بۇ تۈۋرۈكتە ئۇيغۇر مۇقامى، تۇرپانلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر تېخنىكىسى، قول بىلەن ئىشلەنگەن ئۈجمە قەغىزى، گۈللۈك پالاز، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن دوپپا، ساپالچىلىق قاتارلىق مەزمۇنلار قاپارتما نەقىش قىلىپ ئويۇلغان.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى