• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گۈزەل قورغاس

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:54 18-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قورغاس ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، تاغ، كۆل، يايلاق، قۇملۇق قاتارلىقلار بۇ ناھىيەگە ئۆزگىچە خاسلىق ئاتا قىلغان. قورغاسقا ساياھەتكە كەلگەنلەر بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھەيران بولماي قالمايدۇ.

    بۇ يىل قورغاس ناھىيەسىدە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ساياھەتچى 700 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا، ساياھەت كىرىمى 120 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قورغاس ناھىيەسى شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە داڭلىق ماركا تىجارىتى پىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، قورغاس ناھىيەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ‹‹ئۈستىقۇددۇس خاس باغچىسى›› قۇرۇش يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر كەسپىي كارخانىغا قورغاس ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئانالىز قىلدۇرۇپ، كۈرە قەدىمكى شەھىرى ۋە كەڭساي ساياھەت رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھەلەتكۈزدى.

    باھار پەسلىدە قورغاس ناھىيەسى يېشىللىققا پۈركىنىپ، گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. گۈزەل كەڭساينىڭ ياۋا مېۋىلىرى داڭلىق، بۇ يەرنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىمۇ مول. داشىگۇ يېزىسىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پەسلى دەل باھار پەسلىدۇر. باھار كېلىشى بىلەن قار– مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن ئېرىقلار ھاسىل بولىدۇ، ئېرىقلاردىكى سۇ ئاخىرى بېرىپ داشىگۇ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، جىلغىدا ياۋا مېۋە ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن 60 نەچچە خىلى، 350 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ھەر خىل ياۋا مېۋە دەرىخى بار.

    ھەر يىلى 5– ئايدا ئىلى دەرياسىنىڭ كۈرە تەۋەلىكىدە بېلىق كۆپىيىدۇ، چىلان دەرەخلىرى چېچەكلەيدۇ. بۇ چاغدا ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلغاچ، بېلىق تۇتسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ساياھەتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدۇر.

    ھەر يىلى 5– ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7– ئايغىچە قورغاس ناھىيەسى بىنەپشە رەڭلىك ئۈستىقۇددۇس بىلەن قاپلىنىدۇ، بۇچاغدا سىز قورغاستا تۇرۇپ غەربتىكى ‹‹پروۋېنىس›› نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز، بۇ يەرنىڭ ‹‹جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى›› دېگەن نامى بار، مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ خۇشبۇي ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قورغاسقا جايلاشقان.

    20– ئەسىرنىڭ 60– يىللىرى ئۈستىقۇددۇس جۇڭگوغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قورغاس ناھىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈلگەن. نەچچە ئون يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ھازىر قورغاسنىڭ ئۈستىقۇددۇس ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكىتىمىزدىكى ئومۇمى مىقدارنىڭ %97ىنى ئىگىلىدى. قورغاسلىقلار يېتىشتۈرگەن ئۈستىقۇددۇس دۇنيا بويىچە سەككىز چوڭ داڭلىق ماركا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ھەمدە 20 نەچچە مىڭ مولۇق كۆلىمى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پروۋېنىس ۋە ياپونىيەنىڭ خوككايدۇدىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ ئىشلەپچىقىرش بازىسىغا ئايلانغان.

    قورغاس ناھىيەسىدە ئىنتايىن ئەتىۋارلىق، كەم ئۇچرايدىغان، دۆلەت تەرىپىدىن 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى بار. بۇنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن قورغاستا تەبىئىيلىكىنى قوغداش پونكىتى قورۇلدى، ھازىر بۇ يەردە بۇنداق تاشپاقا ئىلگىرىكى 500 نەچچىدىن 2000 نەچچىگە يەتتى.

    قورغاس ئالما، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، نەشپۈت، تاۋۇزلىرى بىلەن ئىسمى– جىسمىغا لايىق مېۋە– چىۋە ماكانىدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قورغاسنىڭ كىلىماتى، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى ۋە ئىسسىقلىق دەرىجىسى، تۇپرىقى، ھاۋارايى پەرقى قاتارلىقلار بىر كەڭلىككە جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن ‹‹قىزىل يەرشارى›› ئۈزۈمىنى قورغاستا يېتىشتۈرگەندە، ئامېرىكىدىكىدىن كۆپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىكەن. ھازىر قورغاستا نۇرغۇن ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىپ، مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ‹‹قىزىل يەرشارى›› ئۈزۈمىنى ئۆستۈرۈش بازىسى شەكىللەندى، بۇ يەر كەلگۈسىدە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ئورنىغا ئايلانغۇسى.

    قورغاس ناھىيەسىنىڭ تۆت پەسلى ئېنىق ئايرىلغان، كەڭساي، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، داشىگۇ، ساربۇلاق بازىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قار مىدارى كۆپ بولۇپ، بۇ يەرلەر قار تېيىلىش قاتارلىق قار– مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ماس كېلىدۇ.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى