• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەڭ يېڭى دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:48 14-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا «دۇنيا جېنىس رېكورتى قامۇسى 2018» يەر شارى مىقياسىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ، بۇ خىل يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ 63- سى. بۇ كىتابقا ئەڭ ئۇزۇن كىرپىكلىك ئادەمدىن تارتىپ، بەدىنىگە ئانتىنا ئورناتقان تۇنجى ئادەمگىچە كىرگۈزۈلگەن، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ قامۇسقا ئەزەلدىن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن غەلىتە ئىش ۋە ياشاۋاتقان غەلىتە ئادەملەر كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن.

    ئەڭ ئۇزۇن كىرپىك

    بۇ نامنىڭ ساھىبى دۆلىتىمىزدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىلىك يۇ جيەنشيا، چۈنكى ئۇنىڭ سول كۆز ئۈستۈنكى كىرپىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.4 سانتىمېتىرغا يېتىپ، دۇنيادا بۇ جەھەتتە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

    تىرناقلىرى ئەڭ ئۇزۇن ئايال

    ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىدىكى تىرناقلىرى ئەڭ ئۇزۇن دېگەن نامغا ئامېرىكىنىڭ تىكساس ئىشتاتىدا ياشايدىغان ئايانا ۋېليامس ئېرىشتى، چۈنكى بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئۇ 23 يىلدىن بۇيان تىرنىقىنى ئالمىغان، شۇڭا تىرناقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 576.4 سانتىمېتىرغا يەتكەن.

    يېشى ئەڭ چوڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ماھىرى

    ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىلىق جىم ئالېنتون ھازىر 85 ياشقا كىرىپ ئالتە ئاي ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ ھېلىھەم كەسپىي بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ماھىرىلىق ھاياتىغا خاتىمە بەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە نەۋرە – چەۋرىلىك بولۇپ قالغان ئالېنتوننىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەشقى قىلىۋاتقىنىغا 70 يىل بولۇپ قالدى، بۇ جەرياندا تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە 62 قېتىم قاتناشتى، 16 قېتىم چېمپىيون بولدى.

    قۇيرۇقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆي مۈشۈكى

    ھېلىمۇ ياشاۋاتقان بۇ ئۆي مۈشۈكى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا، ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 44.66 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ «ئاكىسى» مۇ ئىلگىرى بەدىنى ئەڭ ئۇزۇن مۈشۈك بولۇپ باھالانغان، ئۇنىڭ بۇ رېكورتىنى ھازىرچە بۇزىدىغان مۈشۈك چىقمىدى.

    بەدىنى ئەڭ ئۇزۇن ئۆي مۈشۈكى

    ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بۇ مۈشۈكنىڭ ئىسمى ئاكتۇرۇس، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 48.4 سانتىمېتىر؛ ئۇنىڭ بەدىنى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى يېڭى تەسىس قىلغان يېڭى تۈر ـــ «ئاجايىپ ھايۋان» دېگەن ئاتاقمۇ ئۇنىڭغا تەۋە بولدى. ئاكتۇرۇس ھەتتا ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، ئۈستەلدىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ يېيەلەيدۇ.

    ئەڭ ئېگىز سۈپۈرگىسىمان چاچ پاسونى

    ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىلىق بېننىي خارلىننىڭ سۈپۈرگىسىمان چاچ پاسونى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز، يەنى 52 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: چېچىمنى بىر قېتىم تۈزەش ئۈچۈن ئاز بولغاندىمۇ ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

    گارغا توپ تاشلىيالايدىغان توشقان

    ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى بېننىي ئىسىملىك بۇ گوللاندىيە توشقىنى گارغا توپ تاشلاش ماھىرى، ئۇ بىر مىنۇتتا گارغا يەتتە قېتىم توپ تاشلاپ، بۇ جەھەتتە رېكورت ياراتتى ۋە جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىردى.

    پۇتى ئەڭ ئۇزۇن قىز

    رۇسىيەلىك مودېل يىكاتېرىننا «پۇتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئايال» دېگەن نام بىلەن جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىردى، ئۇنىڭ سول پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.328 مېتىر، ئوڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.322 مېتىر كېلىدۇ.

    ياغاچ پۇت بىلەن ئەڭ ئېگىز سەكرىگەن ئادەم

    بېف خوتچىنسېن ئون يېشىدىن باشلاپلا ياغاچ پۇت ئويۇنىغا كىرىشىپ كەتكەن، 2016- يىلى 10- ئايدا ئۇ ياغاچ پۇت بىلەن 3.36 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئوڭۇشلۇق سەكرەپ ئۆتكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزى ياراتقان بۇ رېكورتنى بىرنەچچە قېتىم يېڭىلىغان، يېقىندا يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى.

    يالغان قولى بىلەن گۈل چېكەلەيدىغان ئادەم

    فىرانسىيەدىكى بەدەنگە گۈل ۋە باشقا نەرسىلەرنى چېكىش بىلەن داڭق چىقارغان ساتان تېرناي 23 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە ئوڭ قولىنىڭ بىلىكىدىن ئايرىلغانىدى، ئەمما ئۇ يالغان قولى بىلەن بەدەنگە گۈل چېكىشنى داۋاملىق مەشىق قىلغان. ئۇ بۇ يالغان قولى بىلەن بەدەنگە چېكىلگەن نەرسىلەرنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ ياكى سايىلەشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان خېرىدارلار بۇ نەقىشلەردىن كۆرە، ئۇنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىگە بەكرەك ھەيران قالىدۇ.

    بەدىنىگە ئانتىنا بېكىتكەن تۇنجى ئادەم

    ئەنگلىيەلىك نېئال خاربىسېن 2004- يىلى بېشىنىڭ ئارقىسىغا ئانتىنا ئورناتقانىدى، بۇ ئانتىنا رەڭ ۋە ئاۋازلارنى پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان، ئۇ بۇ ئانتىنانى تورغا ئۇلاش ئارقىلىق تېلېفون بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


    پوئودلې ئېيىقى ئەڭ كۆپ ئادەم

    ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي داكىتا ئىشتاتىلىق جاسكېي مالېي «ئەڭ كۆپ پوئودلېي ئېيىقى قونچىقى بار ئادەم» دېگەن نام بىلەن قامۇسقا كىردى، چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق ئېيىقىدىن 8025 ى بار، ئۇ بۇلارنى «پوئودلې ئېيىقى بازىرى» دىكى ئۆيىدە ساقلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان تۇنجى پوئودلې ئېيىقىنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا سېتىۋالغان .

    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى