• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇبەيدىكى غەلىتە قۇرۇلۇشلار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:45 13-09-2017
    تەھرىر : مىھراي
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۇبەي غەلىتە ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. دۇبەي خۇددى ھەشەمەتلىك لايىھەلەرنىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا دۇبەيدە: دۇبەي ئارخېتىكتورلارنىڭ جەننىتى، پەقەت سىزدە ئىدىيە ۋە ئىجادىيلىقلا بولىدىكەن، ھەممە نەرسە رېئاللىققا ئايلىنالايدۇ، دېگەن گەپ بار.

    شام سارىيى

    دۇبەيدىكى شام سارىيىنىڭ 54– قەۋىتىدىن 97– قەۋىتىگىچە تەكشى ئەمەس، ئۇ خۇددى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىر قارىسا شام يېنىك تەۋرىنىپ كۆيۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىكى ۋە قۇرۇلمىدىكى يېڭىلىقى دۇنيادا تەڭداشسىز.

    پالما ئارىلى

    دۇبەيدىكى پالما ئارىلى 300 نەچچە كىچىك ئارالدىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئاراللارغا مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان.

    دۇبەي مۇنارى

    دۇبەي مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 818 مېتىر، بۇ مۇنار ئېگىزلىك جەھەتتىلا رېكورت يارىتىپ قالماي، يەنە دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز لىفىت ئورنىتىغان، بىرىنچى قەۋەتتىن 124 – قەۋەتكە چىقىشقا پەقەت 70 سىكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

    ئانارا بىناسى

    ئانارا دەپ ئاتالغان بۇ بىنا گەرچە دۇبەي مۇنارىدەك ئېگىز بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ قىياپىتى ھەقىقەتەن گۈزەل.

    بېكەت

    دۇبەيلىكلەرنىڭ مۆجىزە ۋە دەبدەبىگە بولغان ئىنتىلىشى پەقەت ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردىلا ئەمەس، ئىنچىكە ھالقىلاردىكى ئۆزگىچە لايىھەلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. دۇبەيدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ھەشەمەتلىك ۋە ئىنتايىن زامانىۋى.

    ئالماس ئۈزۈك مېھمانخانىسى

    ئالماس ئۈزۈك مېھمانخانىسى ئىسمى– جىسمىغا لايىق ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈككە ئوخشايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنى غەلىتە قۇرۇلۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ غەلىتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر چاتمىسى بىردىن ياتاق بولۇپ، بۇ مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولسىڭىز ، پاراشۇت ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

    دۇنيا ئارىلى

    دۇنيا ئارىلىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى يەتتە چوڭ قىتئەنى ياساپ چىقىش ئىدى. لېكىن دۇبەيلىكلەر بۇنداق چوڭ ئارالنى سېتىۋالالايدىغان ئادەم يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، يەتتە قىتئەنىڭ لايىھەسىنى 300 كىچىك سۈنئىي ئارال لايىھەسىگە ئۆزگەرتىپ، دۇنيادىكى چوڭ قىتئەلەرنىڭ شەكلىدىكى سۈنئىي تاقىم ئارالنى ياساپ چىقتى.

    دۇبەي سەيلىسى

    دۇبەي سەيلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ رەڭدارلىقىدا. دۇبەي سەيلىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن، Nakheel شىركىتى دۇبەي دېڭىز قىرغىقىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا بىر سۈنئىي ئارال ياسىغان.

    يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيى

    يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيىنى ئەرەبلەر ھەشەمىتىنىڭ سىمۋولى، دۇبەينىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بۇ مېھمانسارايغا كىرسىڭىز خۇددى ئالاۋىدىننىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرگەندەك بولىسىز. بۇ مېھمانساراينىڭ ھەشەمىتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن.

    «شىنجاڭ گېزىتى»

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى